- تىزىملاتقان
- 2012-5-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1715
- نادىر
- 0
- يازما
- 56
ئۆسۈش
  71.5%
|
يازمىڭىزنى ئوقۇپ ،ئىزتىراپلىق خىياللارغا چۆكتۈم.دىمىسىمۇ ئوقۇتقۇچىلار ھازىر ھەر تەرەپتىن كىلىۋاتقان بېسىملارغا ئۇچراپ ،ھالسىراپلا قالدى.
سىلەرگە ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بىرەي: ھەر قانداق مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىلىش داۋامى چىڭ تۇتۇلىدۇ-ئەلۋەتتە.بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ ئوخشاش.ھەر قايسى سىنىپلارنىڭ داۋام نىسبىتى چوقۇم%95تىم يوقۇرى بولۇشى لازىم ،ئەگەر تۆۋەن بولسا ھەر پىرسەنىت ئۈچۈن جەرىمانە ئېلىنىدۇ.گەر چە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدائوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە تۇراقلىشىشىغا ھەر دەرجىلىك ھۆكۈمەتلەر مەسئۇل بولىدۇ دىيىلگەن بىلەن ھەممە جاپا يەنىلا بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىدە بولۇپ كىلىۋاتىدۇ.مەن سىنىپ مۇدىر بولغان سىنىپتا مەكتەپكە كەلمەيدىغان بىر ئوقۇغۇچۇم بولۇپ،ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قانچە قېتىم ئائىلە سۆھبىتىگە بارغىنىم ئىسىمدە يوق.ئەتە مەكتەپكە تەكشۈرۈش كىلىدىكەن دىگەن گەپنى ئاڭلاپ يەنە ئائىلە سۆھبىتىگە ماڭدىم،شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشگى ئىچىدىن تاقاق بولغاچقا ،ئىشىكنى قايتا-قايتا ئۇردۇم.بىر چاغدا ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئانىسى ئىشىكنى ئېچىشىغا دادىسى ھويلىدا تۇرۇپ،كىم كەپتۇ؟ دەپ سورىۋىدى ھېلقى ئايال:كىم بولاتتى،يەنە شۇ< دىھقان كادىر> كەپتۇ،مەمەتنى ئىزلەيدىكەن دىۋىدى نىمە دىيىشىمنى ،نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي ئارقامغا ياندىم.چۈنكى ئۇلار يېڭى بىر ئاتالغۇنى كەشىپ قىلغان ئىدى. |
|