- تىزىملاتقان
- 2011-9-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12923
- نادىر
- 19
- يازما
- 664
ئۆسۈش
  7.31%
|
مۇنبەردىكى بۇرادەرلەرگە:
مەن ماختىسا ئۇچۇپ، تەنقىدلىسە چۆكۈپ كەتمەيمەن. بېشىمدىن بىرقاتار قىسمەتلەر ئۆتكەندىمۇ چۆكۈپ كەتمىگەن ئادەممەن. بۇ يەردە ماڭا رەددىيە بەرگەنلەرنىڭ ئىچىدە يېقىن ئۆتكەن مەسلەكداش-ئاكا يوللۇقلارمۇ باركەن. بۇنىڭلىق بىلەن بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ھەرگىز سۇسلۇشۇپ قالمايدۇ.
مەن بۇ يەردە قانداقتۇر مەلۇم بىر تەرەپنى پەردازلاش ئۈچۈن ئوتتۇرغا چىقمىدىم. مېنىڭ مۇددىئا-مەقسىدىم، ھازىرقى ئۆزىمىزگە تەئەلۇق دەپ قارالغان نۇرغۇنلىغان ئىشلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ رايىدا بولمىغان شارائىتتا بىز زادى تولوق ئوتتۇرا مائارىپىنى قوللايمىزمۇ ياكى قارىشى چىقىمىزمۇ؟ باللىرىمىزنى تولوق ئوتتۇرىدا ئوقۇتىمىزمۇ ياكى ئوقۇتمايمىزمۇ؟ تولوق ئوتتۇرىدا ئوقۇشنىڭ، مۇشۇ شارائىتقا يۈزلۈنۈپ تۇرۇپ ئېيتقاندا، پايدىسى بارمۇ-يوق دېگەن مەقسەدتە، توردىكى تولوق ئوتتۇرىدا ئوقۇشقا قارىشى تۇرۇش سادالىرىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىپ، كىشىلەرنى باللىرىنى تولوق ئوتتۇرىدا ئوقۇتماسلىق ئارىسالدىلىقىدىن تولوق ئوتتۇرىدا ئوقۇتۇش تەرەپكە يۈزلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.
تولوق ئوتتۇرا مائارىپىنىڭ ھەممىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقى، ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان ئىللەتلەرنىڭ ساقلانغانلىقى، غەيرى مۇددىئا-مەقسەدلەرنىڭ ئارلاشقانلىقى، مىللىي مائارىپ ئەندىزىسىدىن ھەم مىللىي كىملىكنى يارىتىش يولىدىن كۆپ يىراقلاپ، باشقا بىر مەقسەد ۋە نىشاننىڭ تۈرتكىسىدە باشقا بىر يول بىلەن باشقا بىر مەنزىل تامان كېتىۋاتقانلىقى راست. مەن بۇنى بىلمەيدىغان، ھېس قىلمايدىغان يەردە ئەمەس. بىراق ھازىرقى شارائىتتا تولوق ئوتتۇرىدا ئوقۇش مېنىڭچە بىزگە زىيانىق ئەمەس. ھېچ بولمىسا ئۇ بىزنىڭ ئالىي مەكتەپكە چىقىپ تەربىيلىنىش پۇرسىتىگە، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەر بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ، ئاق-قارىنى پەرق ئېتىش تۇيغۇمىزنى ئاشۇرۇشنىڭ پەلەمپىيى.
ئەمدى يەنە بۇنىڭغىمۇ ياق، تولوق ئوتتۇرىدا ئوقۇشقا زادى بولمايدۇ، مىللىتىمىز ئەزالىرى تولوقسىز سەۋىيەدىن يۇقىرى سەۋىيەگە ئۆتسە بولمايدۇ دەيدىغانلار بولسا يول ئوچۇق. باشقىچە تەربىيلەش مۇھىتى ئارقىلىقمۇ ئالىي مەلۇماتلىق قىلغىلى بولىدۇ دېگۈچىلەر قولۇڭلاردىن كەلسە ئاۋال شۇنداق مۇھىتنى ھازىرلاڭلار. مەنمۇ ھازىرقى مائارىپ مۇھىتىدىن بەك بىزار. شۇنداق قىلالىساڭلار سىلەرگە رەخمەت ئيتىمەن. |
|