- تىزىملاتقان
- 2012-11-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1882
- نادىر
- 0
- يازما
- 78
ئۆسۈش
  88.2%
|
نۆۋەتتىكى تور تەرەققىياتى تۇرمۇش ۋە خىزمەتلىرىمىزگە ناھايىتى كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۆيىمىزدە ياكى ئىشخانىمىزدا ئولتۇرۇپلا لازىملىق نەرسىمىزنى توردا زاكاس قىلىپ توردا پۇل تۆلىسەك نەچچە كۈندىلا قولىمىزغا تېگىدۇ، تېلىفونىمىزنىڭ پۇلى تۈگەپ كەتسە توردا پۇل تاپشۇرۇپلا ئاچتۇرۇۋالغىلى بولىدۇ. بۇ قولايلىقلارنىڭ قېرىنداشلارچە مىھىر-شەپقەت، خەيىر-ساخاۋەت ئارزۇلىرىمىزدىمۇ ئۆز ئەكسىنى تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا توردا مۇشۇنداق قېرىنداشلارچە مۇراجەتلەرنى كۆرگەندە ئەتىسىلا بانكىغا بېرىپ ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈمنى يەتكۈزمىسەم دەپ نىيەت قىلساممۇ لىكىن خىزمەتتىكى جىددىلىكلەر تۈپەيلىدىن ۋاقىت ئاجرىتالماي ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن چاغلىرىم بولغان. مانا ھازىر ئىككىنچى قېتىم تاۋباۋ تورىدىكى ھەميانىم (支付宝)ئارقىلىق پۇل ئاغدۇرۇپ ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈم تەسكىن تاپتى. تور ھەميانى بار قېرىنداشلار بىرەر قېتىملىق ئەرزىمەس سودىلىقىمىزدىن ۋاز كېچىپ ھەمياننىڭ پۇل ئاغدۇرۇش(转账)كۆزنىكى ئارقىلىق بىغوبار سەبى قىزىمىزغا مىھىر-شەپقەت قولىمىزنى سۇنايلى! |
|