- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5451
- نادىر
- 0
- يازما
- 338
ئۆسۈش
9.02%
|
ھۆرمەتلىك «مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا» مۇئەللىم مەن يوقۇرقى يازمىڭىز ئاستىدىكى تۈرلۈك ئىنكاسلارنى تولىمۇ ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتىم ھەم سىزنىڭ شۇنچىلىك كۈچ سەرىپ قىلىپ مائارىپ ھەققىدە ئېلىپ بارغان بىرقاتار سىتاتىستىكىلىرىڭىزگە قايىل بولدۇم.
دېمەكچىمەنكى: بۇ يازمىڭىز ھەقىقەتەن مىنى قايىل قىلدى، كۆرسەتكەن سانلىق مەلۇماتلىرىڭىز تېخىمۇ شۇنداق. مېنىڭچە بولغاندىمۇ باي ناھىيىسىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىغا ئوقۇشقا جەلىب قىلىشى ھەم ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە ھەقىقەتەن ئاپىرىن! گەرچە بۇ ناھىيىنىڭ تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇ دەپ مەجبۇرلاش ۋاستىسىنى قوللانغىنىنى بىرقىسىم تورداشلار خاتا دەپتۇ، ئەشۇ تورداشلارغا شۇنى دەپ باقاي: ناۋادا ئۇلار بۇنداق قىلماي بالاڭ تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولدى، نېمە قىلساڭ قىل دەپ قويىۋەتسە بىرقانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەل شۇلار: «ھۆكۈمەت تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇشنى چىڭ تۇتسا بولمامدۇ» دەپ ئاغرىنماسمۇ؟ دېمىسىمۇ ھازىر دېگەن قايسى زامان، بۇرۇنقىدەك مەكتەپ پۈتتۈرسىلا «دېھقان» بولىدىغان دەۋر كەلمەسكە كەتتى، مەيلى دېھقانمۇ بولۇڭ دەيلى، دېھقان بولسىڭىز سىز تېرىيدىغان يەر قېنى، يەرمۇ بار بولسۇن شۇ تېرىۋاتقان يەرنىڭ ھېساباتىنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن شۇ يۈرەك پارىڭىز قىلالامدۇ، سىز تېرىۋاتقان تۇپراققا ماس ھالدا ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى بىرىپ ئانالىز قىلالامدۇ؟ ئەلۋەتتە قىلىشى كېرەك، قىلالىشى كېرەك. لېكىن سىزنىڭ بۇ بالىلىرىڭىز مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولغاندا مەكتەپ پۈتتۈرگەن بالام ئانى بىلمىدى، مانى بىلمىدى، بۇنداق مەكتەپتە ئوقۇتقاندىن ئوقۇتمايلا قوياي دەپ زەردە قىلغان ۋاقتىڭىزدا بۇرۇن بالىڭىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىلا بالىڭىزنىڭ ئوقۇشىغا، نېمىنى ئۆگەنگەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ باققان بولغۇيمىدىڭىز؟
مەنچە بولغاندا يەنىلا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. بىر قىسىملار كىشىلىك ئەركىنلىك دېگەن گەپنى تىلغا ئېلىپتۇ. (بۇ كىشىلىك ئەركىنلىك ئېھتىمال بالىلار دىنغا ئېتىقاد قىلسا بولىدۇ دېگەن ئەركىنلىكقۇ دەيمەن، شۇنداق بولسا ئاندىن ئەركىنلىك سانىلامدۇ- قانداق)، ھۆكۈمەت بىزگە ئەركىنلىك بەرمىدىمۇ، گىپىمنى خاتا چۈشىنىپ قالماڭلار، تەربىيەلىنىش، بىلىم ئېلىش ئەركىنلىكى بەرمىدىمۇ، زادى شۇنچىلىك شارائىتىمىز يوقمىدۇ؟ مەكتەپتە مۇئەللىم ئۆگەتمىگەن، ئۆگىتەلمىگەن بولسا ئائىلىدە نېمىشقا سىز ئۆگەتمەيسىز، مەسىلەن: باشلانغۇچ مەكتەپتە خەت يېزىشنى، ھېساب ئىشلەشنى بىلمىسە سىز ئاز- ئازدىن ئۆگەتسىڭىز، بالىڭىز سەل- پەل يىتىشىۋالسا ئاندىن ئاستا- ئاستا بىرنەرسىلەرنى بىلمەمتى؟ ئۆزىمىز دىققەت قىلماي، ئاخىرىدا بېرىپ ھەممىنى مائارىپقا، ئوقۇتقۇچىغا ئارتىپ قويۇپ بۇ يەردە قالايمىقان سۆزلىگەننىڭ نېمە ئەھمىيىتى. ھەممىمىزگە مەلۇم (بولۇپمۇ ماڭا ئوخشاش 80- يىللاردا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەنلەرگە)، شۇ ۋاقىتلاردا مەن تۇرۇشلۇق كەنتتىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش نوقتىسىدا باشلانغۇچنىڭ 1- يىللىقىغا ئوقۇشقا كىرگەن ئىدىم (1985- يىلى)، شۇ چاغدىن باشلاپ يۈرۈكۈمگە مۆھۈر باسقاندەك بىر كۆرۈنۈش مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ: بۇ ۋاقىتلاردا بىز ئوقۇيدىغان سىنىپ خام كېسەكتىن سېلىنغان ئادەتتىكى پاكار ئۆيلەر ئىدى، سىنىپلىرىمىزدا ھازىرقى بالىلار ئولتۇرۇپ ئوقۇيدىغان پارتىلاردىن باشقا يەنە بىز ئەينى ۋاقىتتا «گومىنداڭ پارتىسى» دەپ ئاتىۋالىدىغان ئۈستەل- ئورۇندۇقلىرى بىرتۇتاش يوغان ھەم قوپال پارتا بار ئىدى، ھەتتا بەزىلىرىمىز كېسەكنى ئورۇندۇق، تېزىمىزنى ئۈستەل قىلىپ ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلايتۇق. مەن ئائىلەمگە ماڭىدىغان، مەكتىپىمىزدىن بىرقانچە ئون مېتىر نېرىسىغا يول بويىغىلا پىششىق خىشتىن كۆركەم ئىسلام مىمارچىلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان مەسچىت بار ئىدى. مانا بۇ مەسچىتكە توپتوغرا ئۆيۈمگە بېرىپ- كېلىش جەريانىدا 5-6 يىل زوقۇم بىلەن قارايتىم: ئەمدى نېمە دېمەكچى بولغانلىقىم ئېنىق بولغاندۇ. ھۆكۈمەت مانا بىزگە دەسلەپتە دىنىي تەلىم- تەربىيە جەھەتتە شۇنداق يول قويدى، شۇنداق شارائىت ھازىرلاپ بەردى، ھەتتا مەكتەپلىرىمىزدە، دوختۇرخانىلىرىمزدا يوق ئەشۇنداق پىششىق خىش قۇرۇلمىلىق مەسچىتلەرنى سېلىپ بەردى، شۇنداق قىلسا ئاخىرىدا بىز خەق قانداق قىلىقلارنى قىلدۇق؟ (ئەلۋەتتە بۇنى مەن بۇ يەردە تىلغا ئالمايمەن، ئالغۇممۇ يوق)، ئاخىرىدا بېرىپ «ياخشىغا ياغ ياراشماپتۇ، ئۆشكىگە تاغ» دېگەندەك ئىش بولغاندىن كېيىن كۆرگەن كۈن، بولغان ئەھۋال مانا مۇشۇ. ئەمدى مەكتەپلىرىمىزنى يېڭىلاپ بەردى، شارائىتىمىز ياخشىلاندى، ئىقتىسادىمىز ياخشىلاندى. گەپنىڭ پوسكاللىسى- ھۆكۈمەت بالىلىرىمىزنى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە ھەقسىز قىلىپ بىرىۋاتسا (بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىش كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ) يەنە نېمە گەپ ئەمدى. بىزنىڭ ئىككى مۈرىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كاللا كاللىمۇ ياكى قاپاقمۇ. توغرا، ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق قارشىمىز بار، بۇلارنى پۈتۈنلەي خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، نېمە دېيىشسەك دېيىشكەندىمىز بەرىبىر مەقسىدىمىز بىرلا، ئۇ بولسىمۇ: يۈرەك پارىمىز بولمىش بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى، مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرى. شۇنداق بولغاندىن كېيىن مائارىپىمىزغا ئۇنى- بۇنى دەپ بۆھتان چاپلىماي ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن، ئەتراپىمىزدىن باشلىساق بولىدىغۇ. ساۋادى چىقمىغان پەرزەنتلىرىمىز بولسا ئۆزىمىزمۇ كۈچەيلى، ئۆزىمىزنىڭ بالىلىرى، ئۇكىلىرى بولمىسا خەقنىڭ بولسىمۇ «ھاي» دەپ قويايلى، ئۇلارغا كۆيۈنەيلى. ئۆزىمىز قوپۇپ جەمئىيەتتىكى بىرقىسىم ناچار ئىشلارنى، شۇلارنىڭ قاتناشچىلىرىنى كۆرسەكمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، ھەتتا ھىجىيىپ تاماشا كۆرۈپ توسماي، ئەمدى قوپۇپ پالان- پۇستان دەيدىغانغا نېمە ئاساسىمىز بار. ھەممىمىز چامىمىزنىڭ يېتىشىچە بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئىشلارنى ئاز- ئازدىن بولسىمۇ ئوڭشىساق، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئىنكاس شەكلىدە ئەھۋال مەلۇم قىلساق، بەزى سەلبىي ھادىسىلەرنى زادى تۈزەتكىلى بولماسمۇ. مېنىڭچە بۇ تامامەن مۇمكىن بولىدىغان ئىشلار. گەپ، ئەمدى ھۆكۈمەت بىر ئوبدان تۈزۈپ بەرگەن سىياسەتتىن ئاكتىپلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزنى، پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيەلەيلى، ئەتراپىمىزدىكى شۇنداق قىسمەن ناچار قىلمىشلارغا دادىل ھالدا قارشى تۇرايلى، ئالدىنى ئالايلى. ئون يىل بولاي دېدىغۇ دەيمەن، مەن تۇرۇشلۇق يېزىدا بىر خەنزۇ تىجارەتچى ئۇچىسىغا مەكتەپ فورمىسى كېيگەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بىلىپ تۇرۇپ پىۋا ۋە ئاق ھاراق سېتىپ بېرىۋاتقان نەق مەيداندا مەن مەيدانىمنى كېرىپ تۇرۇپ، كۆزىگە قولۇمنى تىقىپ ئۇنداق قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان، ئەلۋەتتە بۇ ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىمۇ، تىجارەتچىمۇ دەسلەپتە ماڭا تەڭلا قارشى تۇرغان، مەنمۇ بوش كەلمەي ساتقان بىر نېمىسىنى يەرگە ئۇرۇپ چېقىۋېتىپ، پۇلنى قايتۇرغۇزۇپ بەرگەن (بۇنداق ئىشلاردىن قانچىنى قىلغانلىقىمنى ساناپمۇ بېرەلمەيمەن ئەلۋەتتە).
بىزنىڭ دۆلىتىمىز سوتسىيالىسىتىك تۈزۈمدىكى دۆلەت، مائارىپ دەل سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە ماسلىشىشى كېرەك، شۇڭا ئەلۋەتتە مائارىپ، مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى، ئوقۇتقۇچىلار ھەم دۆلىتىمىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي تەلىم- تەربىيە ئېلىشىنى چەكلەيدۇ. بۇنىڭغا سىزمۇ- مەنمۇ ئامالسىز، لېكىن ھەرگىزمۇ دۆلەتنىڭ سىياسىتىدە قورامىغا يەتكەندىن كېيىن دىنغا ئېتىقاد قىلسا بولمايدۇ دېگەن تۈزۈم يوق (ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىلار، پارتىيە ئەزالىرى بۇنىڭ سىرتىدا). شۇڭا ھەر ئىشقا توغرا قارايلى. قىسقىسى دەۋر بىزگە بەرگەن بىلىم ئېلىش پۇرسىتىنى، ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەيلى، ياخشى ئىشنى باھانە- سەۋەب كۆرسىتىپ يامان ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قويمايلى. (كەڭ تورداشلارنىڭ كۆڭلۈڭلەرگە مۇخالىپ سۆز- ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ سالغان بولسام توغرا چۈشىنىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن، ئەپۇ قىلارسىلەر)
ئاتىللا مۇئەللىم، مەن سىز بىلەن قانداقلا بولمىسۇن بىر ناھىيىدىن ئوخشايمىز. پۇرسەت بولسا ئالاقىلىشىپ، بۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايمەن (گەرچە مەن ھازىر ئوقۇتقۇچىلىق قىلمىساممۇ). |
|