قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: tugluq

قانداق قىلىش كېرەك؟-داۋۇت ئوبۇلقاسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

2179

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10256
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 281
تۆھپە : 506
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 21:00:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ماقالىنى كۆكنۇر نېت تورىدىن ئېلىپ يوللىغان ئىدىم مەنبە نىمىشقا چىقىرىۋىتىلگەندۇ؟  يەنە ئەسكەرتەي

 ماقالە مەنبەسى؛  كۆكنۇر نېت

2

تېما

0

دوست

7121

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   42.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 1668
توردىكى ۋاقتى: 961
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 21:13:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنى ئوقۇدۇم،پۈتكۈل ئاۋام سۆكۈلۈپتۇ، رەھبەردىن تارتىپ ئاۋامغىچە، سودىگەردىن تارتىپ ياماقچىغىچە ،گىنرالدىن ئەسكەرچىگە سۆكۈلمىگەن بىرمۇ ئادەم قالماپتۇ، ئەمما نىمە قىلىش كىرەك؟ دېگەن سۇئالغان يەنىلا جاۋاپ يوققۇ؟ ئاغرىنىش، ئېچىنىش، سۆكۈش،باشقىلارنى تەنقىد قىلىش، جىننى باقالمىغان كىشىلەردىن تارتىپ ھەممە شەخستىن يۈكسەك ئاڭ، ئالى بىلىم،ھەق-ناھەقنى تولۇق چۈشەنگىدەك مەلۇمات بولۇشنى تەلەپ قىلىش  بىلەن ماقالا ئاخىرلىشارمۇ ياكى نىمە قىلىش كىرەكلىكى توغۇرلۇق ئاقىلانە جاۋاپ چىقارمۇ؟ قېنى ئاخىرىنى كۈتۈپ باقاي. ئەگەر ماقالىنىڭ ئاخىرىدا نىمە قىلىش كىرەكلىكى توغۇرلۇق ئاقىلانە جاۋاپ چىقمىسا، بۇ ماقالە مېنىڭچە ئادەمنىڭ  ۋىجدان ئازابىنى ئېغىرلىتىپ،چۈشكۈنلۈك ھىسياتىنى ئۆرلىتىۋىتىدىكەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1411

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8535
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 426
توردىكى ۋاقتى: 400
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 21:59:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبەسى قومۇل ئەدەبىياتى ژورنۇلىنىڭ 10نەچچە يىل بۇرۇنقى سانى

4

تېما

0

دوست

571

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   14.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12006
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 137
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 22:51:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدىلىكتە زىيالىيلىرىمىز بىرمۇنچە قەلەم تەۋرىتىپ ئاىىردا قانداق قىلىش كېرەك دىسە بىزدەك دېھقان ،ناۋاي ، پۇقرا دەپ بېرەمىمىزمۇ قانداق قىلىشنى .
     توغرا ئېيتىلا ، قانداق قىلىش كېرەك .
    ئاۋۇ ھاجىم پۇلىنى ئېلىش ئۈچۈن ھاراقنى ئىچىپ ساپتۇ ،  قانداق قىلىش كېرەك ، ھاجىمنىڭ  سەللىسىنى ئېلىپ دارغا ئېسىش كېرەكمۇ .
    يوقىرىدىكى تورداش دىگەندەك سۆكۈلمىگەن ئادەم قالماپتۇ ، يوقىرى قاتلامدىن تارتىپ تۆۋەن قاتلامدىكى ئاددى پۇقراغىچە ، ھەتتا ھاجىملارغىچە سۆكۈلۈپتۇ ،. خۇددى مىللەتىمىزدىن بىرمۇ ياخشى ئادەم يوق ، قانداق قىلىش كېرەك دىگەن گەپ چىقتى .
   ئىمتىھاندا 60 نومۇردىن يوقىرى ئالسا ئۆتكەن ،85 دىن يوقىرى ئالسا  ياخشى ، 90 دىن يوقىرى ئالسا ئەلا 100 نومۇر بولسا ھەددىدىن زىيادە ئەلا دەپ ئايرىلىدۇ ،
   قېنى بىر بىلىپ باقساق ئادەمگەرچىلىك ، ئىنسانچىلىقنى قانداق ھېساپلايمىز ، زادى 100 نومۇرغا يەتمىسە ئۇ ئادەمگەرچىلىكى يوق ، قوڭالتاق ، نومۇسسىز بولامدۇ ياكى بۇنىمۇ پىرسەنتلەش ھېساپلاش ئۇسۇلى بارمۇ ؟
     بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ  جۇغراپىيە دەرسىدىكى نەتىجىسى ناچارراق بولسىمۇ باشقا پەنلەردىكى نەتىجىسى نورمال بولسا بۇ ناچار دۆت ئوقۇغۇچى ھېساپلانمايدىغۇ مەكتەپتە ،
  قانداق قىلىش كېرەك .
   100 نومۇرلۇق ياشا ئۇيغۇر ، بولمىسا سەن قوڭالتاق دەمدۇق ،

2

تېما

4

دوست

7387

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   47.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1131
تۆھپە : 1507
توردىكى ۋاقتى: 446
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-6 07:24:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل يازما!




تەلەپ :  ماقالىنىڭ ئىملا جەھەتتىكى ئەيىپلىرى  ئوڭشاپ قويۇلغان بولسا (ھېلىقى قىز قاچا يۇغاندەك ئىش قىلىنمىسا)

5

تېما

0

دوست

2179

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10256
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 281
تۆھپە : 506
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-7 13:16:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 11قەۋەتتىكى otkur1995دە2012-12-05 22:51يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەمدىلىكتە زىيالىيلىرىمىز بىرمۇنچە قەلەم تەۋرىتىپ ئاىىردا قانداق قىلىش كېرەك دىسە بىزدەك دېھقان ،ناۋاي ، پۇقرا دەپ بېرەمىمىزمۇ قانداق قىلىشنى .
     توغرا ئېيتىلا ، قانداق قىلىش كېرەك .
    ئاۋۇ ھاجىم پۇلىنى ئېلىش ئۈچۈن ھاراقنى ئىچىپ ساپتۇ ،  قانداق قىلىش كېرەك ، ھاجىمنىڭ  سەللىسىنى ئېلىپ دارغا ئېسىش كېرەكمۇ .
    يوقىرىدىكى تورداش دىگەندەك سۆكۈلمىگەن ئادەم قالماپتۇ ، يوقىرى قاتلامدىن تارتىپ تۆۋەن قاتلامدىكى ئاددى پۇقراغىچە ، ھەتتا ھاجىملارغىچە سۆكۈلۈپتۇ ،. خۇددى مىللەتىمىزدىن بىرمۇ ياخشى ئادەم يوق ، قانداق قىلىش كېرەك دىگەن گەپ چىقتى .
   ئىمتىھاندا 60 نومۇردىن يوقىرى ئالسا ئۆتكەن ،85 دىن يوقىرى ئالسا  ياخشى ، 90 دىن يوقىرى ئالسا ئەلا 100 نومۇر بولسا ھەددىدىن زىيادە ئەلا دەپ ئايرىلىدۇ ،
.......  

ئوبدان ئوقۇڭ ئەقەللىيەتت ،ئاددىسى دەپتىغۇ 60٪ پىرسەنت لاياقەتلىك بولساق بۈولاكەندۇق.ئەمىيىتىمىزدىن قارىغاندىمۇ شۇ .بۇنداق بولمىغاندىمۇ مۇكەممەللىككە تۇيغۇ ساقلاش مۇسۇلماننىڭ تەبئىتى.بۇ تەبىەت سۇنسا دۇنيا ئاللاھنىڭ ئەمەس ئادۋوكاتلار سوتچىلارنىڭ يەنى بۇرۇنقى تىلدا فېقئىلەرنىڭ دۇنياسى بولىدۇ.كوچىدا گۇناھسىز ياكى گۇناھكارلارلا قالىدۇ.موللا تۇگەيدۇ 

5

تېما

0

دوست

2179

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10256
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 281
تۆھپە : 506
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-7 13:20:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ(2)
(بېشى بار)
.

