ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 11قەۋەتتىكى polat315دە2012-02-26 23:12يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
قەھرىماننىڭ بازىرى كاساتلىشىپ كەتمىگەندۇ باشقۇرغۇچى ئەپەندىم؟؟؟
ئىلگىرى ئۇنداق ئەمەس ئىدى .لېكىن ھازىر شۇنداق بولۇپ قالدى ..ساغلام تور بىكەت قۇرغۇچىلار ئۇيغۇر ئۇچۇن دەپ تور بىكەت ئاچىدۇ .لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالدىدا ماڭغۇچىلار بەزى قىيىنچىلىقلارغا ۋە چەكلىمىلەرگە ئۇچىراۋاتىدۇ .بۇنى سىز چۈشىنسىز ئىززىپ چۈشەندۈرمىسەممۇ .
ئۇلار يۈرەكنى ئالقانغا ئەپ قويۇپ تۇرۇپ تور بىكەت ئاچىدۇ .ئۇلاردىن سوراپ بېقىڭ تور بىكەت ئېچىپ خاتىرجەم بىر كۈنۈڭ بارمۇ دەپ .
ئۇلار تور بىكەتنىڭ نورمال يۈرىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن توختىماي تىرىشىدۇ .تور باشقۇرۇش ساقچىلىرى دايىم ئۇلارنى <مىھمان> قىلىپ
تۇرۇدۇ .دىنى تېمىلارنى ۋە ئەرىز خارەكتىردىكى تېمىلارنى جىقراق چىقىرىۋەتسە تور ساقچىلىرى<ياسايدۇ> ..ئۇلارنىڭ ھەر بىر كۈنى دەككە دۇككە
ئىچىدە ئۆتىدۇ .لېكىن مىللەتكە بولغان ئوتتەك مۇھەببەت ئۇلارغا غەيرەت ئاتا قىلىدۇ .مەن مۇنبەر قۇرغانلارنىڭ نۇقۇل پۇل تېپىش ئۈچۈن مۇنبەر
قۇرىۋاتىمەن دىگىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم .تور بىكەت ھەرزامان يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق تەھدىتىگە ئۇچىراش ھالىتىدە تۇرۇدۇ .
شۇڭا مەن تور بىكەت مۇنبەر ئاچىمەن دەيدىغان بارلىق باشقۇرغۇچىلارنى قەھرىمان دەپ قارايمەن .
[ بۇ يازمىنىilimدە2012-02-27 10:17قايتا تەھرىرلىدى ]