- تىزىملاتقان
- 2012-12-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 472
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
ئۆسۈش
  86%
|
بىر مىللەتنىڭ يېمەكلىكى ئۇ يالغۇز قۇرساق تويغۇزۇش ماتېرىيالى بولۇپلا قالماي، يەنە شۇ مىللەتنىڭ ئىتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ. مۇسۇلمانچە يېمەكلىكنى سېتىپ چىقىرىش ئەلۋەتتە ئىسلام مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش رولىنىمۇ قوشۇپ ئۆتەيدۇ. ئارمان شىركىتى ئۆزىنىڭ "مۇسۇلمانچە يېمەكلىك" تىن ئىبارەت مەھسۇلات ئورنىنى بېكىتىپ بولغاندىكىن، بۇ يولدا تەۋرىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. مەھسۇلات ئورنى بېكىتىلگەن ئىكەن، تەبئىي ھالدا بازار ئورنىمۇ ئايدىڭلاشقان بولىدۇ، يەنى مۇسۇلمانلار ۋە مۇسۇلمانچە يېمەكلىكنى ياقتۇرىدىغان غەيرى مۇسۇلمان ئامما. شۇڭا بازار قوغلىشىپ باشقا مەدەنىيەتلەرنى ئارىلاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى يوق. بۇنى تۈزىتىشى كېرەك.
بۇنى بايقىغان ئىكەنمىز، سەمىمىيلىك بىلەن رادىل ئەپەندى ۋە ياكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا ئىنكاس قىلىپ، ئۆزگەرتىشىگە ياردەم قىلساق بولىدۇ. ئۇلار تەكلىبىمىزنى رەت قىلغاندا ئاندىن توردا ئەيىبلىسەكمۇ كىچىكمەيمىز. مىللىي كارخانلىرىمىزنى قوللايلى، ئۇلارغا خاتالىقلىرىنى توغىرلاش پۇرسىتى بېرەيلى! چېقىۋىلىشقا ئاران تۇرغان ھەرىدەك گۈررىدە ئولاشماي، گەپلىرىمىزنىڭ ۋەزىنىگە دىققەت قىلايلى! سەۋەنلىك ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم يوق، ئەمما ئۇنى ۋاقتىدا تۈزەتكەنلەر يەنىلا خەلقىمىز تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىدۇ. |
|