بىز ئالدى بىلەن  1927-يىلى ئەسلىمە يېزىپ قالدۇرغان ئادىل ھىكمەتبەگنىڭ 1917-يىلىدىكى خوتەن تەسىراتلىرىغا نەزەر سالايلى؛«خوتەندە ئۆلىما سىنىپى خەلىققە ھاكىم ۋە نوپۇزلۇق،ئەمما بۇلار پاكىزلىق ئىمان جۇملىسىدىن ئىكەنلىكىنى چۇشەنمىگىدەك دەرىجىدە ناداندۇر.ئۇلارنىڭ تېخى ناھايىتى پىنھان بىر سۇپەتلىرى باركى نەپسىگە ،شەھۋەتلىرىگە دۇم چۇشكەن.ئاھالىگە قىلغان تەبلىغلىرىدىن قارىغاندا زىننەت،كۆركەملىك،پاكىزلىق ھارامدۇر.بىر كىشىنىڭ يېڭى ۋە پاكىز كىيىم بىلەن يۇرمىكى – بۇ ئادەم شەيتانغا قاپسىنىپتۇ،تەكەببۇرلۇق شەيتانغا لايىقتۇر- پەتىۋاسىغا دوقىرىدۇ.ئۆيلەرنىڭ ياسىداق ياسىلىشى ھەم ئۆي ئىگىلىرىنىڭ كاپىر دەپ ئېلان قىلىنىشىغا سەۋەپ بولالايدۇ.شۇڭا خوتەندە پۇتۇن ئۆيلەر قارا تۇپراق بىلەنلا سۇۋاپ قويىلىدۇ.پەقەت ئاندا-ساندا ئۇچرايدىغان پىكىر ئىگىلىرى ياشلار بۇ قاتمال كاللىلارنىڭ ھۆكۇملىرىگە ئېتىبار بەرمەيدۇ ۋە نىسبەتەن پاكىزراق يۇرگىنىدەك ئۆيلىرىنىڭ تاملىرىنىمۇ ھاكلايدۇ.بۇيەردە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ناھايىتى ئېغىر موللىلار تەرىپىدىن زەھەرلەنگەن بىر قىسىم خەلق ئىككى كۇندە بىر خوتۇن ئالىدۇ ۋە قويىۋىتىدۇ.خوتۇنلۇققا ئېلىنغان قىزلار ئارىسىدا توققۇز ياشلىق مەسۇملار خېلى بار.بۇ شەررى بىر پاھىشۋازلىقتۇر.ئۆلىمالار بۇلارنى ھايۋانىي شەھۋەتلىرىگە ئۇيغۇن كۆرگەچكە،-خوتۇنلار -دەپ ۋەزلىرىنى باشلىغان چاغلىرىدا - ئىنسانلارنىڭ ھەۋىسىنى تەسكىن تاپقۇزۇش ئۇچۇن يارىتىلغان بۇ توغرىدا ھەدىس بار –دىيىشىدىكەن.ئۆلىمالارنىڭ بۇ گەپلىرىنى بۇ يەرنىڭ ھەممىلا يەرىدىن ئىشىتىدىكەنسىز.بەش يۇزلەپ خوتۇن ئالغان ۋە خېتىنى بەرگەنلەرنى ئۇچرىتالايدىكەنسىز.بۇ يەردە ئەخمەت ئىسىملىك بىرسى بىلەن تونۇشدۇقكى ئۇ ئون بىر ياشلىق بىر مەسۇمنى ئاپتۇ ۋە ئۇنىڭ تويلىغىغا بىر توپ ھەدىيە قىپتۇ..بۇ قىزنى ئۆيىنىڭ ئالدىدا توپ ئوينىغان ھالدا جىق كۆردۇق.بۇ ئادەم بۇ قىزنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق جەريانىدىكى پەريادلىرى ۋە ئۇنى قانداق بېسىقتۇرغانلىغى ھەققىدە  ئېغىزى-ئېغىزىغا تەگمەي سۆزلەشتىن قىلچە نومۇس قىلىپ قالمىدى.بىز بۇ كەبى ئەھۋاللارنى بۇرۇنلا ئاڭلىغان ئىدۇق تېخى ھىندىستاندىكى چېغىمىزدا چىن مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى بۇ رەزىللىكلەرنى ئاڭلاپ ئىشەنمىگەن ئىدۇق....توققۇز كۇندىن كىيىن ياركەنتكە كەلدۇق،يەكەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەتلىك ئەسەرلىرىگە توشقان بىر شەھەر بولغىنىغا قارىماي غېرىبانە ھالدا ئىدى.ئۆلىماسى دۇنيا ئىشلىرىدىن يىراق ئاخىرەت قايغۇسى بىلەن مەشغۇل بولغاچقىمىكىن بۇ يەردە خاراپلىق ئارتماقتا ئىكەن.بىز بىر ئۆتەڭگە چۇشتۇق.ئاخىرەت ئاشىغى بولغان ئۆلىما بۇ يەردە دۇنيالىق ئىشلارنى پەسكويغا چۇشۇرۇپتۇ-يۇ ھاۋايى-ھەۋەس شەھۋەتلەرگە ئۇيغۇن ئىشلار باش كۆتۇرۇپ بىر تالاي تۇرك ئاياللارنىڭ پاھىشە قىلىنىشىغا يول ئېچىلىپتۇ.بىز چۇشكەن سارايدىمۇ ياتاق-ياتاق پاھىشىلەر بار ئىدى.بىز پاھىشە بار ياتاقتىن نېرى بولۇش ئۇچۇن باشقا ساراي تەلەپ قىلدۇق .ئەمما بۇ يەردە پاھىشىسىز ساراينىڭ يوقلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق.شەخسىيەتچى،شەھۋەتپەرەس،ۋە جاھىل ئۆلىمالار توختىماي ھۆر پەرىلەر،غۇلاملار نەغمىلىرىنى ،خىزمەتلىرىنى ئەمرى-مەرۇپ قىلىپ مەلۇم جەھەتتىن پاھىشقا ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىدۇ.بۇلار ئىلىم نامىغا كاللىسىغا تولۇپ كەتكەن سەپسەتە ۋە خۇراپىلەرنى يايىدىغان ۋە مىللى بىر قابىلىيەت كۆرسۇتۇشتىن مەھرۇم كىشىلەردۇر...دۇرۇس بۇ يەردىكىلەردە ھەقىقەتەنمۇ بىر مۇھاپىزەتكارلىق بار.ئەمما بۇ ھەرگىز ئۆلىما دىيىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ نەتىجىسى ئەمەس.بەلكى بۇ مىللى بىر ئەن-ئەنىدۇر...باي ئاھالىسى باي كىلىدىكەن تىجارەت قابىلىيىتى يۇقىرى ئىكەن .خەلق مۇنەۋۋەر ۋە كۆزى توق ئىكەن ئەمما ئۆلىما سىنىپى يەنە بولمايدىكەن سەپسەتىچى ۋە جاھىل ئىكەن.دىنى بىلىمى تۆۋەنكەن قىلىدىغان ئىشى تۆت بەش تەڭگىگە ئارزۇلار بويىچە پەتىۋا چىقارماق ۋە ئەخلاقنى يىمىرمەكتىن ئىبارەت ئىكەن.بۇلار ھەتتا ئىسسىق كۇنلەردە باغلاردا سۆھبەت قۇرۇپ زەۋىق ۋە خاشاللىقنى تاپماق باھانىسى بىلەن مۇسەللەس نامىدىكى شاراپنىڭ ئىچىلىشىغا دەللاللىق قىلىدىكەن ئۆرە تۇرۇپ سىيگەن كىشى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كاپىركەن.ئەمما ئىككى كۇندە خوتۇن ئالماشتۇرۇش مۇباھ،مۇسەللەس ئىچمەك مەقبۇلكەن...قەشقەردە بىر-بىرى بىلەن دۇشمەنلەشكەن بايلار ئۆلىمالارنىڭ بۇ ھالىدىن پايدىلىنىغلىق ئىكەن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى قىسقا قىلىپ تۇرىۋاتقان بىرقانچە تەڭگە بىلەن ھەرقانداق ئىشنى قىلالايدىكەن.پۇلنى ئالغان موللا مېھراپقا چىقىپ؛ئەي ناس(ئىنسانلار)پالانى بەگ كاپىردۇر.خوتۇنى ئۇنىڭغا ھالال ئەمەس.ھىچقانداق كىشى ئۇنىڭغا سالام بەرمىسۇن.سالام بەرگەنلەر بولسا ئۇلارمۇ كاپىردۇر ۋە ئۇنىڭمۇ خوتۇنىنىڭ تالاق قىلىنىشى پەتىۋا شەرىپتە بولىدىغانلىغى ئايان بولسۇن دەيدىكەن. مانا ئۆلىمانىڭ ھالى! بىز بۇ ھادىسىلەرنىڭ بىرسىنى كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق.بۇ ئىش قەشقەردە ئۆمەر باي بىلەن ئىمىنباي ئارىسىدا بولۇپ ئۆتتى.

