- تىزىملاتقان
- 2012-8-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2080
- نادىر
- 0
- يازما
- 146
ئۆسۈش
  2.67%
|

ئۆتكەندە ئايالىم بىلەن بالىلىرىمىز چوڭ بولسا قايسى مەكتەپتە ئوقۇتۇش توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ قالدۇق.مەن دىدىم؛بالىلىرىم چوڭ بولۇپ مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ مىللىي سىنىپلىرىغا ئوقۇشقا بىرىمەن.ئايالىم:مەن دەسلەپتە تېخى بالىلىرىمىزنى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇتساق بولامىكىن دەپ ئويلىغان،لېكىن بىر ئىشنى ئاڭلاپ بۇ خىيالىمدىن ۋاز كەچتىم دەپ مۇنداق بىر ئىشنى دەپ بەردى. |
ئايالىمنىڭ مەھەلىسىلىك بىر بالا ،ھازىر تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇمدىكىن،خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن.بىر قېتىم بۇ بالا ساۋاقداشلىرى بىلەنمۇ ئەيتاۋۇر بىر نەچچەيلەن قەيس غوجام مازىرىنى كۆرۈپ چىقىپتۇ.ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئاتا-ئانىسىغا بۇ ئىشنى دەپ بېرىپتۇ.ئاتا ئانىسى خۇش بولۇپ بالىسىدىن سوراپتۇ؛ |
-بالام،ئۇ يەرگە كىرىپ شۇنداقلا قايتىپ چىقتىڭىزمۇ ياكى ئاز-تولا سۈرە-ئىمانلاردىن ئوقۇپ چىقتىڭىزمۇ؟ |
بالىسى؛-ھېچنىمە بىلمىگەچكە <ئامىتابا،ئامىتابا>دەپ قويۇپ چىقتىم.... |
ئاڭلاپ بىر ھازاغىچە نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قالدىم.... |
ئەتراپىمىزدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزدىن،دوست-بۇرادەر،تونۇش-بىلىشلەردىن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغانلار ،ئوقۇۋاتقانلار خېلىلا بار.لېكىن بۇنداق ئىشنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم.ئويلاپ قالدىم،بىرى بولغانكەن يەنە بىرىنى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ جىقىنى يوق دىگىلى بولامدۇ؟سۆزلىسەم گەپ ئۇزىراپ كەتكۈدەك،قالغىنىنى تورداشلار ئۆزى چۈشىنىۋالار....... |
|
|