- تىزىملاتقان
- 2012-9-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4176
- نادىر
- 0
- يازما
- 178
ئۆسۈش
  72.53%
|
گەرچە تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر ھىكايىنى قىستۇرۇپ قۇيغۇم كىلىۋاتىدۇ .بىر دۇستۇم ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۇپ بىر ئىدارىدە تۇختاملىشىپ ئىشلەش جەريانىدا ھەربى قىسىمدىن قايتىپ بىر شىركەتتە ئىشلەۋاتقان بىر بالا بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان ئىدى .بىر مەزگىل ئارىلاشقاندىن كىيىن بىر بىرىنى ھەقىقى ياخشى كۈررۇپ يۈرۇپ قالدى .ئۇزۇن بولماي دۇستۇم يىگىتنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئۇقۇرىنىڭ بەك ئۈستۈنلىكىنى ،كىلىنلەرگە تەلەپنى بەك ئۈستۈن قۇيىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى ،لىكىن يىگىتى ئايرىلىپ كىتىشكە ئۇنىماي تۇرىۋالدى .كىيىن دۇستۇمنىڭ لايىقى باشلىق ئاكىسىنىڭ يول مىىڭىشى بىلەن بىر يېزىلىق ھۈكۈمەتكە رەسمى خىزمەتكە ئورۇنلاشتى ،شۇنىڭ بىلەن دۇستۇم بىلەن ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى ئۇققان ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارنى ئايرىلىپ كىتىڭلار ،شەھەر يېرىدە تۇرمۇش ئىستىمالى بەك يۇقۇرى ،مۇقۇم خىزمىتى يوق قىز بىلەن توي قىلساڭ جاپا تارتىپ قالىسەن دەپ تۇرىۋالدى ،ھەتتا يىگىتنىڭ ئاچىلىرى ئاڭلىسا م دۇستۇمنى بىۋاستە ئىزدەپ كىلىپ كۈڭلىگە بىر مۇنچە ئازار بىرىپتۇدەك،ھازىرقى جاھاندا مەنپەئەتنى قۇغلاشمايدىغان كىم بار دەيسىلەر ؟يىگىتمۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ گىپىگە كىرىپ بىر مەمورلۇق ئىمتىھانىدىن ئۈتۈپ ئىشقا چۈشكەن بىر قىز بىلەن توي قىلىپ كەتتى . شەرمى ھايالىق بەش ۋاخ نامازنى تاشلىمايدىغان ئاقكۈڭۈل دۇستىمىزغا شۇنچىلىك ئىچىمىز ئاغرىپ ئۇ ۋاپاسىزغا لەنەت ئۇقۇپ كەتتۇق . جەمىيەت شۇنداق بۇپ كىتىپتۇ يەنە نىمە دىيەلەيمىز ئەمدى. |
|