سالام ساڭا ماكانىم باغداش
سالام ساڭا مۇنبەر سەركىسى ،
ئەلنىڭ دوستى سىردىشى باغداش .
ئەل غېمىنى ئۆز غېمى بىلىپ ،
خەلق بىلەن بولغان سەپەرداش .
جەم بولۇشتۇق كىلىپ ھەر جايدىن ،
جەمگاھىڭغا نۇرغۇن ئوغۇل- قىز .
دىلغا پۈكۈپ ئەل ئارمانىنى ،
تىرىشماقتا كىچە ھەم كۈندۈز .
كىزىپتىمەن نۇرغۇن مۇنبەرنى ،
سەركە دەپتۇ ئۇلار ئۈزىنى .
دەرىت كەلگەندە ئەلنىڭ بېشىغا ،
يۇمۇۋېلىپ ھەتتا كۈزىنى .
ئېيتقان ئىكەن ئاتا- بوۋىمىز ،
ئەلنىڭ غېمى ئەرنىڭ غېمى دەپ .
كۈرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالساق ،
دىلى كوردىن نىمە پەرقىمىز .
كۆز تەگمىسۇن ماكانىم باغداش ،
مەرىپەتتە بولغىن ئەلگە باش .
ئۆز خەلىقىڭ يار يۆلەك ساڭا ،
شەرەپ قۇچقىن تاغ داۋانلار ئاش .
مەنبە؛ ئۆز ئىلھاملىرىم .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ، مۇنۇ ئەرزىمەس يازمام ئارقىلىق ھەممىڭلار بىلەن قايتا يۈز كۈرۈشكىنىمدىن چەكسىز خۇشالمەن .