بۇ جايلاردا پەرمان پەتىۋا ئالماقچى بولغان بايلار بىرقانچە تەڭگە بىلەن ئەڭ ئەۋۋەل ئۆلىمانى قولغا كەلتۇرىدىكەن.باي مۇشۇنىڭ سايىسىدە خەلقنى تەھدىت ئىتىدىكەن،خوتۇن قويۇپ بېرىدىكەن ۋە ئالىدىكەن.تۇرلۇك يامانلىقلارنى قىلىدىكەن.شۇنداقتىمۇ خەلق بەك ياخشىكەن،مىللەتپەرۋەركەن  »[1]     راست مۇنداق زۇلمەت قاراڭغۇسىنىڭ،ئاش كەلسە، ئىمان قېچىشنىڭ ،ئەڭ ئەقەللى كىشىلىك ئىززەتكە بولغان سىزىمسىزلىكنىڭ،ئىنسانلىقنىڭ ئەمەس،ھايۋانىلىقنىڭ پەتىۋالارنىڭ بۇرنىدىن چۇلۇك ئۆتكۇزۇپ يىتىلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى تۇيماسلىقنىڭ مىسالى مۇنداق يىلتىزلىق بولغىنىدىن قارىغاندا يۇقىرىقىدەك ئاجىزلىققا ھەيران قىلىش ھاجەتمۇ؟ بەلكىم ھەرھالدا يۇقۇرقىدەك زۇلمەتلەرنى كۆڭلى كۆتەمىگىدەك بولۇپ قالدۇق دەپ شۇكرى قانائەت قىلىش كېرەكتۇ.ئەمما بۇ جاھالەت ئاسارەتلىرىنىڭ ئەڭ يامىنى بىزنىڭ كىشىلىك ۋە كەسپى خارەكتېرلىرىمىزنى،شەخسى ئىززەتلىرىمىزنىڭ چەك چىگرىلىرىنى  يوقىتىشىمىز ئىدى.ئىنساننىڭ ئىززىتى ۋە خارەكتېرىنى ھېس قىلالمىغان كىشىنىڭ تۇرمۇشنىڭ ھوزۇرى ۋە ئىززىتى،قۇتۇپ ۋە مۇقامنىڭ قىممىتى،كۆز ئالدىدىكى ئىشنىڭ زۆرۇرىيىتى،يوسۇنى ۋە ئېرادىسىنى تونۇپ كىتەلىشى ناتايىن ئىدى.ھالبۇكى بۇ نەرسىلەر شۇكرى قىلىشقا تىگىشلىك بۇگۇنكى كۇندە پەيدا بولدىمۇ؟ ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى جايلاشقان ئالتى شەھەردىكى «نوپۇزلۇقلار»نىڭ كۆرەڭلىكى،سۆلەتۋازلىقى،دەرىجىسىگە يارىشا ئېسىلزادە قىياپەتگە كېرىۋىلىشى،يوسۇن ھاسىل قىلىشى يوقىدىمۇ؟ئاۋام خەلىقنىڭ قۇللارچە قىياپەتلىرى،يۇرۇش تۇرۇشلىرى ئۆزگەردىمۇ؟،يۇقىرى تۆۋەنلىك تۇيغۇلىرى ئىنسانلىق ئىززەتنىڭ چەك چىگرىسىدىن ئوڭايلا بۆسۇپ ئۆتەلمەيدىغان بولدىمۇ؟

« قوشقارباي تەشكىللىگەن ئۆزبېك قوشۇنىنىڭ بۇ تەۋەككۈلچىلىكى يالغۇز ئۆزلىرىنىلا ھالاكەتكە تۇتۇپ بەردى ئەمەس، بەلكى قەشقەر تارىخىدىكى «6 − فېۋرال» پاجىئەسىنى مەيدانغا چىقاردى. ما فۇيۈەن قەشقەر خەلقىنىڭ ئۆزبېك قوشۇنلىرىغا ھېسىداشلىق بىلدۈرگەنلىكىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ «3 كۈنلۈك قەتلىئام» بۇيرۇقىنى چىقاردى. شەھەردىكى قورالسىز، گۇناھسىز كىشىلەردىن 6000دىن ئارتۇق كىشىنى دەھشەتلىك ھالدا ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. يىللاردىن بېرى ئەمگەك قىلىپ تاپقان پۇل − مال، ئۆي − سەرەمجانلىرىنى تالاپ كەتتى. ئايال − قىزلىرىنىڭ ئىپپىتىگە تەگدى. نەچچە يۈزلىگەن ياشنى ئەسكەرلىككە تۇتۇۋېلىپ سوقۇشلارنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ھەيدەپ ئۆلتۈرۈپ تۈگەتتى."[2][3]  بۇ ئەسلىمىنى ئوقۇۋېتىپ شۇنچىۋالا قەشقەرلىكلەر ئالتە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگىچىلىك نېمە ئىش قىلغان بولغىيتتى دەپ ئويلىغانىدىم.كاللامدا ھازىرغىچە مۇشۇ سۇئال بار. 1917-يىلى ئادىل ھېكمەتبەگ بىزنىڭ خارەكتېرسىزلىغىمىزنىڭ بىر مىسالىنى مۇنداق  قەلەمگە ئالغان ئىدى.«يېنىمىزغا يەنە ژاندارما ئەكەلدى.بۇلار ئارىسىدا ئەخمەق بىر مۇسۇلمانمۇ بار ئىدى.بۇ كىشىدىن قولىدىكى قورالغا ئوق سېلىپ ئېتىپ بېقىشنى تەلەپ قىلدىم .ئۇ بېجىرەلمىدى.قورالنى قولىدىن ئالدىم.بۇ ئەخمەق يىغلامسىراپ؛-بىزنى خاتىرجەم ياشىغىلى قويۇڭ،بۇ شەيتان ئىشىدۇر.پارتلاپ-مارتلاپ كەتمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ بۇنداق بولۇپ قالسا بېشىمىزغا بالا بولىدۇ.-دىدى.ئۇنىڭدىن –ئۇنداقتا ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان بۇ نەرسىنى نىمىشقا ئېسىۋالدىڭ –دەپ سورۇدۇم .ئۇ-بەرگەنتى ئېسىپ يۇردۇم شۇ دەپ جاۋاپ بەردى.» [4].دۇرۇس ئارىمىزدا مۇنداق ئادەملەر خېلى بار ئەمما بۇ يۇقۇرقى ۋەقەلىكنىڭ تۇپ سەۋەبى ئەمەس،بەلكى ئاشۇ ۋەقەلىكنىڭ ئۆزى  1851-يىلى سېپىل سېلىپ تاقاشقان ئۆيلەرنى ئۆرىگەنلىكى سەۋەپلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدىنىيەت ھامىيسى ،19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەدىبىياتىمىزغا دەۋر بولگۇچ تېماتىك مەزمۇن بەخىش ئەتكەن زوھۇرىدىن ھېكىمبەگنى بىرلىشىپ بېيجىڭ خانغا چېقىشتا مۇۋەپپىقىيەت قازانغان خەلقنىڭ  بولۇمسىز تەبىئىتىنى كۆرسىتىدىغان  ھادىسىدۇر؟ ھالبۇكى ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى مەن تېخى يىقىنقىلا كۇنلەردە بىر سورۇندا بىر ئوقۇمۇشلۇق كىشىنىڭ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە دەلىل قىلىپ شۇ قىرغىنچىلىق كۇنلىرىدە ئاتا بوۋىسىنىڭ باشقا ئۆيلەردىكى جەسەتلەرنى ئۆزىنىڭ ھويلىسىغا يۆتكەپ جېنىنى ساقلاپ قالغانلىغىنى سۆيۇنۇش بىلەن ھىكايە     قىلغىنىنى ئاڭلىدىم.ئەجىبا پاجىئە يەنە داۋاملاشمايۋېتىپتىمۇ؟

