ئىماملىرىم يېزىسىدا بىر ياشانغان ئادەمدىن ئەسمىتۇللاھ بېگىمنىڭ ئاچىتاغدىكى قەبرىسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاڭلىدىم. ئۇ ئاچىتاغدا ياشاپ ئۆتكەن مەرھۇم ئەھەت قارى ھاجىمدىن جايتاغ مازىرىدىكى ئەسمىتۇللاھ بېگىمنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاڭلىغان ئىكەن. بالام بىلەن ئىككىمىز جايتاغ مازىرىنى ناھايىتى تېزلا تېپىۋالدۇق. بۇنىڭدىن ئىككى يۈز ئەللىك يىللار بۇرۇن ئۈچتۇرپان خەلقى نورۇز ئۆتكۈزىدىغان توققۇز بۇلاقنى ھۆكۈمەت تارتىۋالغاندىن كېيىن نورۇز بايرىمىنى جايتاغدا ئۆتكۈزۈپ كېلىپتۇ. ھەر يىلى ئۇچتۇرپاننىڭ يېزىلىرىدىن، ھەتتا ئاقسۇ، ئونسۇلاردىنمۇ جايتاغدىكى نورۇز بايرىمىغا، نورۇز ئېشى "ھەپتە سالام" غا ئېغىز تېگىش ئۈچۈن مىڭلىغان ئادەملەر كېلىدىكەن. ئۇ ۋاقىتلاردىكى جايتاغ، توققۇز بۇلاقتىن قېلىشقۇسىز گۈزەل ماكان بولۇپ گۈل-گىياھلارنىڭ خۇشپۇراقلىرى خېلى يىراقلارغىچە گۈپۇلدەپ پۇراپ تۇرىدىكەن. ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان توشقان دەرياسىنىڭ لاتقا ئېقىنلىرى نەتىجىسىدە دەريا بويلىرى مۇنبەت زىمىنغا ئايلانغان ئىكەن. ھەيران قالارلىق يېرى، شۇ چاغلاردىكى جايتاغدا ھەسەل-ھەرىسىنىڭ ئۇۋۇسى شۇنچىلىك كۆپ بولۇپ، بۇلۇتتەك يۈرگەن ھەسەل ھەرىلىرىنى كەڭرى يايلاق ۋە ئورمانلاردا كۆرگىلى بولىدىكەن. جايتاغدىكى يوغان تاشلارنىڭ ئاستى ياكى توقايلىقلاردىكى ھەرە ئۇۋىلىرى ھەسەل بىلەن توشۇپ كېتىدىكەن. ئۇياق-بۇياققا ئۆتكەنلەر ئېھتىيات بىلەن ماڭمىسا ھەرە ئۇۋىلىرىدىن سىرغىپ چىققان ھەسەلگە ئاياقلىرى چاپلىشىپ قالىدىكەن. تاغدىن دەريا بويلىرىغا قەدەر گۈل-گىياھلار ۋە ھەر خىل ئوت-چۆپلەر ئارىلىشىپ كەتكەن چەكسىز يېشىللىق ئىكەن. بۇ يېشىللىقنىڭ غەرپ تەرىپى توشقان دەرياسىنىڭ تاراملىرىنى بويلاپ توققۇز بۇلاقتىن، باشئاقمىدىكى ئىپتىدائى جىگدىلىكلەردىنمۇ ئۆتۈپ تاكى ساپارباي(ھازىر ئاقچى تەۋەلىكىدە)غىچە سۆزۇلغان ئىكەن. شەرق تەرىپى ئونسۇدىكى قارادۆۋە، پاۋانلادىنمۇ ئۆتۈپ پاقىلىق دەريا بويلىرىدىن جامغىچە بېرىپ جەنۇپقا قايرىلىپ ئاقسۇ دەرياسىنى بويلاپ تاكى ئاۋات، غۇرۇچۆل، توقاي، ئاراللار بىلەن تارىم دەريا بويلىرى ئارقىلىق كۇچاغا كىرىپ كېتىدىكەن..... ئىككىمىز پىشىندىن بۇرۇنقى ياز ئاپتىۋىنىڭ ئوتتەك تەپتىگە قاقلىنىپ ياتقان كونا مازارلىققا كىرىپ كەلدۇق. بۈگۈنكى كۈندىن توپتوغرا ئىككى يۈز قىرىق بەش يىل بۇرۇنقى مۇشۇ كۈنلەردە ئۈچتۇرپان قوزغۇلاڭچىلىرى ئاچلىق ۋە قەھرىمانلىقتىن باشقا ھەممە نەرسە يوقالغان شارائىتتا كۈرەش قىلىۋاتقان ئىدى.... قەبرىستانلىقنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىدە يىقىلماي جاھىللىق بىلەن كۆكلەۋاتقان بىر نەچچە تۈپ ئاقتېرەك بىلەن قارىياغاچ ھاياتلىققا ۋەكىل بولۇپ تۇراتتى. سەزگۈلىرىم كۈننىڭ ئوتتەك تەپتى بىلەن يىللاپ كەتكەن جىمجىتلىقتىن باشقا ھېچنىمىنى سەزمەيتتى. مەرھۇم دادام