[quote]بۇ مەزمۇن 24قەۋەتتىكى 喀市教دە2011-10-09 22:46يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
.......
يولداش خاشىجاۋ، سىزدىن بىرنەچچە سۇئال سۇراپ باقاي، مىنىڭچە بۇ سۇئاللارغا ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا جاۋاپ بەرسىڭىز تورداشلارنىڭ بۇ ئىشنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى چۇشۇنۇشىگە پايدىسى بۇلۇدۇ دەپ ئويلايمەن.1.سىز باياناتىڭىزدا ".
قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۇنى باشلانغۇچ مەكتەپ ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانىنى باھالاش توغرىسىدا ھۆججەت چىقىرىپ 2011-يىللىق ئۇنۋان باھالاش خىزمىتىگە قارىتا ئىنىق پىكىر ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋەبەشكىرەم يىزا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئالىي ئۇنۋان سان كۆرسەتكۇچىدىن 9نى تەخسىم قىلغان)بەشكىرەم يىزسىدىكى 15باشلانغۇچ مەكتەپتە بۇ يىل ئۅنۋان ئلىشقا شەرتى توشىدىغانلار جەمئى 84نەپەر )."
دەپ يوللاپسىز ، ئۇنداقتا جاۋاپ بىرىڭ ئۈنۋان ئېىلىش شەرتىگە چۇشۇدىغان ئۇقۇتقۇچى 84 نەپەر ئىكەن، سىلەر نىمىگە ئاساسەن بۇ مەكتەپكە ئالىي ئۇنۋان سان كۆرسەتكۇچىدىن 9نى تەخسىم قىلدىڭلار، سىلەرنىڭ بۇ قىلغىنىڭلار بۇ يلىلىق ئۈنۋان ئېلىش شەرتىنى ھازىلاپ ئۈنۋان ئالالمىغان 75 نەپەر ئۇقۇتقۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇقىنى دەپسەندە قىلىشمۇ قانداق؟ئۈنۋان ئېلىش شەرتىنى ھازىرلىغان ھەر بىر خىزمەتچىگە قانۇن بۇيىچە ئۈنۋان بىرىش مۇئارىپ، كادىرلار تارماقلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى شۇنداقلا ئۈنۋان ئېلىش شەرتىنى ھازىرلىغاندىن كىيىن تىگىشلىك ئۈنۋانغا ئىرىشىش ھەر بىر كەسپى خادىمنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇقى. دىمەك بۇ يەردە بىرلا ئۇقۇتقۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇق مەنپەئەتى دەخلى تەرۈزگە ئۇچراپلا قالماستىن بەلكى شۇ بىر يېزىدىكى ئۈنۋان ئېلىش شەرتىنى ھازىرلاپ ئۈنۋان ئالالمىغان 75 نەپەر ئۇقۇتقۇچىنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىگە قىلىنغان دەخلى تەرۇز ھەركىتى شەكىللەنگەن، بۇنى قانداق چۈشەندۇرۇسىلىەر؟
2.
سىلەر "3يىل جەريانىدىكى كىسەل ،سورىغان ۋاختى مەكتەپنىڭ 3يىللىق دىجورنىيلىك خاتىرىسىدىكى يوقلىما ئەھۋالى ئاساس قىلىنىپ خاتىرلەنگەن ،(بۇلارنى ئىدارىمىز مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنى تەشكىللەپ بىرمۇ-بىر ساناپ تەكشۅرۅش ئارقىلىق ھەقىقى ئىكەنلىگنى دەلللگەن )،بۇ خانىم 58كۇن بولىشى كىرەك ئىدى دەپ ھەقىقىي ئىسپاتنى قارىغۇلارچە بۇرمىلىغان.داۋام مەسىلىسىدە يقىنقى ئۅچ يىللىق داۋام ئاساس قىلىنىشى كىرەك ئىكەنلىگىنى ئىدارىمىز ھۉججەتتە ئىنىق ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ ،بۇ خانىمىنىڭ 2009-يىل ياتاقتا يتىپ داۋالانغنىم 2011-يىللىدىمۇ ھساپ قىلىندى دىگىنى قىلچە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ."