مەن ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەن مۇنداق بىر قىزنى بىلەتتىم، ئۇ شۇ چاغلاردا 29لارغا كىرىپ قالغانىدى. ئەمما نېمىشقىكىن ئىتتىپاق بەدەل پۇلى تۆلەيتتى. ھەر قېتىم پۇل تۆلىگەندە ئانچە − مۇنچە غۇدۇراپ قوياتتى. بىر كۈنى ئاشۇنداق غۇدۇراپ قالغان ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن  «يە بىزگە پايدىسى تەگمىسە، دەپ ھەر قېتىم بەدەل تۆلىگەندە غۇدىراپ يۈرگەندىن چېكىنىپ كەتسىلا بولمامدۇ» دەپ سورىدىم. ئۇ خىجىلچان كۈلۈپ مېنىڭمۇ يېشىم ئېشىپ كەتتى، ئەمما چېكىندۈرمەيدىغۇ تاڭ دەپ جاۋاب بەردى، بۇ جاۋابقا غىدىقىم كېلىپ تۇرسىمۇ «يەنە ياندۇرۇپ چېكىندۈرمەيدىغۇ تاڭ دېگەندىن ئۆزلىرى چېكىندىم دەپلا چېكىنسىلە بولمىدىمۇ، چېكىنىش − چېكىنمەسلىك سىلىنىڭ ھوقوقلىرىغۇ؟» دېدىم. ئۇ، "ئادەم قورقىدىكەن" دەپ تەئەججۈپ بىلەن قاشلىرىنى سۈزدى، ئەمدى بۇ ئىشلار ماڭا غەيرىي تۇيۇلمىدى. ھەجگە شۇنداق بارغۇسى بار، لېكىن پارتىيىنى چۈشىنىپ، سۆيۈپ ئەمەس ئۇنىڭدىن قورقۇپ ھەجگە بارالمايۋاتقان ئاتالمىش دەرتمەنلەرگە، يېزا − قىشلاقلاردا ئۇنىڭدىن − بۇنىڭدىن ئۈركۈپ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق دەم ئېلىش كۈنلىرىگىمۇ ئېرىشەلمىگىنىگە غىڭ قىلالمايۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە،ئىنسانلىق ئىززەتلىرىنى،ھەقلىرىنى بەدەل قىلىپ ياشاشتىن چېكىنمەيۋاتقان شەرەپسىزلەرگە،يۇقۇرىدىكىلەرگە قانچىلىك خوشامەت قىلىشقا كۆنۇككەن بولسا تۆۋەندىكىلەرگە ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسىلەپ يوغانچىلىق قىلىش بىلەن تەڭپۇڭلۇق تاپىدىغان كادىرلارغا  ھەيران قالمىدىم. دېمىسىمۇ ئۇلار شۇ خىزمەتچىلىكتىن باشقا نېمە ئىش قىلالايدۇ؟ ئەجىبا بۇ ئۇلارنىڭ زەردىلىرىگە يېتەرلىك يۈگەن ئەمەسمىكەن؟ دېگەنلەرنى كاللامغا ئەكەلدىم.

ئەمما ئۆزلۈكنىڭ مۇنداق نىمجانلىقى ئاخىرقى ھېسابتا ماڭا سوئال بولماي قالمىدى، راست ھېچنېمىنى ئويلىمىغاندىمۇ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا شەخستە قۇرۇق خىيال ۋە ئاساسسىز ھالدىكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ يەنى ئۆز − ئۆزىنى تەستىقلاش قۇدرىتى بولىدۇ. ئادەملەر مۇشۇ جەھەتتىن بىر − بىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ، شۇنىڭلىق بىلەن ئىقتىدار باغچىلىرىدىن ئەجىر مېۋىسى ئۈزۈشكە شۇنچە سالاھىيەتلىك كېلىدۇ ۋە مۇشۇ سالاھىيەتنىڭ يىغىندىسى بىر مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ. لېكىن ئىش بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك تۇرسا بىزنىڭ ھاياتىي كۈچىمىز يەنە قانچىلىك بولماقچى؟! مۇشۇنداق يەردە ئۆسكەن مېنىڭ ھاياتى كۈچۈم قانچىلىك بولماقچى؟! شۇنداق قىلىپ روھىيەت رىئاللىقىمىزدىن سەسكەنگىنىمدە − ھە!.... مۇشۇنداقكەن − دە، دەپلا قويۇپ ئۆزۈمنى ھەرقانچە چەتتە تۇتاي دەپ باقساممۇ بۇنىڭغا مۇۋەپپەق بولالمايمەن، راست بۇ مۇمكىن ئەمەس ئىشدە.قاغا بىلەن بىر بولساڭ يىيىشىڭ پوق بولماي قالامدۇ.

ھەر قېتىم ساتالمىغان ئۈزۈملەرنى يەشىك − يەشىككە يۆتكەپ، قاقلارنى يۇيۇپ ئىشلەۋاتقىنىمدا، «يانچۇقۇمدىن مىڭ دوللار يەرگە چۈشۈپ كەتسە شۇنى ئېڭىشىپ ئالغۇچە داۋاملىق ھالدا يولۇمغا مېڭىشىم كېرەك، بولمىسا زىيان تارتىمەن» دەپ خۇلاسە قىلغان. بىل گېيتىس يادىمغا يەتسە، ئۆزۈمچە كۈلۈپ كېتىمەن، 94 − يىللىرى دۆڭ كۆۋرۈك بۇلاقبېشىنى بىرتۇتاش لايىھىلەپ مىللىي سودا، ئۆي جاي بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال بازار قىلىش پىلانىدا تىپىرلاشلىرىم، كومپيۇتېر تەتقىقات مەركىزى قۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇنېۋېرسىتېتىگە قاتىراشلىرىم، ساپاسىز شېرىكلىرىمنىڭ 4     5 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا 3     4 يۈز مىڭ يۈەننى ئىشخانىدىلا يوق قىلىشى، ئەسلەپ، ئۈلۈغ − كىچىك تىنىمەن. ھە مەن بولسام ئۆمىلەپ يۈرۈپ بولسىمۇ ئالىمەن، چۈنكى بىزنىڭ ۋاقتىمىز ئاشۇنداق ئەزان دەيدىغان تەنە قان − قېنىمدىن جاراڭلايدۇ. كىرپىدەك تۇگۇلگەن يۈرەككە ئاراملىق بېرىپ، بىزگە ھازىر قارىملارچە ھالەتتە تۇرۇپ زور ئىگىلىك پىلانلىرىنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ئاللانىڭ كارامىتى، ھېس − تۇيغۇلىرى بىلەن باستۇرۇپ، يېتىپ قالمىغۇدەك پايدا بېرىۋاتقان تىجارەتنىڭ ئىنتىزاملىرىغا يۇۋاشلىق بىلەن بويسۇنۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ئەمەس، جان بېقىش ئۈچۈن ئۈزۈم، قاق سېتىپ كاۋاپچىلىق قىلىپ يۈرمىسەك بولمايدىغان ئوخشايدۇ، دەيمەن. بۇنداق چاغلاردا پىشانەمنى سوغۇق تەر بېسىۋاتقاندەك بولىدۇ، لېكىن نېمە ئامال؟ بۇنىڭغا كۆنمىسەم ئاستا كۈدە − كۆرپەمنى كۆتۈرۈپ چەتكە: تەدبىر ۋە پىلانلارنىڭ قەدىرىنى قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا سەزگۈر بىر جەمئىيەتكە چىقىپ كەتسەم بولىدۇ. ھېلىمۇ نۇرغۇن ئادەم مۇشۇنداقراق ئويلار بىلەن چىقىپ كېتىۋاتمامدۇ. شۈكرى ئەلھەمدۇلىللا. ئەمما مەن ھەر قانچە قىيىنچىلىق تارتساممۇ ئۇ دەرىجىگە تېخى بارمىدىم. پەقەت ئۇششاق ئادەملەر بىلەن تىلغا ئالغۇسىز ئىشلار ئۈستىدە تالاش − تارتىش قىلىشتىن، ئىشلەمچىلەر بىلەن قاملاشمىغان پرىنسىپ ۋە تەدبىر ھەققىدە مۇنازىرلىشىشتىن ئۆزۈمنى تارتىپلا تۇرۇپتىمەن.