كىچىك چاغلىرىمىزدا بىرەر قەبرىستاننىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە چوقۇم دۇئا قىلىش كېرەكلىگىنى، روھلارنىڭ دۇئاغا مەڭگۈ تويمايدىغانلىقىنى، يېنىدىن تىرىك ئادەم ئۆتسە دۇئا قىلىپ قويارمۇ دىگەن ئۈمۈت بىلەن خېلى يەرگىچە ئەگىشىپ ماڭىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. (مەن شۇ چاغدا دادامدىن باشقا مىللەتلەر ئۆتسىمۇ روھلار ئەگىشەمدۇ ؟ دەپ سورىغان ئىدىم. دادام كۈلۈپ كېتىپ، " ئۇلار بىزگە باشقا مىللەت كۆرۈنگەن بىلەن ياراتقان ئىگىسىگە ئۆز كۆرىنىدۇ. شۇڭا زارەتلىكتىن ئۆتۈپ بولغىچە مۇسۇلمان بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. روھلار نىمىشقا ئەگەشمىسۇن" دىگەن ئىدى.....) ئوتتەك قىزىپ كەتكەن ھاۋا نەپەسلىرىمنى بوغاتتى. ئەتراپىمدا ئاقۈش رەڭ بىلەن ئورالغان جىمجىتلىق ئىگىز-پەس سوزۇلۇپ ياتاتتى. يۈزلىگەن، مىڭلىغان روھلار بىزگە قاراۋاتقاندەك بىلىندى. ئىچىمگە بىر تىندىم؛ _ ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، ئى قەبرىستان ئەھلى، ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مۆمىنلەر ۋە مۇسۇلمانلار. ئىلگىركىلەر ۋە كېيىنكىلەر . ئاللە سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلسۇن. شۇنداقلا بىزنىڭ گۇناھىمىزنىمۇ مەغپىرەت قىلسۇن. سىلەر بىزدىن بۇرۇن كەلدىڭلەر. بىزمۇ سىلەردىن كېيىن يېتىپ بارغۇچىلارمىز........ قەبرىستاننىڭ ئوتتۇرىغا بارغاندا ئۇدۇلدىكى قارا تاشلىق تاغنىڭ باغرىدا ئاپپاق ئاقىرىپ تۇرغان قوش گۈمبەز كۆرۈندى؛ - ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، شېھىت بولغان قەھرىمان بېگىم !...... ئەسمىتۇللاھ بېگىم دارغا ئېسىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ جەسىتى ئاقسۇدىن ئاچىتاغقا ئېلىپ كېلىنگەن ۋە بۇ ئورۇنغا دەپنە قىلىنغان. (بۇ ۋەقەلەرنى ئاڭلىغاندا مانجۇ مەمۇرلىرىنىڭ بۇ جىنايەتچىلەرنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى چۈشەنمىگەن ئىدىم.)چۈنكى خەلق مۇبارەك نورۇزنى ئۆتكۈزىدىغان بۇ گۈزەل ۋادىنى ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك جايىغا مۇۋاپىق ھىساپلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ۋاقىتلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مازارلىق كېڭىيىپ ھازىرقى دەرىجىگە كەلگەن ئىكەن. تاغ باغرىدا ئىككى گۈمبەز بولۇپ، ئوڭ تەرەپتىكى ئەسمىتۇللاھ بېگىمنىڭ قەبرىسى ئىكەن. قەبرىنىڭ سول تەرىپىدىكى گۈمبەز تىلاۋەتخانە ئىكەن. ئۇنىڭدىن يۇقۇرراق ئۈستى تەرىپىدە ئۇزۇنسىغا بىر تام تۇراتتى. قارىماققا ئىلگىرى نەزىر-چىراق ياكى باشقا دۇئا-تەگبىر پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۆينىڭ ئىزىدەك قىلاتتى. گۈمبەز شەكىللىك تىلاۋەتخانىغا كىردۇق. تىنىقىم يۈرەكتىكى قىززىقلىقنى بازلايدىغان بىر سالقىنلىقنى ئىچىمگە سۈمۈرۈپ كىردى. ئوتتۇرىدىكى كونا بورىنىڭ ئۈستىگە