- تىزىملاتقان
- 2011-7-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 538
- نادىر
- 0
- يازما
- 22
ئۆسۈش
  7.6%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! قېرىنداشلار، ئالدى بىلەن سىلەرگە شىنجاڭ قارلۇق خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي، بۇ شىركەت قۇرۇلغىلى 10 يىل بولغان بولۇپ ، تاشقى سودىنى ئاساس قىلغان بولغاچقا ئۇيغۇر جەمىيىتىگە ئانچە تونۇشلۇق ئەمەس، ئەمما شىنجاڭ قارلۇق مېدىيا شىركىتى بولسا كومپىيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتالنى ئاساس قىلىپ ئۇيغۇر جەمىيىتىگە زور توھپە قوشۇۋاتقان شىركەتلەرنىڭ بىرى. كۆپچىلىككە ئايان ، ئۇيغۇرچە ماركىنى ئەنگە ئالدۇرۇشتا ھەقىقەتەن نۇرغۇن بوشلۇقلار مەۋجۇت ، ئىككى شىركەتنىڭ نامى ئوخشاش بولغىنى بىلەن ، بۇ يەردە باشقىلارنىڭ نامىنى سۇيئىستىمال قىلىپ پايدىلىنىش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. شىنجاڭ قارلۇق خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئاساسلىق تاشقى سودا بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن . 2009- يىلى ئۆزبېكىستان ئەلفا-فەرھاد گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆزبېكىستاندا بۇ زاۋۇتنى قۇرۇپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلدى ، بۇ سوپۇن ھەقىقى ئۆسۈملۈك مېيى خام ئەشيا قىلىپ ئىشلەنگەن ، ئەڭ مۇھىمى بىزنىڭ ئېتىقادىمىز ۋە ئۆرپ - ئادىتىمىزگە ماس كەلگەچكە، شىنجاڭ قارلۇق خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى خەلقىمىزگە بۇ مەھسۇلاتنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن دىيارىمىزغا كىرگۈزدى. نۆۋەتتە ئاقسۇدا چوڭ كۆلەملىك زاۋۇت قۇرۇلۇشى جىددى ئىشلىنىۋاتىدۇ، ئاللا خالىسا 2014- يىلى رەسمى ئىشقا كىرىشىدۇ. دىيارىمىزدا سۇلتان زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىشەنچىلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ خەلقىمىزگە سۇنۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ بۇ تۆھپىسىنى ھەرگىزمۇ سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. شىنجاڭ قارلۇق خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئاقسۇدا قۇرۇۋاتقان زاۋۇت ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە خەلقىمىزنى ئەڭ ئىشەنچىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ، مىللىي ئىقتىسادنى يۈكسەلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يارقىن نۇقتا بولۇپ قالغۇسى! |
|