- تىزىملاتقان
- 2012-8-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2666
- نادىر
- 0
- يازما
- 92
ئۆسۈش
  22.2%
|
بۇ مەزمۇن 41قەۋەتتىكى kokturukدە2012-08-26 15:18يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
نۇرغۇن ئاتالغۇلاردا ۋە ئىزاھلاردا خاتالىق باركەن.
مەسلەن:
1.لىپا دەرىخى ئەمەس پىكوس دەرىخى
2.كومراجىۋا ھىندىچە ئىسىم دىگەن توغرا ئەمەس كومراجىۋانىڭ ئاتىسى( ھىندى )كومراتاندىن ۋە ئانىسى جىۋا دىن قۇراشتۇرۇلۇپ كومرا+جىۋا دەپ ئىسىم قويۇلغان.
.......
قاراشلىرىڭىزغا قۇشۇلىمەن.ئۇيغۇرلار تارىختا شىمالدا ئورخۇن-سېلىنگا ۋادىلىرىدىن جەنۇبتا كۇئېنلۇن تاغلىرىغىچە، شەرقتە يىپەك يۇلىنى بويلاپ كۆكلىگەن بوستانلىقلار (مەسىلەن ،گەنجۇۋ <كەڭسۇ>ئۇيغۇرلىرى ياشىغان زىمىنلار)دىن تارتىپ غەربتە تاكى ئىرانغىچە بولغان زىمىنلاردا ياشىغان.شەرقىي قىسىم رايۇنلاردا ئىسلام دىنى سەل كىيىن ئۇمۇملاشقان بىلەن ئەرەب-فارسلارغا يېقىن ياشىغۇچى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قەبىلەلەر ئىسلام دىنىنى خېلى بۇرۇنلا قۇبۇل قىلغان. مەسىلەن، ئەبۇ نەسر فارابىي ياشىغان زىمىنلاردىكى ئۇيغۇر -قارلۇق قەبىلەلىرى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاندىن بۇرۇنلا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنى باشلىغان.ئەمدى، يەنە تارىخىمىزدا تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئىسلام دىنىنى ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا ئۇمۇملاشتۇرغانلىقىنى سۆزلەيدۇ.بۇ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاندىن 4-5ئەسر كېيىنكى گەپلەر.ئۇنداقتا تۇغلۇق تۆمۈرخان زامانىدا ئاقسۇدىكى قەۋملەر ئىسلامدىن چىكىنىپ چىقىپ كەتكەن بولغىيمىدى؟مېنىڭچە، قارا قىتانلار ئىستىلاسىدىن كىيىن،قىتانلار بۇ يەردىكى يەرلىك قەۋملەرگە تەدرىجى سىڭىش جەريانىدا دىنىي ئېتىقاد جەھەتدە ئىسلاملىشىشنى تاماملاپ بولماي تۇرۇپلا، چىڭگىزخان مۇڭغۇللىرىنىڭ تالان-تاراج قىلىشى ، بۇلۇپمۇ ئىسلام دىنىغا بولغان بۇزغۇنچىلىقلىرى بىلەن ئىسلامدا ئۈزۈلۈش شەكىللەنگەن.يەنە كېلىپ، ئەسلىدىنلا ئاقسۇ ئىسلام دىنىنى ئۇمۇملاشتۇرغان قاراخانىيلار سۇلالەسى بىلەن بۇددا دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ پاسىلى قىلىنغاچقا دىنىي ئېتىقاد جەھەتدە تېخى مۇكەممەللىككە ئىگە ئەمەس ئىدى. (يەنى، ئىككى خىل دىن ،ئىككى خىل ئېتىقاد بۇ يەرلەردە ئۈستۈنلۈك تالىشىپ يۈرگەن. ھەتتا ھازىرقى ئاقسۇنىڭ سايرام رايۇنىدا ئىككى خانلىق ئوتتۇرسىدا ،يەنى قاراخانىيلار بىلەن "ئۇيغۇر كاپىرلىرى"ئوتتۇرسىدا دەھشەتلىك ئۇرۇشلار بۇلۇپ تۇرغان.)شۇنىڭ بىلەن بىرگە، چىڭگىزخان مۇڭغۇللىرى بۇ زىمىنلارنىڭ خۇجايىنلىرىغا ئايلانغان مەزگىللەردە بۇ زىمىنلارنىڭ نۇرغۇن يەرلىك ئاھەلەسى چىڭگىزخان قۇشۇنلىرىغا يول باشلاپ چىڭگىزخان ئىستىلاچىلىرى قاتارىدا غەربكە يول ئالغان.ھەم نۇرغۇن مۇڭغۇل قەبىلەلىرى ۋە شۇلارغا ئەگىشىپ كەلگەن مۇڭغۇل ئىتتىپاقىغا كىرگەن باشقا قەۋملەرمۇ بۇ زىمىنلاردا يەرلەشكەن. شۇنچە ئەسرلەر جەريانىدا بۇ زىمىنلارنىڭ ئاھالە تەركىبىدە،دىنىي ئېتىقاد ۋە مىللىي ئۆزلۈك قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بۇلۇپ، بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋرىگە كەلگىچە بۇ رايۇنلاردا ئىسلام دىنىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىگە ۋە ياكى يەنە يۇقۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان بۇلۇشى مۇمكىن. دىمەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىش جەريانى ناھايتى مۇرەككەپ ئۇزۇن جەريان بۇلۇپ، تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋرىگە كەلگەندىلا بىر قەۋمنىڭ ئورتاق دىنىي سۈپىتىدە ئۇمۇملاشقان دەپ قاراشقا بولىدۇ.شۇڭا "تۇغلۇق تۆمۈرخان"گەرچە مۇڭغۇل ئىستىلاچى چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، " ئۇيغۇرلارغا ئىسلام دىنىنى ئۇمۇملاشتۇرغان " تۆھپىسى بىلەنمۇ ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئۇلۇغلىنىدۇ.
ئەمدى تېمىغا كەلسەك، ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپىسى ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ئوتتۇرا ئاسىيا بوستانلىقلىرىدا ياشاپ كەلگەن ئارىيان نەسىللىك ئەجدادى بولمىش سوغدىيلارنىڭ تەۋەررۈك مىراسلىرىدىن بىرىمىكىن دەپ ئويلايمەن.شۇڭا دوپپا، يالغۇز ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەجداد -ئەۋلادلىق نوقتىسىدىن ئازدۇر-كۆپتۇر سوغدىيلارغا تۇتىشىدىغان مىللەتلەر،مەسىلەن، ئۆزبېك، تاجىك،تۈركمەن....لەر ئارىسىدىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان. |
|