- تىزىملاتقان
- 2012-9-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 407
- نادىر
- 0
- يازما
- 13
ئۆسۈش
53.5%
|
ئادەمنى ھايۋانغا ئايلاندۇرۇش تەجرىبىسى توغرىسىدا ماتېرىيال كۆرىۋاتقان ۋە بۇنى ئۇيغۇرنىڭ ھالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئاددىيغىنە بىر تەسىرات ماقالىسى بولسىمۇ يېزىپ چىقىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرگەن بىر چاغدا، يەھۇدىي ئالىمى پروفېسسور ئابراھامنىڭ بىز تۇرىۋاتقان يەرگە كېلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ قالدىم. تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى نەرسىلەرنى ئۇنىڭدىن سوراش پۇرسىتى تۇغۇلغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا تېلېفۇن ئاچتىم:
- پرو. ئابراھام ئەپەندىم، ئاڭلىسام بىزنىڭ دۆلەتكە يىغىنغا كېلىدىكەنسىز. سىز بىلەن بىر كۆرۈشۈش پۇرسىتى نىسىپ بولارمۇ؟
- ئەلۋەتتە بولىدۇ. ئۇ دۆلەتتە ئاز دېگەندە بىر ھەپتە تۇرۇش پىلانىم بار. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى سىزگە تېلېفۇن قىلماقچى ئىدىم، سىز مەندىن چاققان چىقتىڭىز. - دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ، - بۇ كۈنلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قۇلىقى ئۇزىراپ كەتتى جۇمۇ! شۇنچە جىددىي يىغىننىڭ خەۋىرىنىمۇ بىردەمدە ئاڭلاپ بولۇپسىلەر. سىلەرگە ئاپىرىن.
- ئالدىڭىزغا كۈتىۋالغىلى چىقايمۇ؟- سورۇدۇم مەن.
- ياق، ھاجىتى يوق. رەھمەت كۆڭلىڭىزگە. بىزنى كۈتۈش ئىشلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولۇپتۇ. – دېدى ئۇ تەكەللۇپ بىلەن، - يىغىن ئۈچكۈنلا داۋاملىشىدىكەن. مېنىڭ يەنە تۆت كۈن ۋاقتىم بار دېگەن گەپ. يىغىندىن كېيىن سىزنى ئۆزۈم ئىزدەيمەن.
- بولىدۇ ئەمىسە. ئەمما، ئۆتكەن يىلقىدەك ئۆيگە ئۇدۇل ئۈسسۈپ كەلمەڭ. ئاز دېگەندە ئىككى سائەت ئىلگىرى تېلېفۇن قىلىۋېتىڭ،- دېدىم مەن كۈلۈپ.
-
ئابراھام ئەپەندىمۇ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئىككىمىز بىر ھازا كۈلۈشكەندىن كېيىن خوشلاشتۇق.
ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە قىزىقىدىنغان بۇ ئالىم ئۆتكەن يىلى ئۆيىمىزگە ئۈسسۈپلا كىرىپ، بىزنى كۆپ خېجىللىقتا قويغان ئىدى. چەتەللىكتە ئەسلا بۇنداق ئادەت يوق.
ئۇ كۈنى ئايالىم قويمىغانغا ئۇنىماي، ئۆپكە – ھېسىپ قۇيماقچى بولدى. ئىككى بوۋاق بالىغا قاراش ماڭا ۋەزىپە قىلىندى. ئەزەلدىن ئۆپكە – ھېسىپ دېگەننى قۇيۇپ باقمىغان، ۋەتەندە تەييارنى يەپ خۇمار بولۇپ قالغان بۇ خوتۇن ياۋرۇپاغا كەلگەن 7 يىلدىن بۇيان ئۇنى يەپ باقمىغان ئىدى. بىر كۈنى تۇرۇپلا ئۆپكە – ھېسىپ خۇمارى تۇتۇپ قاپتۇ. „قۇيالامسەن؟“ دېسىم، „ئادەم قىلغاننى ئادەم قىلالايدۇ. ئۇرۇنۇپ كۆرەي“ دېدى. ماقۇل بولۇپ شەھەر سىرتىغا چىقىپ، چارۋىچى بىر دېھقاننىڭ ئوتلىقىدا بىر قوينى سويۇپ، ئۇنىڭ ئىچ – باغرىنى ئادالاپ ئەكىرىپ بەرگەن ئىدىم. بۇ دۆلەتتە قوينىڭ ئىچ ئەزالىرىنى ئىستىمال قىلىش چەكلىنەتتى. ئادەتتە، قوينى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈشكىمۇ رۇخسەت قىلىنمايتى. ۋاي، بۇ جەرياندىكى ئاۋارىچىلىقلارنىڭ قايسى بىرسىنى دەي؟ پارىجدا، موسكۋادا، بېرلىندا ئىگىسىز كەپتەرلەرنى ئوغۇرلۇقچە تۇتۇپ يەپ ئاھانەتكە قالغان خەنزۇلاردەك، قويلارنىڭ چەكلەن´گەن ئىچ ئەزالىرىنى يەپ ئاھانەتكە قالمىساق بولاتتىغۇ؟ ... دەپ ئويلايتىم ئىچىمدە. ...
ئاران دېگەندە ئۆپكە – ھېسىپنىڭ غەلدى - غەشلىرىنى تازىلاپ، قۇيۇشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقان كۈنى ئابراھام ئەپەندى ئىشىكنىڭ قوڭغۇرىقىنى باستى. پوشتىكەش ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، ئىشىكنى ئېچىپتىمەن. ئۇ ئادەم يەنە بىر ھەمرىيى بىلەن ئىشىك ئالدىدا كۈلۈمسىرەپ تۇرىدۇ. خەۋەر بەرمەي كەلگىنى ئۈچۈن ئىچىمدە خاپا بولغان بولساممۇ، ئادىتىمىز بويىچە قىزغىن كۈتىۋېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇلارنى ئۇيۇلۇش ئىچىدە ئۆيگە باشلىدىم. تېخى ئەتىگەن سائەت 10 بولغان چاغ ئىدى.
ئۆيدە ئورۇن – كۆرپىلەر تولۇق يىغىلمىغان، بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرى ھەممە يەردە چېچىلىپ ياتقان، ئۆي ئىچىنى قېرىن، جىگەر، ئۈچەيلەردىن تارىغان سېسىق ھىد قاپلىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى بالا ئىككى ياقتا يىغلاۋاتقان، قىسقىسى، ئۆيدە تولىمۇ ۋەيرانە بىر ۋەزىيەت ھۆكۈم سۈرىۋاتاتتى.....
- كەچۈرىسىز، تولىمۇ قولايسىز بىر چاغدا كېلىپ قالدىڭىز. ئۆي ئىچى .....
- ياق، ياق ياق ياق، - دېدى ئابراھام ئەپەندى كۈلۈپ كېتىپ، - ھەرگىز بىئارام بولماڭ. بەزىدە بىزنىڭ ئۆي سىلەرنىڭكىدىن ئۆتە ۋەيران بولىدۇ. بالىلىق ئۆي دېگەن مۇشۇنداق. ئۇيغۇرلاردا „بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار“ دېگەن گەپ بارغۇ – ھە؟ بىمەھال كېلىپ قالغىنىم ئۈچۈن ئەپۇ سورايمەن. پەقەتلا ئىككى سائەت ۋاقتىم بارىدى، سىزدىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ھېلىقى دوكلاتنى بىۋاستە تاپشۇرىۋېلىش ئىستىكىدە كەلدىم. تېلېفۇنۇمنى سەپەرگە چىقىشتىن ئىلگىرىلا ئۆيدە ئۇنتۇپتىمەن. ھېلىمۇ ياخشى سىزنىڭ ئۆيىڭىزنىڭ ئادرىسى يادىمدا قاپتىكەن، ئۇدۇل ئۈسۈپ كېلىشكە مەجبۇر بولدۇم. مېنى ئەپۇ قىلىڭ.
ئۇيۇلۇشتىن يەرگە پاتقىدەك بولغان ئايالىم مېھمانلارنى قارىتىپ تۇرغۇزۇپ ئۆيلەرنى بىرقۇر رەتلىدى- دە، داستىرخان كەلتۈردى. ئابراھام ئەپەندى بىلەن ئۇنىڭ ئايال ھەمراھىنىڭ ئۆيگە قارىغۇدەك چولىسى بولمىدى. ئۇلار ھە دەپ قىزىمدىن ئۇيغۇرچە سوئاللارنى سوراپ ئاۋارە ئىدى. „مىللىتىڭ نىمە؟ دىنىڭ نىمە؟ ۋەتىنىڭنىڭ نامى نىمە؟ بايرىقىڭ قانداق؟ ... „ دېگەندەك سوئاللارنى ئۇيغۇرچە سورايتى. تۆت ياشلىق قىزىمنىڭ راۋان، توغرا جاۋاپلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالاتتى. ئانا تىلىنى بۇ قەدەر ياخشى ئۆزلەشتۈرگەن ئۇيغۇر پەرزەنتىنى ئۇلار كۆرۈپ باقمىغانمۇ ياكى قىزىمنىڭ بەزى سىياسىي ئاتالغۇلارغىمۇ تەمتىرىمەي جاۋاپ بېرىشلىرى ھەيران قالدۇردىمۇ، ئەيتاۋۇر قىزىمغا كىرىشىپلا قېلىشقان ئىدى. بۇ ھال مېنى بىراز خېجىللىقتىن ئازات قىلغاندەك بولدى.....
مەنغۇ بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدىم. ئەمما ئايالىم ھەرگىز ئۇنۇتمىدى. „ئابراھام ئەپەندى ئالدىدا ئەجەپ سەت بولدى – ھە؟ ياۋرۇپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇنداق ئۆي تۇتامدىغاندۇ، دەپ قالغانمىدۇ؟ مېنى تازىمۇ پەلىپەتىش بىر ئايالكەن دەپ ئويلاپ قالغاندۇ – ھە؟ ئۇيغۇرنىڭ ئاياللىلىرى مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ دەپ قالدىمىكىن؟ ۋىيەي... ھاياتىمدا قالمىغان نومۇسقا قالدىمغۇمەن .....“ دەيتى ھەر قېتىم بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنسا.
ئەلقىسسە، 18 – نويابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇ ئادەم بىزنىڭ ئۆيدە زىيارەتتە بولماقچى. مەن ھېلىقى خاسىيەتلىك تېما „ئادەمنى ھايۋانغا ئايلاندۇرۇش تەجرىبىسى“ توغرىسىدا بۇ ئادەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارماقچى. سۆھبىتىمىزنىڭ مەزمۇنىدىن باغداشتىكى قېرىنداشلارنى خەۋەردار قىلىشقا تېرىشىمەن. |
|