- تىزىملاتقان
- 2012-9-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 89
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
29.67%
|
ئوزمىزنى بېسۋاللىك بۇرادەرلەر، بۇنداق كىچىك ئىشلار بىلەن قېرنداشلىرمىزغا ئازار بەرسەك قانداق بولىدۇ. تۇرمۇشمىزدا ئىشلىتىۋاتقان نۇرغۇن نەرسىلەرنى كىم ياسغان،نەدە ياسىدى، سورمايلا ئىشلىتىۋېرمىزغۇ. ئەمدى بىر ئوبدان قېرىنداشلىرمىزنىڭ قولىدا ياسىلىپتۇ، قارلۇق شىركىتى بىزگە سۇنۇپتۇ. باشقىلارنىڭكىنى ئىشلەتكەندىن ئېھتىياجىمىزغا قاراپ ئوزمىزنىڭكىنى، ياكى تۇركىيەنىڭكىنى، ياكى مۇشۇ مەھسلاتلارنى ئىشلەتسەك بولىدىغۇ.
بۇنىڭغا ئۇنداق گەپلەر بىلەر بىلەن قېرندىشىمىزغا ئازار بەرمەيلىك. ئەكىسچە بىر بىرمىزنى قوللايلىك.
شەخسەن مەن ئۆزبېكلەرنى ئۆزمىللتىم قاتارىدا كۆرمەن. 70 يىللىق رۇس ھاكىمىيتى ئوتتۇرا ئاسىيادا كاللا يۇيۇش سىياسىتى يۇرگۈزۈپ قېىنداش مىللەتلەرنى بىر-بىردىن ئايرىغان. قېرىنداشلىق ھىسىياتىنى سۇسلاشتۇرغان. بۇگۇنكى كۈندىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاشۇ تارمىللەتلچىلىك سىياسىتى داۋام قىلماقتا. بۇلۇپمۇ ئۆزبېكىستاندا. شۇڭا تەبىيكى ئۇيغۇرلىرىمىز ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكلەر بىلەن بولغان مۇئامىلدە بۇنداق يېقىن قېرىنداشلىقنى ھىس قىلالمايمىز. يەنى بىزگە ئۇلار بىر يات مىللەتتەك تۇيۇلدۇ.ئەلۋەتتە ئۆرىپ-ئادەت،مەدىنيەت، تىل جەھەتتىن ھىساپقا ئالمىغاندا.
تارخمىزىغا قارايدىغان بولساق يېقىنقى يۇز يىلغىچە بىز ۋە ئۆزبېكلەر مىللىتىمزنى تۇركى دەپ ئاتاپ كەلگەن. يەنى 1908 يىلى موللا مۇسا سايرامى ئۆز ئەسىرى «تارخى ھەمىدى» دە بۇگۇنكى ئۇيغۇر ۋە ئوزبەكنى مىللەت تەۋەلىكىدىن تۇركى دەپ ئاتغان.يەنى بۇگۇنكى مىللەت نامىلىرى يوق. ئەشۇ زامانلاردا ئۇ تەرەپتىن كەلگەن قېىنداشلىرمىز «ئەنجانلىق » نامى بىلەن خۇددى قەشقەرلىق ، خوتەنلىك دىگەنگە ئوخشاش، ئارىمىزدا ھىچقاندا پەرقسىز ياشغان.ھەم شۇ تەرەپتىن كەلگەن ياقۇپ بەگ مۇشۇ زىمىندا يەتتە شەھەر ھاكىمىيتىنى قۇرالىغان.چۇنكى شۇ دەۋىردىكى خەلقىمىز ئەنجانلىقلارنى يات كۆرمىگەن. ئوخشاشلا ئۇرۇش ۋە باشقا سەۋەبلەردىن شۇ تەرەپلەرگە كۆچكەن خەلقىمىز ئەنجانلىقلارنىڭ زىمىندا فەرغانە ۋادىسىدا شۇ قېرىنداشلار بىلەن ئارلىشىپ ياشىغان. ئۇلار خەلىقىمىزنى يات كۆرمىگەن. بۇگۈنكى كۈندە ئۆزبېكىستاندىكى قەشقەر دەريا ۋىلايىتى شۇ زمانلاردا قالغان نامدۇر.
بەلكىم بىر كۈنلەر كىلىپ تىلمىز ، مەدىنيىتىمىز ئېغىر خەۋپكە دۇچ كەلگەندا ئەسلىمىزنى تاپىدىغان مەنبە ئۆزبەكلەردۇر. دۇنيادا بىزگە ئەڭ يىقىن خەلىق شۇلار. بۇگۇنكى ئىككى مىللەت ئوتتۇرسىدىكى قىسمەن ئازارچىلىق پەقەت ۋاقىتلىق. ھامان بىر كۈنى بۇ قېرىنداشلىق ئەسلىنى تاپىىدۇ. |
|