• قەشقەرلىق ئايال - [شىئرلار]

    خەتكۈچ:

     

    چايدەك ئىسسىق كۆزۈڭگە قاراپ،

    ئۇنتۇپ قالار ھەممىنى دۇنيا.

    بويۇڭ ئۈچۈن قىلىشىپ ھەسەت،

    تاراشلايدۇ ئۆزىنى قىيا.

     

    شاخلىرىڭدا ياسايدۇ ئۇۋا،

    ئورمىنىدىن قايتىشىپ قۇشلار.

    ئېزىپ كەتتى يولىدىن چوقۇم،

     سەن سەھەردە سۈپۈرگەن يوللار.

     

    كىرپىكلىرىڭ ھەر سىلكىنگەندە،

    ئاسمىنىدىن تۆكىلەرر يۇلتۇز.

    چاچلىرىڭنى يايما دېڭىزدەك،

    ئۇندا تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ قۇندۇز.

     

    ھايا تولغان چىھرىڭگە قاراپ،

    قىزىرىدۇ گۈللەر ئۆزىچە.

    ھايات تولغان ئالقانلىرىڭدا،

    كۈلەر تۇرمۇش... كۈلەر قەشقەرچە.

     

     

    خۇلقۇڭ پەقەت ئۆزۈڭگىلا خاس،

    تۇرقۇڭ پەقەت ئۆزۈڭگىلا خاس.

    مۇزىيسەن بىر ساقلانغان تېرىك،

    يۈرەكتىكى ئارمانغا ئوخشاش.

     

    ‹‹جان قورغان››دا جاندەك ئەزىزسەن،

    ‹‹ئەبرىشىمكار››دا ئەبرىشىم قىزسەن.

    ‹‹جانان كوچىسىدا›› جانانسەن يەكتا،

    سەن ھىيىتگاھتا يۈتمىگەن ئىزسەن.

    تۇمارىسسەن قېلىچسىز، ئاتسىز، 

    نۇزۇگۇمسەن كەلسە  نۆۋىتى.

    رومالىڭدا ساقلىنار مەڭگۈ،

    ئۇيغۇرغا خاس ئانا ھۆرمىتى.

     

    بىر پىيالە چايسەن ھارغاندا،

    بەرىكەتسەن مۇشۇ ماكانغا.

    كۈلەر ئەرلىك سەندە چىچەكلەپ،

    سېنى دەپ كىلەر ئەرلەر جاھانغا.

     

     بىر مىللەتنىڭ غۇرۇرىدۇرسەن،

    بىر ئەركەك قەۋمنىڭ ئانىسىدۇرسەن.

    سەندىن چېقىپ ساڭىلا پاتقان،

    قەشقەرلىق ئەرلەرنىڭ ئاسمىنىدۇرسەن.

     

    2010يىلى-10ئاينىڭ 22-كۈنى

    分享到:

    历史上的今天:


    评论

  • [avatar:30]ئېسل شېئىرئىكەن بۇ ...
  • [avatar:30][defFace:0]