دەپ يېزىپسىلەر، ئۇنداقتا جاۋاپ بىرىڭ، سىلەر بۇيىل ئۈنۋان ئالىدىغان 84نەپەر ئۇقۇتقۇچىنىڭ ھەممىسىنىڭ 3يىللىق يوقلام ئەھۋالىنى ، ئىدارەڭلەردىن مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنى تەشكىللەپ بىرمۇ-بىر ساناپ تەكشۇرۇش ئارقىلىق ھەقىقى ئىگەللەپ چىقتىڭلارمۇ ياكى پەقەت مۇشۇ ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئەھۋالىنىلا شۇنداق قىلدىڭلارمۇ؟ (ۋىجدانىڭىز بىلەن جاۋاپ بىرىپ بېقىڭ). سىلەر بۇ قېتىمقى 84 نەپەر ئۇقۇتقۇچىنىڭ 3يىللىق يوقلام تەكشۇرۇش ئەھۋالىنى جەمىيەتكە ئاشكارىلىغانمىدىڭلار؟ئاشكارىلىغان بولساڭلار ئاشكارىلاش ۋاقتى ۋە ئاشكارىلاش ئۇسۇلى قانداق بولغان؟
3. سىلەر "
ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەپسىز دەرىس تاشلىغان ،كىچككەن ،ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقىغا خىلاپ قىلىمشلارنى سادىر قىلغان (دەرىس ۋاختىدا كارۋات قويۇپ ياتقان ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئورۇنسىز جىدەللىشىپ يامان تەسىر پەيدا قىلىغان )ئەھۋالىغا ھۉججەت تەلىپى بويىچە نۇمۇر تۇتۇلغان .بىرىشكە تىگىشلىك نۇمۇرلار تولۇق بىرىلىگەن بولۇپ ،بۇ خانىم بىرىلگەن نۇمۇرغا قارىتا تولۇق قايىل بولۇپ ،ئۉز ئىمزاسىنى قويغان .ئۅنۋان تەخسىمات مەسىلىسىدە بۇ خانىم بايان قىلغاندەك ناھەقچىلىك مەسىللىرى قىلىچە سادىر بولمىغان "
دەپ يېزىپسىلەر، ئۇنداقتا جاۋاپ بىرىڭ: بۇ خانىم ئۈزىگە بىرىلگەن نۇمۇرغا قارىتا تۇلۇق قايىل بۇلۇپ، ئۆز ئىمزاسىنى قويغانمۇ بولسۇن ، ئەجەبا ئۆز ۋاقتىدا بۇ خانىمنى باشقا ئۈنۋان ئالغان ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىرىشكەن نۇمۇرىغىمۇ قايىل قىلغانمىتىڭلار؟ بۇيىللىق ئۈنۋان ئېلىش رىقابىتىگە چۈشكەن 84 نەپەر ئۇقۇتقۇچى ئىرىشكەن نۇمۇرلارنى ئاشكارىلاش ئۇسۇلى ۋە ۋاقتى قانداق بولغان. (ئۆز ۋاقتىدا بۇ 84 نەپەر يولداش بىر بىرىنىڭ ئىرىشكەن نۇمۇرىنى بىلەمتى ؟ ).
4.سىلەر"
بەشكىرەم مەركىزى مەكتەپ نۇمۇر قۇيۇش ،ئاشكارلاش ،تەكشۅرۅش ، جەريانلىرىنى ئىدارە تەلىپى بويىچە ھەقىقى ،ئادىل ،ئەستايىدىل بىجىرگەن بولۇپ ،مائارىپ ئىدارىسى تەكشۅرۅش ئاقىلىق ،بەشكىرەم يىزىسىنىڭ ئۅنۋان تەخسىماتىنىڭ ھەقىقى بولغانلىقىنى مۇئەييەنلشتۅرگەن.(شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۅرۅش كومتىتى قاتارلىق جايلارغا ئەرىز سۇنغاندىمۇ ،بۇ خانىمىنىڭ ئەرزىسىنىڭ قىلىچە ئاساسى يوق ئىكەنلىگىنى مۇئەييەنلەشتۅرۅپ ،ئىنكاس قايتۇرغان )"
دەپ يېزىپسىلەر، ئۇنداق بولسا بۇ قېتىمقى ئۈنۋان تەخسىماتىنىڭ نەتىجىسىنى تورداشلارغا ئاشكارىلاپ بۇ ئىشنىڭ ھەقىقى ئەھۋالنى ئىلان قىلالامسىلەر،بۇنىڭدا بۇيىل ئۈنۋان ئالغان 9ئۇقۇتقۇچىنىڭ شۇنداقلا مۇشۇ خانىمنىڭ بارلىق تۈرلەرگە نۇمۇر قۇيۇش تەپسىلاتىنى ئىنىق ئىلان قىلساڭلار تورداشلارمۇ بۇقېتىمقى ئۈنۋان تەقسىماتىنى "مۇئەييەنلەشتۇرۇپ" باقساق.
