- تىزىملاتقان
- 2012-9-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 414
- نادىر
- 0
- يازما
- 14
ئۆسۈش
  57%
|
قايسىبىر ئەسەردە شۇنداق بىر سۆزنىڭ يېزىلغانلىقى ئېسىمدە: "مۇسۇلمان بىر مىللەتتە، دىنىي ئىتىقاد بىلەن مىللىي ئىتىقادىنى يوقاتقانلارنىڭ نىسپىتى 50% كە يەتكەندە، ئۇ مىللەتنىڭ مىللىيلىكىمۇ، مۇسۇلمانلىقىمۇ يوقۇلۇش تەقدىرىگە مەھكۇم بولغان بولىدۇ...."
ئاللاھقا شۈكرىكى، بىز مەجبۇرى ھالدا تېخى بۇ يوقۇتۇشنىڭ مۇقەددىمىسىدە ياشاۋاتىمىز. قارىماققا ئەسلىنى ئۇنۇتقان ياكى ئۇنتۇلدۇرۇلغانلارنىڭ نىسپىتى يۇقىرىدەك كۆرۈلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە 10% تىن ئېشىپ كەتمىدى. ئۇزۇن ئەسەرلىك مۇسۇلمانچىلىق ئىتىقادى بىلەن ئۇيغۇرلۇق شەرىپىگە بولغان ساداقەتنىڭ 10 - 20 يىلدا يۇيۇلۇپ كېتىشى مۈمكىن ئەمەس. بىراق، سۈكۈت قىلساق ۋە سەل قارىساق، بۇ تەقدىر بېشىمىزغا كېلىدۇ.
پەيغەمبېرىمىز "ئاللاھقا ئىشەن، تۆگەڭنى چىڭ باغلا" دېگەن ئىكەن. دېمەككى، سەۋەپنىڭ ئالىمى بۇ. ھەقسىزلىقلارغا ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن تاقابىل تۇرالىغۇدەك قۇربىتىمىز بولمىغان تەقدىردىمۇ، قۇربىتىمىز يېتىدىغان ئىشلارغا پىداكارلىق كۆرسەتمىسەك، ھىچبولمىسا ئائىلىدە ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىشلارنىمۇ قىلمىساق، ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر، مۇسۇلمان دەپ ئاتىمىساقمۇ بولىدۇ. بۇ ھالدا ۋىجدان، غۇرۇردىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ بىمەنىلىك بولۇپ قالىدۇ. |
|