- تىزىملاتقان
- 2012-9-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2047
- نادىر
- 0
- يازما
- 91
ئۆسۈش
  1.57%
|
«ئارمان» ھەر قېتىم چوڭ مەرىكىلىرىمىزدە، يەنى قۇربان ھېيت، رۇزى ھېيت ۋە نۇرۇزلاردا ئۆزىگە خاس كارخانا مەدەنىيىتى بىلەن بىزنى ئاجايىپ مىللىي ئىپتىخارلىققا چۆمدۈرىدۇ. بىز ئۇ يەردىن پەقەت نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىپلا چىقمايمىز. پۈتۈن ئۇيغۇرچە پۇراق، ئۇيغۇرچە مەدەنىيەتتىن ھۇزۇرلىنىپ چىقىمىز. ئۇندىن باشقا ئارمان يەنە، تېلىۋىزور ئېلانچىلىقىنى ۋە «مەشرەپ»تەك پىرۇگراممىلارنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ،بىزنى يەنە مىللىي ئەنئەنە ۋە مىللىي روھ بىلەن ئۇزۇقلاندۇرىدۇ. دىمەك، «ئارمان»پەقەت، نۇقۇل تاللا بازار بۇلۇپلا قالماي، يەنە بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى ھەرخىل يوللار ۋە ۋاستىلەر بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان چوڭ كارخانا. ئۇ رايۇنىمىزدىلا ئەمەس بەلكى يەنە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مۇسۇلمان ئاممىسى ھەتتا باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەردىمۇ بەلگىلىك تەسىرى بار مۇسۇلمانچە كارخانا. بۇنداق ئېتىبارغا ئىرىشىش بىر ئىككى يىللىق ئەجىر ئەمەس ئەلبەتتە. شۇڭا بۇ يەردە ئۆزىنى مۇسۇلمان ئاتىۋېلىپ كۆزنى يۇمۇپلا غەيۋەتنى قىلىۋېرىدىغان قېرىنداشلىرىمىز، ئۆزىمىزنىڭ سالاھىيىتىمىزگە يەنە بىر قېتىم زەن سېلىۋېتىپ ئاندىن پىكىر بايان قىلساق.
شىنجاڭ نۇقۇل مۇسۇلمانلار رايۇنى بولمىغاچقا ، تىجارەت دىگەندە مۇشۇنداق ھەر خىل ۋاستىلەردىن پايدىلىنىدىغان گەپ.ھەممىنى مۇسۇلمانچە شەكىلدە قىلىسەن دېيىش، ھېلىغۇ جۇڭگوكەن ،ھەتتا ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى بولغان دۆلەتلەردىمۇ مۈشكۈل ئىش. غەربنىڭ شەكلى ئارىلاشمىغان نە بار؟!لېكىن مەيلى شەكىل قانداق بولسۇن، ئۇ يەردە سېتىلىۋاتقىنى يەنىلا مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەر. شۇڭا شۈبھىلەنمەي، ھەم بىزنىمۇ شۈبھىلەندۈرمەي يەۋەرسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى «ئارمان» ،ئۇ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر كارخانىسى. |
|