تۇرۇپ بىرگىيتىس ئامېرىكا تارىخىدىكى ئاشۇ بۈيۈك ئىنسانلارنىڭ ئۆز مۇۋەپپەقىيىتىدە قانچىلىك ئورۇن تۇتىدىغىنىنى بىلەمدىغاندۇر؟ دەپ قالىمەن، ئەمما مەن بىلىمەن. بەلكىم قايسى دۆلەت، قايسى مىللەت بولۇشىنىڭ مۇھىملىقى ئۇنىڭ كاللىسىغا كەلدى ياكى كەلمىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن دىققىتى ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان تەرەققىياتقا، مەھسۇلاتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قانداق ئاشۇرۇش مەسىلىسىدە. ئەمما مەن ئۇنىڭ ناۋادا ئۇيغۇر بولۇپ قالغان بولسا، تولا بولۇپ كەتسە ئوقۇتقۇچى، بولمىسا پەقەت دوللارچى ياكى ئۈزۈمچى، قاقچى بولالايدىغىنىنىلا بىلىمەن. ھەتتا يەنە تېخى غەرب ئالىملىرىنىڭ جۇلاسىنىڭ خېلى بىر قىسمىغا دۆلەت، مىللەت ئابرويى يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، ھەتتا فارابىدەك پەيلاسوپلىرىمىزنىڭ بىكونچە بولالمايۋاتقانلىقىنى، بىكونمۇ تۇرۇپ تۇرسۇن كۇڭزىچەمۇ تىلغا ئېلىنمايۋاتقانلىقىنى،مۇھەممەد خۋارىزمى ئۇلۇغبېك، مۇھەممەد ئات تۈسىدەك ئالىملىرىمىزنىڭ كوپېرنىككە تەڭ قىلىنمايۋاتقانلىقىنىمۇ ھەتتا ئالگىبرا پېنىنىڭ ئاتىسى بىزدىن چىققان ئالىم دىسەم ھەتتا ئۆز خەلقىمنىڭمۇ گۇمان بىلەن قارايدىغانلىغىنى بىلىمەن. ئەلۋەتتە بۇ يەڭنى تۈرۈپ ئىشقا كىرىشىپ كەتكەنلەرگە ئاڭلاشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان گەپ. لېكىن، بۇ بىز ئۈچۈن بالىلىرىمىزنىڭ «بىلگەيتىس» چىلىك تىرىشىپ ھەرگىز بىل گېيتىس بولالمايدىغانلىقىدىن بېرىلگەن ئالدىن بېشارەت. ئەجىبا بىزگە بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق قاباھەتلىك بېشارەت بارمۇ؟

شۇنداق قىلىپ مەن داۋاملىق ئوقۇپ فىزىكا ئالىمى بولۇش ئارزۇلىرىمدىن ۋاز كەچتىم. نەچچە ئون يىللىق ئەقىدە ۋە ئوقۇيمەن دەپ پۇلنىڭ ئارقىدىن سوكۇلداشلىرىم كۆزۈمگە كۆرۈنمىدى. ياۋروپالىقلار، ئاتا − بوۋاڭلارغا بارىكاللا. مۇشۇ دەۋردىكى كەسپىي ئالىملىقنى سىلەرگە بەردىم، سىلەر بولىۋېلىڭلا! كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئېمپىراتور بىرگەيتىستەك ئاسىيا ئىقتىسادىي كىرىزىستا ئاساسلىق رول ئويناپ، بىر مۇنچە ئەللەرنىڭ سىياسىي سەھنىسىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەن سلوستەك ئادەملەرنىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن چىقىشى ھەق. بىزدىن پەلەكنىڭ چاقىغا مۇشۇنداق قول ئۇزىتىشتا سىلەر بىلەن بەسلەشمەكچى بولغانلار چىققان تەقدىردىمۇ ئۇلار ھەرگىز سېپى − سېپىدىن پاكىز، دۇرۇس ئادەملەر ئەمەس. بىزگە جاھان بىلىم ئىگىلىكىگە كىردىيەي، يەر شارى كىچىكلەپ كەتتىيەي دېگەندەك گەپلەر كېسەلگە بەزمە خوشياقمىغاندەكلا خوش يېقىپ كەتمەيدۇ. ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىق جىنايەت ئەمەس، بىزگە مۇشۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بىل گېيتىس بولغاندىن، سلوس بولغاندىنمۇ ئەھمىيەتلىك، شەرەپلىك ئىش دېدىم. بىز ئۇچۇن بارلىق ئىلىملەرنىڭ مۇشۇ تۈپ نىشان ئۈچۈن قانچىلىك خىزمەت قىلغانلىقى بىلەن قىممەتكە مۇيەسسەر بولىدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتى. ئەمما جاھاننىڭ ئىشلىرى مۇشۇنداق سەرەمجانلىشىقلىقمۇ؟

بىر چاغلاردا مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن خىزىر ئەلەيھىسسالام نامىدا ئېيتىلغان مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغانىدىم. بىر كۈنى مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن خىزىر ئەلەيھىسسالام بىللە سەپەرگە چىقىپتۇ، ئاي دالىدا پەقەت ئىككىلا ئۆچكىسى بار بىر تەقۋا تۇل خوتۇنغا يولۇقۇپتۇ. ئايال بۇ زاتى مۇبارەكلەرنىڭ يۈرۈش − تۈرۈشلىرىگە بېقىپ، ئۇلارنىڭ ئاللانىڭ دوست − يارانلىرى ئىكەنلىكىنى جەزم قىلىپتۇ − دە، ئىككىلەنمەستىنلا بىر ئۆچكىسىنى سويۇپ ئۇلارنى مېھمان قىپتۇ. كۈتۈشلەردىن مەمنۇن بولغان ئۇلۇغلار مېھماندارچىلىقتىن ئۇزاپ يولىغا مېڭىش ئالدىدا خىزىر ئەلەيھىسسالام دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ: «ئىي ئاللا! بۇ مەزلۇمنىڭ ئۆچكىسىنىڭ بىرىنى بىز يېدۇق، يەنە بىرىنى بۆرىگە يەم قىلارسەن، ئامىن» دەپ دۇئا قىلىپ، يولىغا راۋان بولۇپتۇ.

ئۇلار شۇ مېڭىشىدا مېڭىپ يەنە بىر يەرگە كەلگەندە قوتىنىدا مىڭ قويى بار بىر باينىڭ ئۆيىگە چۈشۈپتۇ، باي ناھايىتى بېخىل بىر ئادەم بولۇپ، ئۇلارنى ئىلمان كۈتۈۋاپتۇ. ئۇزاش ئالدىدا خىزىر ئەلەيھىسسالام يەنە دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ:  «ئىي ئاللا! بۇ بەندەڭنىڭ قوتىنىدىكى قوينى يەنە بىر قاتلىۋەتكەيسەن، ئامىن» دەپ دۇئا قىلىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان مۇسا ئەلەيھىسسالام ھەيران قېلىپ: «ئىي خىزىر! ئاللا يولىدا ھېچنېمىسىنى ئايىمايدىغان تەقۋا بىر مەزلۇمغا بەد دۇئا قىلدىڭ، بايلىقتىن باشقىنى بىلمەيدىغان بىر مۇشرىكقا كۆپ مال − ۋاران دۇئا قىلدىڭ، بۇنىڭ سىر ئەسراسى زادى نېمە؟» دەپ سوراپتۇ.

   ئىي مۇسا، دەپتۇ خىزىر ئەلەيھىسسالام     بايلىق كۆپ بولسا شۇنىڭ ئىشقى پىراقىدا ئۇنىڭغا تېخىمۇ بېرىلىپ ئاللانى ئۇنتۇيدۇ − دە، دوزاخ ئازابىغا مۇشتىرە بولىدۇ، بۇ كۇفرى مۇناپىقلارنىڭ مۇقەررەر ئاقىۋىتى، شۇنىڭغا بايغا تېخىمۇ كۆپ بايلىق تىلىدىم. ھېلىقى مەزلۇمنىڭ يەنە بىر قويىمۇ ئۆلسە ئۇنىڭ دۇنياسىدا ئاللادىن باشقا ھېچنەرسىسى قالمايدۇ، ئاللاغا تېخىمۇ سىغىنىپ مۇقەررەر مۇكاپاتىنى ئالىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا بەد دۇئا قىلدىم.

لېكىن، ئىش ھەقىقەتەن ئاشۇنداق بولامدۇ؟ دىنى تىل بىلەن ئېيتقاندا بايلىق ئىماننى قاچۇرۇپ يوقسۇزلۇق راستىنلا ئۇنى كۈچەيتەلەمدۇ؟ ياق ھېچ بولمىغاندا مەن ھەرگىز ئۇنداق قارىمايمەن، بەلكىم بۇ تەنتەك ئادەملەر ئۈچۈن شۇنداقتۇ. شۇنىسى جەزمكى، ناۋادا ئىمان بۇ ھېكايىدە بېشارە قىلغىنىدەك ۋۇجۇدقا دومىلاپلا كىرىپ، دومىلاپ چىقىدىغان يىلتىزسىز نەرسە بولىدىغان بولسا ئۇنداقتا ئۇ بايدىمۇ ئاجىز، يوقسۇلدىمۇ ئاجىز. پەقەت باي ئاشۇ ئاجىزلىقىنى زاھىر قېلىشقا قۇربەتلىك، يوقسۇل قۇربەتسىز بولۇۋاتقانلا گەپ.يالغان بولسا سىلەر تۇرمۇشنى كۇزىتىپ بېقىڭلار،تۇيغۇلىرى جايىدا ئەمما يوقسۇللۇق دەردىدە ئۆتكەن ياخشى كىشىنىڭ  قولىغا پۇل چۇشكەندە شۇنداق ياخشى بولالارمۇ؟كۆزىمىزگە ئىمانلىك كۆرۇنگەن بىرسى ھوقۇقنىڭ پېشىغا ئېلىشىپ قالغان كۇنى داۋاملىق شۇنداق كۆرىنەرمۇ؟قەلەندەر ئاتقا مىنسە چىقمىغان دۆڭى كىرمىگەن ئۆيى قالماپتۇ دەيدىغان گەپلەر بىكاردىن بىكا ئاتا سۆزى بولۇپ قالغاندىمۇ؟لېكىن، مەزكۇر ھېكايەت نېمىشقا مۇشۇنداق تەپەككۇر قىلمايدۇ؟ئاشۇ ئىماننى يوقنىڭمۇ بارنىڭمۇ تەسىرىگە ئۇچرىماي ئىنساننى ئىنسان قىلىدىغان بىر ماھىيەت دەپ پىكىر قىلمايدۇ؟

رامىزان ھەققىدە بىر دېھقاننىڭ مۇنداق ھېكايە قىلغىنىنى ئاڭلىدىم. بىر چاغلاردا ئاللا نەپسىنى دوزاختا نەچچە مىڭ يىللار ئوتتا تۇرغۇزۇپ، ئېپچىقىپ ئۇنىڭدىن:

     مەن كىم،  سەن كىم؟      دەپ سورىغاندا، نەپىس:

     سەن سەن, مەن مەن     دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئاللا بۇ بىدئەدنى ئۈچ كۈن ئاچ قويۇپ ئاندىن ئۇنىڭدىن

     مەن كىم؟ سەن كىم      دەپ سوراپتىكەن، نەپىس:

     سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم. مەن سېنىڭ بەندەڭ     دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن روزا تۇتۇش نەپسىگە پەرز بوپتۇ.

گەرچە بۇ رامىزان ھەققىدىكى «گال بارلىق پەسكەشلىكنىڭ مەنبىئى، ئۇنى كونترول قىلىشنى ئىگىلەش ئەقەللىي ساۋات، شۇڭا بۇنى ئىگىلىتىدىغان رامىزان پەرز» دەيدىغان ئېيتىشتىن روشەن پەرقلىق تۇرسىمۇ، مەزكۇر ھېكايىنىڭ دېھقانلارنىڭ ئېغىزىدىن چىقىشى، بولۇپمۇ يۇقۇرىقى ھېكايە بىلەن دوست تارتىشىپ تۇرۇشى پەرۋىشچى روھتىكى ئېغىر بىر  مەسىلىنى بېشارە قىلىپ  تۇرمامدۇ.

