- تىزىملاتقان
- 2015-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 449
- نادىر
- 0
- يازما
- 32
ئۆسۈش
  74.5%
|
sunay يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 09:57 
سوفىيانە دىگەن نىم دىگەن گەپ!غازىيانە دىگەنچۇ؟
1430-يىلدىن كېيىن ئىسلام دىنى ئەمدىلا تارقىلىشقا باشلىغان قۇمۇل رايۇنىدا تەرىقەت پىشىۋالىدىن مىرسەيىت جېلىل قاتارلىق ئىشانلار خەلق ئارىسىدا تەسەۋۋۇپچىلىقنى تەرغىب قىلغان . ئۇزاق مۇددەت بۇددا دىنى تەرىقەتلىرى ھۆكۇمرانلىقىدا بولغان قۇمۇل خەلقى ئىسلام دىنى تەسەۋۋۇپ پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ، ئىشانلارغا ئىخلاس قىلغۇچىلار كۆپەيگەن. بۇ خىل قولاي شارائىتتىن پايدىلانغان خوجا ئەھمەت كاسانىينىڭ نەۋرىسى خوجا مۇھەممەت يۈسۈپ قۇمۇلدا تەرىقەت سۈلۈكىنى يۈرگۈزگەن . بىر رىۋايەتتە ، خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان ئاپپاقمۇ قۇمۇلدا تۇغۇلغان.
تۇرپاندىكى كېپەكبەگ تارخاننى ئۆلتۇرۇپ ، سىياسىي ھوقوقنى تارتىۋالغان ئىمىن سوپىمۇ تۇرپان، پىچان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا تەسەۋۋۇپچىلىقنى كەڭ كۆلەمدە تارقاتقان.
بەزى ماتېرىياللاردا ، قۇمۇلدىكى مۇسۇلمانلىق ئاساسەن ئىشانلار تەرىپىدىن ئوموملاشتۇرلۇپ پۇختىلانغان ، ھەتتا 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا كۆپلىگەن كىشىلەر تەرىقەت مۇرىتى بولغان . شۇڭا ، ئاھالە ئارىسىدا سوپىلارنىڭ كۆپلىكى ، خەلقنىڭ ياۋاش، مۇلاھىملىقىدىن قۇمۇل دىيارى " سوفىيانە قۇمۇل" دەپ ئاتالغان دېگەن گەپ بار.
ئاقسۇ نېمىشقا غازىيانە ئاقسۇ دەپ ئاتالغان ؟
خەلق رىۋايەتلىرىدە ئىيتىلىشىچە ، ئاقسۇ شەھرى ئەتراپىدا ، قەدىمدىن ھەر خىل جەڭلەردە شېھىتلىك مەقامىغا يەتكەن تارىختا ئاقسۇنىڭ ئىستىراتېگيىلىك ئورنى بەك مۇھىم بولغاچقا شۇڭا نۇرغۇن قانلىق دەھشەتلىك ئۇرۇشلار بۇ يەردە بولغان. قەھرىمان باھادىر غازىلار كۆپ چىققان شۇڭا ، " غازىيانە ئاقسۇ" دەپ ئاتالغان . بىبى مەسۇم ئەزىزەم ئىپارخان 1759-يىلى ئۇرۇشتا ھايات قالغاچقا شۇ نام بىرىلدى ، دگۇچىلەر بار. |
|