- تىزىملاتقان
- 2014-2-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1553
- نادىر
- 0
- يازما
- 65
ئۆسۈش
  55.3%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېما ئىگىسى ، سىز ئۇيغۇرۇمنىڭ ئۆز ئەپتىنى تولۇق ھەم روشەن كۆرەلەيدىغان يوغان بىر بوي ئەينەكتىن بىرىنى كەشىپ قىلىپسىز .
سۈپەتكە ئازراق بولسىمۇ ئەھمىيەت بېرىشنى بىلىدىغان قېرىنداشلىرىم مۇشۇ ئەينەككە قاراپ ، ئەپتىنى راۋۇرۇس تۈزەپ ، ئەلگە سۈپەتلىك ، چىرايلىق ، سالاپەتلىك كۆرۈنسۇن .
ئەلۋەتتە ، ئەپتىنى راۋۇرۇس تۈزەپ ، ئەلگە سۈپەتلىك ، چىرايلىق ، سالاپەتلىك كۆرۈنىشنى بىلەلىگەن ۋە مۇشۇنىڭغا ھەر ۋاقىت ئىنتىلىپ ، ئەھمىيەت بېرىدىغان ئاتا - ئانىلارلا پەرزەنتلىرىگە ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە ئىجابى تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۇلارنىڭ ياراملىق تەربىيىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ .
قانداق قىلىش كېرەك ؟
ئالدى بىلەن مەن ياراملىق ئاتا بولۇشۇم كېرەك ، بارلىقىمنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ياراملىق ئاتا بولۇش ئۈچۈن ، شۇنداقلا پەرزەنتلىرىمنى ياراملىق تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن سەرپ قىلالايدىغان بولۇشىم كېرەك . بالىلىرىمنىڭ ئانىسى ھەم شۇنداق بولۇشى كېرەك . سىز شۇنداق ئاتا بولۇشىڭىز كېرەك . سىز شۇنداق ئانا بولۇشىڭىز كېرەك .
بۇ تېما بىز ئۇيغۇرنىڭ ئەپتىمىزنى ئەينەن كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر بوي ئەينەككە ئوخشاپتۇ . ئەگەر مەن بۇ ئەينەكتىن چۈۋۇلغان چېچىمنى ، كۆزۈمنىڭ قۇيرىقىغا چاپلىشىپ قالغان چوپىقىمنى ، بۇرنىمدىن چىقىپ قالغان يىرگىنىچلىك تۈكلەرنى ۋە چاپلىشىپ قالغان قاقاچلارنى ، ئىگىز - پەس تۈگمىلىنىپ قالغان چاپىنىمنى ، كىرلىشىپ قالغان ياقامنى ... ئۆز ۋاقتىدا كۆرۈپ تۈزەشتۈرۈشنى بىلمىسەم ، مەن پەقەت بىر ئادەم - شۇ !؟ بۇنداق ئادەمدىن شۇنداق ئادەملەر يىتىشىپ چىقىدۇ . شۇنداق ئادەملەردىن ، شۇنداق جەمىيەت شەكىللىنىدۇ .
بولدىلا ، قۇرۇق گەپنى قويدۇم ! بۇگۈندىن بېشلاپ ئۆزۈمنى تۈزەيمەن ، پەرزەنتلىرىمگە قاتتىق مەسئۇل بولىمەن . مېنىڭ ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ئالدىدا چىراي سارغايتقۇم يوق . ئۇيغۇر مىللىتىمنىڭ چىرايى سارغىيىشىنى ھەرگىز خالىمايمەن . ... سىزچۇ؟!
|
|