كېلىپ ئولتۇردۇم. ئوغلۇم بالىلىق قىزىقىشلىرى بويىچە گۈمبەزنىڭ ئىسلاشقان تاملىرىدىكى ئىزلارغا، كونا ئوچاق ۋە دېرىزە ئورنىدىكى تۆشۈكلەرگە قىزىقىپ قارايتتى. ئۇدۇلدىكى ئىشىكتىن بېگىمنىڭ قەبرىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. تىكلەنگەن كۈن نۇرى چۈشۈۋاتقان گۈمبەز سايىدا سالقىنلىغان كۆزۈمنى قاماشتۇراتتى. تىلاۋەتخانىنىڭ ئىچىدىكى نەمخۇش تۇپراق يىللار جەريانىدا يۇمشاق ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئىدى. ئاپتاپتىن قېچىپ سايىدا ئارام تاپقان تېنىممۇ يۇمشاپ كېتىۋاتاتتى. تۇرۇپلا كاللامغا ئىلگىرى كېلىپ باقمىغان بىر ئوي كىرىۋالدى. ئۇ قەھرىمان بولۇشقا تەييارلانغان ئەشۇ مىنۇتلاردا قانچىلىك تەشۋىش ۋە قورقۇنچ ئازاپلىرىنى باشتىن كەچۈرگەندۇ ؟ ئۇ كۆڭۈلنىڭ خاتىرجەملىكىنى قەھرىمانلىقتىن ئىبارەت بۇ دەھشەت ئېغىر تۇيغۇغا قانداقمۇ تېگۈشكىسى كەلگەندۇ ؟! شۇ دەقىقە ئىچىمدىن بىر قىززىق تاۋۇش ئۆرلەپ چىقتى. "ئامالسىزلىق...." بۇنىڭدىن ئۈچ يۈز يىللار ئىلگىرى مىللى ساتقۇن ھىدايىتۇللا ئون ئىككى مىڭ جۇڭغار تاجاۋۇزچىلىرىنى باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالىدۇ. يەكەننى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇرۇشتا قولغا چۈشكەنلەرنى ئۆلتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇراسىمدا جۇڭغارلارنىڭ باشلىغى غالدان بوشوكتۇ ئەسىرلەر ئىچىدىكى يەكەن خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى ۋەكىلى سەركەردە ئېۋەزبېگىمنى چاقىرىدۇ. بۇ جۇڭغار، بېگىمنىڭ ئۇرۇشتىكى باھادىرلىقىنى بىلگەچكە ئۆزىگە خىزمەت قىلسا ئۆلۈمدىن خالاس بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنداقلا يۇقۇرى مەرتىۋە بېرىشكە ۋەدە قىلىدۇ. بىراق ئېۋەز بەگ قەتئى رەت قىلىدۇ. ئاخىرىدا غالدان ئۇنىڭغا " بۇ چەنتولاردىن ساڭا ئوخشاش مەردانىلەرمۇ چىقىدىكەن-ھە...." دەپ تەنە قىلغاندا ئېۋەز بېگىم " توغرا، يېنىڭدا ئولتۇرغان ئاۋۇ مۇناپىقلار چىققان ئەلدىن ماڭا ئوخشاشلار چىقمىسا، بۇ قانداقمۇ ئاللەنىڭ ئادالىتى بولسۇن ؟!...." دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. شۇ چاغدا ھىدايىتۇللا(ئاپپاق خوجا) غالداننىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىكەن.... ئېۋەز بېگىم ئېيتقاندەك ياراتقۇچى پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن ئادىل . چۈنكى ئېۋەز بېگىم، رەھمىتۇللاھلاردىن كېيىنكى نەچچە يۈز يىلدا ئاللەنىڭ ئادالىتى بىلەن قارا يۈرەكلەر ئۈچۈن قانلىق قىساسلار ئۈزۈلۈپ قالمىدى. بوران ئوتنى ئۆچۈرگەن بىلەن چوغنى ئۆچۈرەلمىدى. زەھەرلىك يىلانغا كۈشەندە بولغان بۈركۈتلەر ھامىنى ئاسماندا پەرۋاز قىلىپ تۇردى. ھەققانىيەت جەڭچىلىرىنىڭ تەغدىرى قانداق ئېچىنىشلىق بولغان بولسا، زالىم كۈچلەرنىڭ تەغدىرىمۇ ئۇلاردىن ئانچە پەرقلەنمىدى. بوۋىسىنى دارغا ئاسقانلارنىڭ بوينىغا نەۋرىسى قىلىچ سالدى. بىراق.......