5. سىلەر"
،سۉھبەتلىشش ئارقىلىق سەۋەنلىكىنىڭ مۇشۇ خانىمنىڭ ۋە يولدىشىنىڭ ئىنتايىن يولسىزلىق بىلەن مەركىزى مەكتەپ مۇدىرىنى ھاقارەتلىگەنلىگى ۋە ئۇرغانلىقى ،مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىنتايىن ئىغىر –بسىقىلىق بىلەن تىل ياندۇرمىغانلىقى ۋە ئەر –ئايال ئىككەيلەننى قەتئى بسقتۇرۇش مۉمكىن بولمىغاندا ،ييزىلىق ساقچخانىغا تىلفون قىلغانلىقى ۋە يىزىلىق ساقچىخاننىڭ ئەھۋالىىنى ھەقىقى تەپسىلى تەكشۅرۅپ ،قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىغانىلىقىنى تەكشۅرۅپ ئىنقلاپ چىقىتۇق "
دەپ يېزىپسىلەر،مۇشۇ خانىم ۋە يولدىشى يولسىزلىق بىلەن مەكتەپ مۇدىرىنى ھاقارەتلەپ ئورغاندا ، ئايال كىشىنىڭ تىل -ئاھانىتى ۋە ئەر كىشىنىڭ قاتتىق مۇشتۇمىنىڭ زەربىسىگە چىداپ كەلگەن ،كەڭ قورساقلىق بىلەن تىل ھەم قول ياندۇرمىغان بۇ ئالىجاناپ مەكتەپ مۇدىرى ئامالسىز ساقچىلارنى چاقىرتىپتۇ، بىراق بۇ ساقچىلارنىڭ مەكتەپ مۇدىرىنى ھاقارەتلەپ ئۇرغان بۇ ئىككى جىنايەت گۇماندارىدىن مۇشتۇمىنىڭ تورى بار زەربىسى قاتتىق بولغان ئەركىشىنى قۇيۇۋېتىپ ،50ياشتىن ئاشقان بىر ئاجىز مەزلۇمنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا 8كۈن يېتىشقا بۇيرىشى قايسى قانۇن بۇيىچە بولغان؟
6. خىزمەت تارىخىغا 28يىل بولغان بىر ئۇقۇتقۇچىنىڭ مۇشۇ چاققىچە ئۈنۋان ئالالمىغانلىقىنى قانداق چۈشۈنۈش كىرەك؟ ئەگەر بۇ ئۇقۇتقۇچىنى لاياقەتسىز ئۇقۇتقۇچى دىگەندە، 28 يىلغىچە لاياقەتسىز ئۇقۇتقۇچىنى ئىشلىىتىپ ، دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ئىقتىسادىغا، مۇئارىپنىڭ تەرەققىياتىغا شۇنداقلا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ساپاسىغا غايەت زور زىيان سېلىشقا سەۋەپچى بولغان مەكتەپ مۇدىرىنى، مۇئارىپ ئىدارە باشلىقىنى نىمە دەيمىز؟
ناۋادا بۇ ئۇقۇتقۇچى لاياقەتلىك ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ ، ئۇ 28 يىلغىچە ئالى ئۈنۋاننى ئالالمىغان بولسا بۇ كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئۈنۋان ئىلىش شەرتى ھازىرلانغان نەچچە يىلدىن بىرى بىرىشكە تىگىشلىك ئۈنۋاننى ۋاقتىدا بىرەلمىگەن خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈۇرۈشتە قىلىنامدۇ يوق؟
7.شەھەرلىك مۇئارىپ خىزمەت كومىتىتى مۇشۇ ئىشقا كۈڭۈل بۆلگەندەك، مەخسۇس خادىم ئاجرىتىپ ئۈنۋان ئېلىش شەرتىنى ھازىرلاپ ئۈنۋان ئالالمىغان ئۇقۇتقۇچىلارنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ، ئۇلارغا قانائەتلىنىەرلىك جاۋاپ بەردىمۇ- يوق؟ ئەل رايى قۇرلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەڭ كۆپ ساندىكى زىيالىلار مەركەزلەشكەن مۇئارىپ ساھەسىدە مۇشۇنداق ئۆتكۈر زىددىيەتنىڭ ھەل قىلىنماسلىقىدىكى ئاساسلىق ئامىل نىمە؟
مەن ئىشىنىمەنكى يۇقارقى سۇئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بىرىلسە زور كۆپ ساندىكى تورداشلار بۇ ئىشنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى تۇنۇپ يىتەلەيدۇ.