راست مەن پۇل تاپقان باي ئەمەس، نەپسىنى كونترول قىلىشنى بىلگەنلەر باي، دەيدىغان ئېيتىشقا مايىل تۇرساممۇ، ئەمما يەنىلا ئۆز تەجرىبە ۋە ھېس − تۇيغۇلىرىمغا ئېتىبار بېرەتتىم، ئۇلار نىزام ۋە ئىنتىزاملارغا ئېتىبار بېرەتتى. مەن پىنھانە مەنىۋىيىتىمدە مەردۇ مەردانە ياشاشنى ئىستەيتتىم، ئۇلار قانداقتۇر بىر ھالاۋەتنىڭ مۇكاپات بولۇشى ئۈچۈن ياشايتتى. ئۆز ئوقوغۇچىلىرىمغا دەرىس ۋاقتىدا ئەركىن بولۇڭلار، نېمە قىلىشنى خالىساڭلار شۇنى قىلىڭلار. ئوينىغىڭلار كەلسە ئويناڭلار، پاراڭ سالغۇڭلار كەلسە پاراڭ سېلىڭلار، مەن دەرىس سۆزلەپ سىلەرنىڭ دىققىتىڭلارنى ئۆزۈمگە تارتالمىسام، بۇ مېنىڭ سەۋەنلىكىم، سىلەردە گۇناھ يوق. ۋاقىت بەك قەدىرلىك نەرسە، مەن سىلەرنى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزغانغا چۇشلۇق نەرسە بېرەلمىسەم، ئويناشقا، خالىغاننى قىلىشقا سىلەر تامامەن ھەقلىق، دېدىم. كۆزۈمگە نەپىس − خاھىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق كونترول قىلىشقا ماھىر ۋە كۈنەك بالىلار ئەمەس، بەلكى خاتا بولسۇن، توغرا بولسۇن، ئۆزىنى ئىپادىلەۋاتقان كەپسىز، شوخ بالىلار ئوماق كۆرۈندى ۋە ئادەم دېگەن شۇنداق بولۇشى، ئەگرى ئۆسسىمۇ مەيلى، يىگىلەپ قالماسلىقى كېرەك. كېسەل بار ئىكەن ئاشكارا بولغىنى ياخشى. جىمجىملا جان تەسلىم قىلىۋەتسە نېمە دېگۈلۈك، دەيتتىم. تەپسە تەۋرىمەيدىغان جىمغۇردىن، ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان ئەسكى ئىللىق كۆرۈنەتتى. ئېنىقكى، بۇ ئەنئەنىۋى پەرۋىشچى روھقا زىت ئىدى. ئۇلار  خۇددى زامانىمىزدىكى "موللىچاق"لار "بۇيۇك ئالىم"دەپ ئاتايدىغان  مەشھۇر بىر ئەرەپ ناتىقتەك«ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇرۇشىنى ياۋۇزلۇق دەپ ھېسابلايدۇ، ئەمما مەن ئۇنى ئادىللىق دەپ بىلىمەن. ئۇقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ تەنبىھ بەرگەنلىكىنى ئاتىسىغا ئېيتسا ئۇ چوقۇم  بۇ ياۋۇزلۇق ئەمەس ئادىللىق، ئوقۇتقۇچى سېنى ياخشى ئۆگەنسۇن دەپ ئۇرىدۇ، دەيدۇ. ناۋادا ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ تەنتەك ئۆلچەملىرىنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆلچەملىرى ئورنىغا قويسا بۇ قاملاشمايدۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، مەن ئىنساننىڭ ئۆلچەملىرىنى ئاللاغا تاڭسام بولامدۇ؟ كېسەل بالا دوختۇرنىڭ ئوكۇل سېلىشىنى ياۋۇزلۇق دەپ بىلىدۇ، ئەمما بۇ ئۇنىڭ ئاتىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا مۇتلەق ئادىللىق، بۇنىڭدىكى سەۋەب، بالا ئاغرىقنى كۆزدە تۇتۇۋاتقان بولسا، ئاتا ساقلىقنى كۆزدە تۇتۇۋاتقان گەپ» دەپ ئىنسانى روھنى چەتكە قالدۇرماقچى بولىدۇ. ئەمما مەن تاياق يېگەن ئوقۇغۇچىنىڭ نارازى بولمىغىنى، ئوكۇل سالغان بالىنىڭ يىغلىمىغىنىدا چوقۇم چاتاق بار، يۇقىرىقىدەك ئېيتىشنىڭ ئۆزى ئىش قولاشتۇرىدىغانلارنىڭ ئەمەس، ھۆكۈمدىن ھۆكۈمچىلەر «مېتافىزىكىچىلار»نىڭ پوسونى دەيمەن. مەن نەپسىڭنى قويۇۋەت، ئۇنىڭ ئالجىغىنىنى كۆرەي، ئۇ ئالجىپ نەگە باراتتى، ئاخىر پەلسەپىگە تۇتۇلۇش بىلەن پەزىلەت ئېلىپ جايىنى تاپىدۇ، جىمغۇرغا بۇ ھۆكۈمنىڭ توغرا بولۇشى تەس، دەيتتىم. ئەمما ئەنئەنە نەپسىڭنى يىغ، كونترول قىلىشنى ئۆگەن دەپ، روھ  قانداق بولسا ئۇنى مىدىر − سىدىر قىلدۇرماي شۇنداق تۇرغۇزۇشنى ئىستەيتتى. ھەتتا بۇ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئىنسانىي تەبىئەتلەرنىڭ ئەمەلىي كۈچى  سەۋەبلىك خېلى كۆپ تەرەپلەردە  خرىستىيانلارنىڭ ئىنسان روھى دۇنياغا كېلىشتىنلا نوقسانلىق دەيدىغان تۈپ ھۆكۈمىنىڭ تەسىرى ياكى دەستىكىدە ئىنساننى كەمسىتىش خاھىشىغىمۇ  ئاللىقاچان پېتىپ بولغان ئىدى.ئىنساننىڭ ئۆز شەرىپى ۋە ئېكرامىغا كۆلەڭگە چۇشۇرمەسلىك ئېرادىسى ، سۇننىتى كىشىلىكتە ئىككىلىكنىڭ بولۇشىغا يېشىل چىراغ ياققان، ئىنسان تومۇرلىرىدا شەيتان بولۇش ئۇقۇمىنىڭ ناتوغرا تەدبىقلىنىشى بىلەن سەلتەنىتىنى يوقاتتى.شۇنىڭ بىلەن. «شەيتان ئازدۇرۇپ»، «شەيتاننىڭ ئارقىغا كىرىپتىمەن» دېگەندەك گەپلەر يېنىكلىك  بىلەن ئېيتىلسىمۇ بولىۋېرىدىغان بولدى، كىشىگە نۇمۇس ۋە ئاجىزلىق ھېس قىلدۇرمىدى، روھنى تاۋلاپ پەزىلەت بېرىشكە تېگىشلىك ھادىسىلەر تولىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ ئۆتمۈشكە تاپشۇرۇلۇپ، مۇسۇلمان تۇغۇلغان روھ ئۆمرىدىكى كەچۈرمىشلەردىن كېيىن ئەسلىي ھالىتىگە قايتالماس بولۇپ قالدى. قاقشال روھنىڭ ۋۇجۇدىدا شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن باشقا تۈزۈكرەك تام، تۈۋرۈكلەر بولمىغاچقا، ئادەمنىڭ باشقا ھەرقانداق جەھەتتە تاققا − تۇققالىشىشى، تۇترۇقسىزلىشىشى كۆزگە كۆرۈنىشلىكلا ئىش ئىدى. تەبىئىكى، بۇ يەكدىللىقنىڭ ئاتا بېكتەك مىساللىرىنى شالاڭلاشتۇرۇپ، تەنتەكلىك، يەڭگىللىكنى ئاۋۇتىۋەتتى.

بىر كۈنى پاراڭلىشىشقا ئەرزىگۈدەك بىر داموللا ئاغىنىمىزگە مۇنداق بىر ھېكايە توقۇپ بەردىم، سوۋېت ئافغانىستاننى بېسىۋالغان مەزگىلدە ئۈچ نەپەر پارتىزان قىچىپ كېتىۋېتىپ، بىر يەرلىككە ئۇچراپ قاپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ شۇ يەرگە قويۇلغان يەرلىك ساقچى ئىكەنلىكى سېزىلىپتۇ، ئەينى چاغدا ئۇلار ناھايىتى خەتەرلىك شارائىتتا بولۇپ، بۇ مۇناپىقنى ئۆلتۈرۈش ئامان قېلىشنىڭ بىردىنبىر كاپالىتى ئىكەن، شۇڭا ئۇلار بۇ ساقچىنى ئاتماقچى بولۇپتۇ، لېكىن ھېلىقى ساقچى ناھايىتى ھىلىگەر نەرسە بولغاچقا، پارتىزانلار ئۇنى ئۆلتۈرگىلى كەلگەندە: «لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدەن رەسۇلەللاھۇ» دەپ تۇرۇۋاپتۇ. شەرىئەتتە كەلىمە شادەتنى ئېيتقانلارنى ئۆلتەرمەسلىك بولغاچقا، بۇ ئۇلارنىڭ ساقچىنى ئۆلتۈرۈش − ئۆلتۈرمەسلىكىنى مۇنازىرىگە سېلىپ قويۇپتۇ، ئۈچىسى ئاخىرى ئۇنى ئۆلتۈرمەي كېتىپتۇ. ھېلىقى ساقچى ئۇلارنىڭ ئارقىدىنلا ھۆكۈمەت ۋەدە قىلغان مۇكاپات ئۈچۈن مېڭىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئۈچ پارتىزان نۇرغۇن جەڭلەردىن ئامان قېلىپ ئاخىرى شۇ يەردە تۇتۇلۇپ جېنىدىن جۇدا بولۇپتۇ.