تىنجىماس زىمىن، تىنجىماس ئەجدات نىمىگە ئېرىشتى ؟! ئامالسىزلىقتىن مەجبۇرلانغان بۇ كۈرەشلەرنىڭ خاتىمىسى خەلق ئويلىغاندەك ياخشىلىق ئېلىپ كېلەلمىدى. زۇلۇمنىڭ زەنجىرى پاچاقلانمىدى. ئاتىسى سۆرىگەن سۆرەمنى بالىسىمۇ سۆرەۋەردى. بىر زۇلۇم ئىككى بولسا بولدىكى يېرىم بولمىدى..... خىياللىرىمنىڭ كەينى گۈمبەزنىڭ ياڭاق توختىمايدىغان چوققىسىدا توختاپ قالدى. قېلىن خىياللارنىڭ ئاستىدىن بىر سادا ئېتىلىپ چىقتى؛ - ياق ! ...... خىياللىرىم پارچە-پارچىلارغا بۆلۈندى. پارچىلاردىن ھەر-خىل قىياپەتتىكى مىڭلىغان روھلار نامايەن بولدى. گاھىلىرىنىڭ قولىدا قىلىچ، گاھىلىرىنىڭ بوينىدا تاقاق پۈتىدا ئىشكەل، گاھىلىرىنىڭ ئۈستى-بېشى قىپقىزىل قان....... ئۇلار قەلب دۇنيايىمغا باستۇرۇپ كىردى. ئەلەڭشىپ قالغان ئىستەكلىرىمنىڭ ياقىسىدىن سۆرەپ ماڭدى..... - بۇنداق دىيىش ئادالەتلىك پەرۋەردىگارغا بۆھتان قىلغانلىق. ئۇنىڭ "ھەركىم ئەجىرىگە يارىشا نېمەتكە ئېرىشىدۇ" دىگەن ۋەدىسىگە ئىشەنمىگەنلىك. ئەشۇ كۈرەشلەر مەۋجۇتلۇقنىڭ نىداسىغا ئوخشاش بۇ مىللەتنىڭ چاقىرىقىغا ئايلاندى. ئەشۇ كۈرەشلەر قۇمدەك ئادەملەرنى جەملەيدىغان يورۇق نۇقتىغا ئايلاندى. ئەشۇ كۈرەشلەر بۇ مىللەتنىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى بىباھا داستانلىرىغا، يالقۇنلۇق ھىكايىلىرىغا ئايلىنىپ ئەۋلات بىلەن ئەجدات ئوتتۇرىسىدىكى مەنىۋى كۆۋرۈك ئورناتتى. ناۋادا....... ئەشۇ كۈرەشلەر بولمىغان بولسا، مەن سېنىڭ بىلەن قانداقمۇ ئورتاقلىق تاپالايتتىم ؟! ئەشۇ كۈرەشلەر بولمىغان بولسا سەن ئەۋلاتلىرىڭغا نىمىنى سۆزلەپ بېرەتتىڭ ؟ ئەشۇ كۈرەشلەر بولمىغان بولسا بالام بىلەن يىراقتىكى سوفىيانە قومۇلدىن غازىيانە ئاقسۇغا نىمىنى ئىزدەپ كېلەتتىم ؟ ئەشۇ كۈرەشلەر بولمىغان بولسا بىزنىڭ ئىسىم-زاتىمىز، يوسۇن-قائىدىمىز، نەپرەت-مۇھەببىتىمىز مەۋجۇت بولامتى ؟.......... ئۇلۇغ پەرۋەردىگار ! ساڭا ھەمد ئېيتىمىز. سەن تەڭداشسىز ئادالەت ئىگىسى. سەن ئەجداتلارنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ زور ئىنايەتنى بەردىڭ. ئۇلارغا بىر مىللەتنى ساقلاپ قېلىشتىكى شانلىق تارىخنى بەردىڭ........ مانا بۇ قەھرىمان ئېۋەزبەگ ئېيتقان ئاللەنىڭ ئادالىتى ئىدى. ...بىز تىلاۋەتخانىدىن چىقتۇق. بۇ چاغدا كۈن غەرپكە قىيسايغان بولۇپ، يىراقتىكى ئاچىتاغ تەرەپتىن سالقىن شامال كېلىۋاتاتتى. قەبرىلەرنى دەسسەپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلىپ، كىرگەن يولىمىز بىلەن قايتتۇق. مازارلىقنىڭ ئىشىكىدىن چىقىۋېتىپ كەينىمگە يەنە بىر قارىغۇم كەلدى. بىرنەچچە قەبرىنىڭ ئۈستىگە تىكىپ قويۇلغان ياغاچلاردا بىرنەرسە مىدىراۋاتقاندەك قىلدى. توختاپ قارىدىم. ئەسلىدە ياغاچقا باغلانغان رەخت پارچىلىرى شامالدا يەڭگىل سىلكىنەتتى. - خەير، ئامالسىزلىقنىڭ قەھرىمانلىرى......
( داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ!) |