- تىزىملاتقان
- 2012-8-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 252
- نادىر
- 0
- يازما
- 12
ئۆسۈش
  84%
|
Re:قىزلارنى بىر ئۆمۈر خاتا يىتەكلىگەن 7 جۈملە ساختا ‹‹ھىكىمەتلىك سۆز››
ھازىر جەمئىيىتىمىزدىكى ياشلىرىمىز ئارىسىدا غايەت زور بىر روھى بوشلۇق پەيدا بولماقتا ،ئەبجەش مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا ياشاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەنئەنىۋى ئەخلاقنىڭ ئۈنۈمىگە سەل قارىغىلى بولمايتتى ،لېكىن ئۇنداق «يامان بولىدۇ»لارنى خۇراپىيلىق دەپ چۆرۈپ تاشلىدۇق ،ئائىلىدە ئاتىنىڭ مەخسۇس تەربىيە ئۈستىلى بولىدىغان ،ئۇنىمۇ نەلەرگىدۇر چۆرۈپ تاشلىدۇق .بالىلار تەربىيەسىز قېلىپ ھەممە تەربىيە مەكتەپكە يۈكلەندى .ئەمەلىيەتتە مەكتەپ قانداقمۇ ئائىلىدە بېرىلىدىغان تەربىيەنىڭ ئىزىنى باسالىسۇن ؟مەكتەپتىن شۇنداق ياخشى تەربىيەنى قانداقمۇ كۈتكىلى بولسۇن ؟بالىلارنى سىناپ بېقىشقا يول قويماي قورقۇنچاق ،يارىماس قىلىپ قويىۋاتقان مائارىپ قانداقمۇ ئەنئەنىۋى تەربىيەنىڭ ئورنىنى ئالالىسۇن ؟تەربىيەنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارمۇ تېخى ئاتالمىش «مۇھەببەت » قاينىمىغا كىرىپ قېلىۋاتسا ،ئەخلاقتا زور كىرىزىس ،يىمىرىلىش ،بوشلۇق پەيدا بولۇپ ئاتالمىش جەمئىيەتنىڭ يېڭى دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ «مەدەنىيەتلىك » بولۇپ يىتىلىپ چىقىۋاتسا قىزلارنىڭ يىگىت تاللاش مەۋقەسىدە بۇرۇلۇش ،خاتالىقلار كۆرۈلمەي قالارمۇ ؟ |
|