- تىزىملاتقان
- 2012-3-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2661
- نادىر
- 0
- يازما
- 113
ئۆسۈش
  22.03%
|
ئوقۇتقۇچى يۈكىنىڭ ئېغىر بۇپ كىتىشى مائارىپ مەغلۇبىيىتىدىكى ئاساسلىق ئامىل بۇلىشى مۇمكىن، ئوقۇتقۇچىنىڭ يۈكىنىڭ ئېغىر بوپ كىتىشى ناھىيىگە قارىغاندا يېزىدا بەكرەك ئېغىر ، شۇڭا ناھىيىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇتۇش سۈپىتى نىسپەتەن يۇقرى، بۇنى مۇنداق شەرھىلەش مۇمكىن:
1.ناھىيىدە پارالىل سىنىپلار كۆپ ،دەرىس تەييارلىقىغا كىتىدىغان ۋاقىت ئاز،ئوقۇتقۇچىلار كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتالايدۇ .يېزىدا بولسا پارالىل سىنىپلار ئاز،بولغاندىمۇ بىر ياكى ئىككى بۇلۇپ بىرسى قوشتىل،بىرسى ئادەتتىكى سىنىپ ،كىتاپ ئوخشاش ئەمەس .ئوقۇتقۇچىلار دەرس سائىتى كۆپ بولغاننىڭ ئۈستىگە ھەربىر سىنىپقا ئايرىم -ئايرىم دەرس تەييارلىقى تۈزىدۇ.كۈپۈنچە ئوقۇغۇچىلانى ئۈزىنى ئۈگۈنۈشكە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ لاھىيە تۈزۈشكە مەجبۇر.يېزا مەكتەپلىرى بۇنىڭغا قارىتا ئوقۇتقۇچىلارغا ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا كىتىدىغان ۋاقىتتىنى بۇ ئىشلارغا تەقسىملەشكە مۇمكىن بولماسمۇ؟
ناھىيىدە بىر ئوقۇتقۇچى 5سائەت لاھىيە تۈزسە 15 سائەت دەرس ئۈتەلەيدۇ، يېزىدا 15 سائەت دەرىكە 15 سائەتلىك لاھىيە تۈزۈشكە مەجبۇربۇلىدۇ.
2.ناھىيىدىكى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى سسانى مىڭدىن ئاشىدىغان مەكتەپلەر بۇلۇپ ئوقۇتقۇچىللىرىمۇ 100ئەتراپىدا بۇلىدۇ .
يېزاباشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچى سانى 3-6 يۈز ئەتراپىدا، كەنىت مەكتەپلىرىدە بولسا 100 گىمۇ يەتمەيدىغانلىرى بار ،
ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە شۇكى ناھىيە مەكتەپلىرىدىكى 100 ئوقۇتقۇچى ئىشلەيدىغان خالتىلارنى ،كەنت مەكتەپلىرىدىكى 7-8 ئوقۇتقۇچى ئىشلەپ تۈگىتىشى كىرەك.بۇ غايەت زۇر خالتىلار بۇ ئوقۇتقۇچىلارغا قانچىلىك بېسىم ئەكىلەر؟
ئۇلارنىڭ شەنبە يەكشەنبىللىرى ،تەتىللىرى ھەمىشە بۇ ئەھمىيىتى يوق خالتىلارغا قاچىلىنىپ ئاخىرلىشىدۇ. بۇ يۈكلەرنى ئېلىۋەتكىلى بولماسمۇ؟ |
|