سېرىق ھېلىلە پوستىدىنg125 ،ئامىلە پوستى g125،زەنجىۋىل g300،پىلپىل g150،سىيادان g300،كاۋاۋىچىن g125،قاقىلە g125،سامساق g325،شېكەردىن يۇقىرىقى دورىلارغا نىسبەتەن ئۈچ ھەسسە ئېلىنىدۇ.ئاندىن دورىلارنى سوقۇپ،تاسقاپ ئارلاشتۇرۇلىدۇ.ئاندىن شېكەر سۇس ئوتتا قاينىتىپ قىيام قىلىنىدۇ.سوقۇپ تەييارلانغان دورىلار قىيام بىلەن ئارلاشتۇرۇپ،360 پارچىغا بۆلىنىدۇ.ئۇنىڭدىن ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر پارچىدىن يەيدۇ.
بۇ دورىنى يېيش جەريانىدا ھەرگىز سوغۇق سۇ ئىچمەيدۇ.
بۇ دورىنىڭ خاسىيىتىنى تۆۋەندىكىدەك …
ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ۋە ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪر ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ. ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩـلار ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯜزۈﻟﯩﺪۇ. ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩـلار ﺋﻪزاﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﻪزالار ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩلار ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻣﯘﻛﻪﻣﻪل ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜن ﺟﺎﻧﻠﯩﻘـلار ﺋﻮرﮔﺎﻧﯩﺰﯨﻤﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرﯨﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪزا ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩـلارﻧﯩﯔ ﻣﯩﺰاﺟﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﺋﻪزا ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩﻨﻰ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮرﺗﺎق ﻣﯩﺰاﺟﻰ ۋە دەرﯨﺠﯩﺴﻰ، ﻳﻪﻛﻜﻪ ﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻣﯩﺰاﺟﯩﻨﻰ ﺋﻪزا ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩـلارﻧﻰ …
ﺧﯩﻠﯩﺘـلار – ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﻳﯧﮕﻪن ﺋﻮزۇﻗﻠﯘﻗـلاردﯨﻦ ﺑﻪدەﻧﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﻪزالار ۋە ﺑﻪزﻟﻪر ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎن، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﺑﻪدەﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﺳﺎﻗﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜن ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺗﯜرﻟﯜك ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗـلار «ﺋﻪﺧـلات» دەپ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﻪﺧـلات دﯦﮕﻪﻧﺪە ﻛﯚﭘﺮەك ﻗﺎن، ﺑﻪﻟﻐﻪم، ﺳﻪﭘﺮا، ﺳﻪۋدالار ﻧﻪزەردە ﺗﯘﺗﯘﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﻪدەﻧﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﯟى ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩـلار – ﺑﻪزﻟﻪر ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗـلارﻣﯘ ﺋﻪﺧـلاﺗﻨﯩﯔ …
ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻤﯩﺰدﯨﻤﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏـلام ﺗﯘرۇﺷﻰ ۋە ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪە ﺧﯩﻠﯩﺘـلارﻧﯩﯔ ﺳﺎن – ﺳﯜﭘﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ۋە ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﻪدەﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﯩﺴﺒﯩﻲ ﺗﻪﯕﻜﻪﺷﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘزۇﻟﯘش ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪردﯨﻦ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻛﯚز ﻗﺎراش ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪۇ.
ﺋﯘﻟﯘغ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﺑﯘ ﻧﺎﺳﯩﺮ ﻓﺎراﺑﻰ ﺋﺎدەم ﺑﻪدﯨﻨﯩﻨﻰ ﭼﻮڭ ﺑﯩﺮ دۆﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ دۆﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﭗ: ﺑﻪدەن ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﭼﻮڭ ﻣﯘداﭘﯩﺌﻪ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﮕﻪ؛ ﺳﻪزﮔﯜ …
ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﺋﯚﻣﯜرى ﺗﻪﺑﯩﻴﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﻪﺧـلاﻗﺘﯘر. «ﺋﻪﺧـلات» ﺋﻪرەﺑﭽﻪ «ﺧﯩﻠﯩﺘـلار» دﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺧﯩﻠﯩﺘـلار ﺗﯚت ﺧﯩﻞ ﺋﺎرﯨـلاﺷﻤﺎ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻰ (ﻗﺎن، ﺑﻪﻟﻐﻪم، ﺳﻪﭘﺮا، ﺳﻪۋدا)ﻧﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ۋە ﻓﯩﺰﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﺎددﯨـلاردﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەﺗﺘﯘر. ﺋﺎدەم ﺑﻪدﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎق – ﺳﺎلاﻣﻪت ﺗﯘرۇﺷﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯧﺴﻪل ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜن، ﺑﯘ ﻣﯩـلادﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇن ﺋﯚﺗﻜﻪن …
مىزاج سۆزى بىرىكمە، ئارىلاشما، قوشۇلما دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپلۈك سان بويىچە ئېيتىلىشىى مىزاجلار، ئەرھبپە ئەمزىجە مېيىلىدۇ. تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرىدىكى ئۇششاق بىرلىكلىرىنىڭ يەنە بىر ماددىنىڭ ئۇششاق بىرلىكلىرى بىلەن بىرىكىشى ياكى تەسىر قىلىنىشىدىن شەكىللەنگەن كەيپىياتنى مىزاج دەپ ئاتايمىز. يەنى قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك ئوتنىڭ ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك سۇغا تەسىر قىلىشى، قۇرۇق سوغۇق …
قەدىمقى ئۇيغۇرلار تۆت ماددىنى «تۆت تادۇ» دەپ ئاتىغان. تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىق ھەم جانسىز نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تۆت ماددىدىن تۈزۈلگەن. تۆت ماددا بولسا، تەبىئەت دۇنياسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراقتىن ئىبارەت ئوبيېكتىپ نەرسىنى كۆرسىتىدۇ.
پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ سىرلىرى ئېچىلماقتا. ئۇيغۇر تېبىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر …
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى 2500 يىللىق ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇيغۇر تېۋىپلىرى ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتقان. ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ماددا تەلىماتى ئۇيغۇر تېبابىتى نەزەرىيىسىنىڭ يادروسى بولۇپ، مۇشۇ ئاساستا مىزاج، خىلىت، ئەزا، روھ، قۇۋۋەت قاتارلىق 10 …
گۈلقەنتلەر – ئۆسۈملۈك دورىلارنىڭ گۈل – چېچەكلىرىنى، ھۆل يوپۇرماقلىرىنى پاكىز تازىلاپ ئېلىپ شېكەر ياكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئاپتاپقا قويۇپ پىشۇرۇپ تەييارلىنىدىغان دورا ياسالمىسىدۇر.
گۈلقەنتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى
1. گۈلقەنتلەر ئەڭ ياخشى بولغان تەبىئىي ساغلاملىقنى كۈچەيتكۈچى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.
2. گۈلقەنتلەر ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن كۆڭۈل ئېلىشتۇرىدىغان ياكى قۇستۇرىدىغان ئەكس تەسىرى يوق.
3. گۈلقەنتلەرنىڭ تەمى تاتلىق بولۇپ، ئىستېمال قىلىش …
مۇراببلار – ھەر خىل مېۋە ۋە دورىلارنى پۈتۈن بويىچە شېكەر قىيامىدا پىشۇرۇپ تەييارلىنىدىغان شىرنىلىك دورا ياسالمىسىدىن ئىبارەت.
مۇراببالارنىڭ ئالاھىدىلىكى
مۇراببالار سۇيۇق دورىلار قاتارىدىكى ياسالما بولۇپ، سۇيۇق دورىلاردىكى ئالاھىدىلىكلەردىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكىدەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە:
1. مۇراببالار قۇۋۋەتلىك، تاتلىق تەملىك بولۇپ، ھەرقانداق ياشتىكىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
2. مۇراببالار غىزائى داۋائى تۈرىدىكى دورا بولۇپ، بەدەن قۇۋۋىتىنى …
لوبۇب دورىلار – ئەرەپچە سۆز بولۇپ مېغىز ياسالمىسى دېگەن مەنىدە. لوبۇب تەركىبىگە مېغىز دورىلار كۆپرەك قوشۇپ ياسىلىدىغان يۇغۇرۇلما ياسالمىسىدىن ئىبارەت.
لوبۇب دورىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى
1. لوبۇب دورىلارنىڭ تەسىرى ھەب ۋە قۇرس دورىلارغا قارىغاندا تېز بولۇپ، بەدەنگە تېز ئۆزلىشەلەيدۇ.
لوبۇب دورىلار ئاساسلىقى چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ تەييارلىنىدىغان بولغاچقا، ھەسەل لوبۇب دورا تەركىبىدىكى باشقا دورىلارنىڭ ئاشقازان، …
مەجۈن دورىلار – ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق خام دورىلارنى مۇئەييەن ئۇسۇل ۋە چارىلار ئارقىلىق تالقانلاپ، ئۇلارنى بىر – بىرىگە قوشۇپ چەككىلەنگەن ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدىغان خېمىر ھالەتتىكى دورا ياسالمىسىدىن ئىبارەت.
مەجۈن دورىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى
1. مەجۈن دورىلارنىڭ تەسىرى ھەب ۋە قۇرس دورىلارغا قارىغاندا تېز بولۇپ، بەدەنگە تېز ئۆزلىشەلەيدۇ.
مەجۈن دورىلار ئاساسلىقى چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن …
ئەرەق دورىلار – خام دورىلارنى سۇغا چىلاپ مەخسۇس ئەرەق قازانلىرىدا قاينىتىپ پارلاندۇرۇپ، سوغۇق تەسىر قىلدۇرۇش ئارقىلىق تامچىلىتىپ ئېلىنىدىغان سۇيۇق دورا ياسالمىسىدۇر.
ئەرەق دورىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى
1. ئەرەق دورىلار سۇيۇق ياسالما بولغاچقا، باشقا سۇيۇق دورا ياسالمىلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
2. باشقا پىششىق دورىلارنى ئەرەق دورىلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا دورىلارنىڭ بەدەنگە شۈمۈرۈلۈشىنى تېزلەشتۈرۈپ، دورا …