ئىنىم ئۆتكۈر1995 نىڭ1- -سۇئالىغا قىسقىچە جاۋاب بىرىپ ئۆتەي: بىرىلگىنى: 200مىڭ يۈئەنلىك مەبلىغى (يەر، بىنا، ماشىنا، كومپىيۇتىر قاتارلىق مۇقىم مۈلۈك ۋە شىركەت بانكىسىدىكى نەق پۇل دەپ پەرەز قىدىم ) بار يىڭى شىركەت 4 خىزمەتچى بىلەن ئىش باشلىماقچى. ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئىش ئورنىدا ئالىدىغان مۇئاشى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ئىيىغا 1500 يۈئەن.: شىركەتنىڭ بىرىنجى يىرىم يىلدا قىلماقچى بولغان كىرىمى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ئىيىغا 10000 يۈئەن،( بۇ تامامەن مۈمكىن ،ئىھتىماللىغى بىر يەنى، مۇقەررەر)شىركەت قۇرۇلۇپ-3--ئىيىدىن باشلاپ كىرىمنىڭ ھەسسىلەپ ئىشىش ئىھتىماللىغى 70% دىن يۇقۇرى (بولۇشنىڭ ىھتىماللىغى بولماسلىقتىن يۇقۇرى). ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلە: خىزمەتچىلەرنىڭ مۇئاشىنى قانچىدىن بىكىتىش ئانالىز: 10000 يۈئەنلىك كىرىم قىلىشىڭىز ئۇچۇن مۇقىم مەبلىغىڭىز ئۇپرايدۇ. بۇ مۇقىم مۈلۈكنىڭ ئۇپرىشى بولۇپ ، چىقىمنىڭ بىر تۈرىدۇر. مەسىلىنى ئاددىلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇنى ئويلاشماي تۇرايلى. مۇئاش -ئۆزگىرىشچان تەننەرققە كىرىدۇ. خىزمەتچىلەر ئۆز مەنپەئەتىنى ئويلايدىغان كىشىلەر بولۇپ، سىز ئۇلارنى ئەركىن ئەمگەكچىلەر بازىرىدىن قوبۇل قىلماقچى دەيلى. ئەگەر سىز ئۇلارغا پەرقلىق دەرىجىدە تەمىنات بەرمىسىڭىز ، يەنى 1500 دىن يۇقۇرى مۇئاش ۋە شىركەتنىڭ كىلەچەكتىكى تەرەققىياتىدىن مەنپەئەتكە ئىگە بولىدىغان ئىشەنچ بەرمىسىڭىز، ئۇلارنىڭ سىزنىڭ شىركەتكە ئىشلەپ بىرىشى ناتايىن. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھازىر ئىلىۋاتقىنىدىن كەم بەرسىڭىز ئۇلار سىز ئۈچۈن ئىشلىمەيدۇ. سىزنىڭ مەقسىدىڭىز پايدىنى زورايتىش، مۇنداقچە ئىيتقاندا چىقىمنى تىجەش. شۇڭا سىز ئۇلارغا ئامال بار ئاز مۇئاش بىرىشنى ئويلايسىز، ئۇلار ئامال بار سىزدىن كۆپرەك مۇئاش ئىلىشنى ئويلايدۇ. دىمەك، بۇمۇ بىر خىل سودىلىشىش جەريانى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئادەملەر نەقنى نىسىدىن چوڭ كۆرىدۇ، مۇقەررەرلىكنى ئىھتىماللىقتىن ياخشى كۆرىدۇ. خىزمەتچىلەر "پايدىمىز ھەسسىلەپ ئاشقاندا، مۇئاشىڭنى ئاشۇرۇپ بىرىمىز" دىگەن ۋەدىدىن، بۈگۈنكى نەق ئارتۇق بولغان 1 يۈئەننى چوڭ كۆرىدۇ.
خۇلاسە: شۇڭا، كەم دىگەندە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئىيىغا 1501بىرىشىڭىز كىرەك، ئەگەر بىر يۈەننىڭ پەرقلىق سىتىۋىلش كۈچى بولسا. |