- تىزىملاتقان
- 2012-8-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4558
- نادىر
- 0
- يازما
- 277
ئۆسۈش
  85.27%
|
بۇ مەزمۇن 14قەۋەتتىكى be42lateدە2013-01-04 15:10يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مارگىنال نى قوشۇمچە قىممەت، ياكى بولمىسا قوشۇمچە قىممەت يارىتىش دەپ ئالساق بولىدىغۇ دەيمەن.........
مارگىنال نى قۇشۇمچە قىممەت دەپ ئېلىشقا بولمايدۇ ، مارگىنال سۆزىنىڭ مەنىسى ئورۇن يۆتكەپ سېلىشتۇرۇش ، يەنى سىز نىڭ ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىڭىز بىلەن قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزنىڭ پايدا زىيىنىنى سېلىشتۇرۇش دېگەنلىك بولىدۇ.
قوشۇمچە قىممەت دېگەنگە كەلسەك، ماركىسىزىم ئىقتىسادشۇناسلىقىدا كاپتالىسىتلارنىڭ ئىشچىلاردىن ھەقسىز ئىگەللېۋالغان قىممتىتى . ئەمما ھازىرقى زامان ئىقتىسادشۇناسلىقىدا قوشۇمچە قىممەت-- كۆزلەنگەن قىممەت يارىتىلغاندىن كېيىنكى قىممەت ئارتۇقچىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئەگەر سىز مەلۇم سەرمايە، مەلۇم ۋاقىت بىرلىكىدە مەلۇم پايدىنى كۆزلىگەن بولسىڭىز لېكىن كۆزلىگەندىن ئارتۇق پايدا تاپقان بولسىڭىز ، دەل شۇ پايدا مەيلى شىركەت ياكى سىز ئۈچۈن قوشۇمچە قىممەت بولىدۇ.
ئۇيغۇردا كەم بولىۋاتقىنى دەل شۇ قوشۇمچە قىممەت يارىتالايدىغان ئىقتىساسلىقلار قوشۇنى، شۇنداقلا مارگىنال ئانالىزىنى ئەمىلى قوللىنالايدىغان روھ. |
|