- تىزىملاتقان
- 2012-10-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 169
- نادىر
- 0
- يازما
- 6
ئۆسۈش
  56.33%
|
تۆنۆگۈن ئىشتىن يېنىپ ئۇماق قىز مېھرىباننى يولدۇشۇم بىلەن بېرىپ يوقلاپ كەلدىم ،ئەھۋالى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ،كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى.ئاپىسىنىڭ ئېيتىشىچە ،بۇ قىز ئەتتىگەن سائەت4تىلا ئورنىدىن تۇرىۋاپتىكەن ھەمدە توختىماي ئاپىسىغا گەپ قىلىپ بېرىپتىكەن،ئاپىسى دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسى بويىچە قىزىنى ئانچە -مۇنچە ماڭغۇزۇپ ،ھەرىكەت قىلغۇزۇپتىكەن ،لېكىن چۈشتىن كېيىن 2-3لەردىن كېيىن بۇ قىز يەنە قىزىشقا باشلاپتۇ .مەن بارغان ۋاقتىمدا قىزنىڭ ئاپىسىسى بالىنىڭ كىيىمىنى يۆتكىمەكچىتىم دەپ قىزنى يالىڭاچلاپ ياتقۇزۇپ قويۇپتىكەن ،قىزنىڭ كارىۋاتتا كۆزىنى ئېچىپ ئۈنتۈنسىز ياتقان ھالىتىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم بىئارام بولۇپ ،يىغا تۇتۇپ كەتتى ،گەپ قىلساملا يىغلىۋېتىشتىن ئەنسىرەپ ،قىزنىڭ ئەھۋالىنى كۆپ سۈرۈشتۈرەلمىدىم ،قىز ئوپىراتسىيىدىن چىققاندىن بۇيان تاماق يەپ باقماپتۇ ،كېيىنكى قېتىملىق داۋالاشنى ھەربىي رايون دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ ئېلىپ بارىدىكەن ،ئۇ يەردىكى داۋالاش تۈگىگەندىن كېيىن ،يەنە ھازىرقى دوختۇرخانىغا يېنىپ كېلىدىكەن .مەن مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ،يىغىلغان ئازغىنە پۇلنى ئاپىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ «بالا ياخشى دەم ئالسۇن »دىگەن گەپنى ئارانلا دىيەلىدىم دە ،خوشلۇشۇپ يېنىپ چىقتىم .يولبۇيى يىغلاپتىمەن ،ئۆيگە كەپمۇ قىزنىڭ كۆزۈمنىڭ ئىىچىگە مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرغان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ ،ئورنۇمغا كىرىپ ياتقىچە يىغلىدىم ،ئەتتىگەن قوپسام قاپاقلىرىم ئىششىپ ،كۆزلىرىمنى ئاچقۇسىز بولۇپ كېتىپتۇ ،مۇشۇ تاپتىمۇ بېشىم چېڭقىلىپ ئاغرىپ تورىدۇ .(ئارىلىقتا يەنە دوسلۇرۇم ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىم بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلاردىن قىزغا يەنە داۋاملق ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈندۈم .خۇدايىم بويرۇسا كېلەر ھەپتە يەنە بېرىپ يوقلاپ كېلىمەن ) .كۆپچىلىكمۇ بۇ قىزدىن ياردەم قولۇڭلارنى ئايىمىغان بولساڭلار ،ھەممىمىز ئازراقتىن بولسىمۇ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ بۇ قىزنى «ئۆلۈم يولى»دىن قايتۇرۇپ كەلسەك ! |
|