تارىختىن بۇيان ئاتا-بوۋىلىرىمىز چىللا كىرىدىغان كۈنى ياخشى تائاملارنى قىلىپ ئوزۇقلۇنۇپ كەلگەن. تۆنۈگۈن بوستاندىن تېلفۇن كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىمىزنىڭ ۋارىسكارلىرى بولغان سەبىي بالىلارغا چىللىلىق بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى دېدى. مەنمۇ ھاياجان بىلەن بۇ پائالىيەتنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى بولۇشقا قوشۇلدۇم. مانا بۈگۈن يەنى2011-يىلى12-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:30 ئۆتكەندە شەرچىدىكى بىر پارچە گوھەردەك چاقناپ تۇرغان بوستان بالىلار باغچىسىغا كېلىپ پائالىيەتكە قاتنىشىپ تۇرۇپتىمەن...باغچىدىكى بارلىق بالىلارنىڭمۇ ئاتا-ئانىلىرى بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتناشقان ئىدى...ئۆز بالىلىرىغا مەبلەغ سېلىشنى بىلمىگەن مىللەت نەتىجە قازىنالمايدۇ. ئەمىسە تۆۋەندە بوستاندىكى ئەھمىيەتلىك كارتىنىلار ھوزۇرىڭىزلاردا بولغاي! بەلكىم بالىلار بۈگۈننىڭ ئەھمىيىتىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، بىراق كۈنلەر ئۆتكەنچە بالىلىرىمىز ئۆز ئەنئەنىلىرىنى سۆيۈشنى مانا مۇشۇنداق پائالىيەتلەردىن ئۆگىنىپ كېتەلەيدۇ. بالىلىرىمىزغا ھەقىقىي كۆيۈنسەك ئۇلارغا مىللىي كىملىكىمىزنى ھەر ۋاقىت تونۇتۇپ، بىلدۈرۈپ، ئۆگۈتۈپ تۇرايلى...
بوستاندىكى چىللىلىق پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر
بالىلار چۆچىرىنى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈگدى
بوستان يەسلىسى ۋىلايىتىمىزدىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس، خەنزۇ تىلىنى مۇھىم، ئىنگىلىز تىلىنى قوشۇمچە قىلغان يەسلىدۇر! ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىز ئۈچۈن زور بەخت...بوستان بالىلىرىمىز ئۈچۈن ئاز بولمىغان بەدەللەرنى تۆلەۋاتىدۇ! ھەمىمىز بىرلىكتە بوستاننىڭ تېخمۇ زور شان-شەرەپلەر قۇچىشىغا تېلەكداشلىق بىلدۈرەيلى!