داموللا ھېكايىنى ئاڭلاپ بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن: «ھەدىسلەردىن قارىغاندا،  ئۆلتۈرمىگىنى دۇرۇس بوپتۇ»  دېدى. مەن ئۆزۈمچە كۈلۈپ كېتىپ: «ئۇلارنىڭ ئۆلگىنى نېمە بولدى؟» دەپ سورىدىم. ئۇ پېتىنى بۇزمايلا:  شۇنداق قالتىس پاجىئە بوپتۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەجرىنى ئاللا چوقۇم بېرىدۇ.» دەپ جاۋاب بەردى. مېنى بۇ جاۋاب ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈردى. ئەمما، كۆڭلۈمگە ئۆزىنى تەستىقلىماسلىقنىڭ ئەينى شارائىتنىڭ تەقەززاسىنىمۇ نەزەرگە ئالماسلىققىچە بارغاندەك تۇيۇلدى. يا ئەرەبلەرمۇ ئۆز ئەجرىنى ئاللادىن كۆرۈش ئۈچۈن قۇرئاندىن باشقىنى ئۆگەنمەي، تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك − تۈرلۈك ساھەلىرىدىكى ئىلگىرىلەشنى روھىنى بىسەرەمجان قىلىشقا يولاتماي ھەتتا جاينىمازلىرىنىمۇ خەقلەرگە توقۇتۇپ، ئۆزى ئاللا ئاتا قىلغان خام نېفىتنى خەجلەپ ياتقانمىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدىم. ئەجەبا مېنىڭ تۇتقان يېرىدىن بىر نېمە يۇلۇپ چىقالمايدىغان ئادەم چوقۇمكى، ھەممە ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمەيدۇ. نىفىت ئىشلەپچىقىرىشنى 40 − 50 يىللاپ بىلەلمىگەن ئادەم، ھەتتا جاينىمازنى بولسىمۇ ئۆزۈم توقۇي جۇمۇ دەيدىغان ھېسلارغا كېلىپ باقمىغان ئادەم، كۆز ئالدىدىكى زۆرۈرىيەتنى تۇيۇپ شۇنىڭغا سادىق بولالمىغان ئادەم چوقۇم باشقا ئىشنى قىلالمايدۇ، قۇرئاننىمۇ ئۆگىنەلمەيدۇ، ئىبادەتنىمۇ قاملاشتۇرۇپ قىلالمايدۇ. بەندىنىڭ مۆجىزىسىگە، كۆز ئالدىدىكى كارامەتكە ئىنكاس قايتۇرمىغان، چۈشىنىشكە ئىنتىلمىگەن ئادەم ماھىيەتتە ئاللانىڭ مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىگە ھەرگىز قىزىقمايدۇ دەيدىغان تەسىراتىم خاتامىدۇ؟ ئەينى رېئال تەقەززالىققا سادىق بولالماسلىق ئىش قولاشتۇرالماسلىق مۇشۇ داموللامنىڭ روھىنى ئۆز − ئۆزىدىن سۇندۇرۇپ، ئۇنىڭ قانداقتۇر بىر ئىرادە تەپچىپ تۇرغان دۇنياسىنى نىمجان قىلىۋېتەلمەسمۇ!؟ يا بۇ كۆز ئالدىمىزدىكى ئاقىۋەت بولمىغاندىكىن بولىۋېرەرمۇ!

ئەنە بېرىپ كۆرۈپ باقىلى، ھەر بىر نوپۇسقا ئالتە فۇڭ يەر توغرا كېلىدىغان خوتەننىڭ نامراتچىلىق، ئامالسىزلىق قاپلاپ كەتكەن يېزىلىرىدا ھەتتا ئاتا − بالا، ئەر − خوتۇن ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئالىيجانابلىقى قانچىلىك دەرىجىدە گالنىڭ ھۆددىسىدىن ئاران − ئاران چىقىۋاتقان ئىقتىدار مەزلۇملۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي تۇرالىدى؟! ئادەتلىرىمىزگە تىنىپ كەتكەن كىشىلىك قەدىر − قىممەت، يوسۇنلىرىمىزدا يالتىراۋاتقان مەردۇ مەردانىلىق شۇنىڭلىق بىلەن چۇپەي ئىقتىسادىي كىشىلىك مۇناسىۋەتكە يول بەرمەي تۇرالىدىمۇ؟! خاراكتېردىكى بىچارىلىك، پەزىلەتسىزلىكنىڭ قايسىسىدا يوقسۇزلۇقنىڭ يالدامىسى يوق. ئەجەبا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ھوقوق تاپقانلارنىڭ جاڭگالدىمۇ شورپىسى قاينىماي قېلىۋاتامدۇ؟ ھىچ بولمىغاندا بالىلىرى پاكىزلىق يۇرىگى توقلۇق جەھەتتە ئاقسۆڭەكلىككى يېقىنلىمايۋاتامدۇ؟ ئىش قولاشتۇرماي جەھىر سېلىپ ئولتۇرغانلارنىڭ ئاشۇ ئولتۇرۇشى تەبىئەت ئىنتىزاملىرىدەك سۈزۈك سۈپەتنى قەلىبلەردە دۇغلاشتۇرۇشتىن قانچىلىك ئۆزىنى تارتىۋالاۋاتىدۇ؟! مۇشۇنداق قەلبتە ئىشنىڭ يولى قانچىلىك جۇلالىنىۋاتىدۇ. مۇشۇ خىل جۇلالىنىشنىڭ ئەمەلىيىتىدە بىز قانچىلىك ئادەم بولۇپ كەتمەكچىتۇق! شۇڭا  ھەر ئىنساندىن سىلى ھۈنەرۋەنمۇ؟ چوڭلاردىن قالغان مىراس، جامائەتنىڭ خەيرى − ئېھسانى، ھۆكۈمەتنىڭ ساخاۋىتى دېگەنلەردىن خالىي ھالدا جانلىرىنى بېقىپ باققانمۇ؟ بىرەر ئىشنى تۇتقانمۇ ياكى ۋۇجۇدقا چىقارغانمۇ دەپ سورىغۇلۇق. بولمىسا چىن مۇناسىۋەتتە كۆتۈر قاسقىنىڭنى دىگۇلۇك. چۈنكى پەزىلەتلىك روھ بولمىغاندا ياخشى ئەمەل، بولمىغاندا سېپى ئۆزىدىن ياخشى ئەمەلنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئىجابىي ياخشى ئەمەلنىڭ بولۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. يالغان بولسا قاراپ باقىلى. قانچىلىك «ياخشى»دوسلىرىڭىز ،تۇققانلىرىڭىز قىيىن كۇنلەردە يېنىڭىزدا بولالايدۇ؟ قانچىلىك «ياخشى» ئىنسانلار ھەقىقى ئىشنىڭ كويىدا ئۆرتىنەلەيدۇ؟ساناقسىز مۇئەللىملەر،يازغۇچى شائىرلار،زىيالىلار، موللىلىرىمىزنىڭ ئەمىلى دۇرۇستەك بولىۋاتقىنى بىلەن روھى قانچىلىك پەزىلەتلىك؟ مۆمىنلىك دەۋاسىدىكى قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقىنى كىتابقا ئۇيغۇن بولغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ روھى قانچىلىك؟ ئەمەل كىيىم، روھ − ماھىيەت، ئۇ روھنىڭ پەزىلىتىنى دەلىللەش ئۈچۈن لازىم. شۇنداق تۇرسا يالغان گۈل، يالغان دەرەخ تەبىئەتكە قانچىلىك ياراشماقچىتى؟





--------------------------------------------------------------------------------

[1] «ئاسىيادا بەش تۇرك» ئادىل ھېكمەتبەگ  1998- يىلى ئىستانبول 288،312،322،323- بەتلەرگە قاراڭ

[2]

[3] شىنجاڭ تەزكىرىسىنىڭ 2000 − يىللىق 2 − سان، 15 − بەتتىن ئېلىندى.



[4] «ئاسىيادا بەش تۇرۇك» ئادىل ھېكمەتبەگ 327-بەتكە قاراڭ


http://www.koknur.net/list.asp?unid=1909

6

تېما

0

دوست

1898

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   89.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12103
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 409
تۆھپە : 312
توردىكى ۋاقتى: 143
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 22:42:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ  ئەمەسمۇ  ئادەمنىڭ بەزى  كىچىكىنە ئىشلىردىن ئاز  تۇلا  بولسىمۇ  كەلگۈسنى   كۆرگىلى بولىدۇ . ئادەم  ھەر  ۋاقىت  تەپەككۈر  بىلەن ياششى لازىم تىمىڭزغا  رەھمەت  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )