- تىزىملاتقان
- 2011-8-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7449
- نادىر
- 0
- يازما
- 416
ئۆسۈش
  48.98%
|
Re:ئادەمنى ھايۋانغا ئايلاندۇرۇش تەجرىبىسى
ئادەمنى ھايۋانغا ئايلاندۇرۇش دىگەن ئادەمنىڭ ئادەملىك خۇسۇسىيەتلىرىنى يوق قىلىپ ئۇنىڭغا ھايۋانلىق ئالامەتلەرنى سىڭدۈرۈش ئىكەنلىكى ئېنىق. ئادەمنى قانچىلىك دەرىجخدە ھايۋانلاشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇ تەرىپى ماڭا مەلۇم ئەمەس. ئەمما ئادەم ئۆزىنىڭ نورمال ئادەملەردە بولىدىغان سۈپەتلىرىدىن ئايرىلسا ئۇ ھايۋانغا ئوخشاپ قالىدۇ ياكى مەلۇم دەرىجخدە ھايۋانلىشىدۇ.
بىز ئەمەلىيەتنىڭ 3 چوڭ تۈرىنىڭ بارلىقىنى ئوقۇغان : ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى، ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئەمەلىيىتى، ئىلمىي تەجرىبە ئەمەلىيىتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئەمەلىيىتى دەل ئادەمنىڭ ئادەمنى ئۆزگەرتىش ئەمەلىيىتىدىن ئىبارەت. ‹ تىزى بارلارنى تىزلاندۇرۇش، بېشى بارلارنى باش ئەگدۈرۈش›، مەدەنىيىتىدىن، تىلىدىن، ئېتىقادىدىن يىراقلاشتۇرۇش، مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا نىسپەتەن ئاكتىپ ئەھمىيىتى بولغان ئىدىيە، پائالىيەتلەرنى چەكلەش، بېسىش... دىگەنلەر روشەنكى غەيرى نورماللىقنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ‹ئوبېكىت›نى نورمال ئادەملەردە بولىدىغان خسۇسىيەتلەردىن ئايرىپ تاشلاپ ‹ماڭقۇرت›لاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. |
|