-
ھاياتنى قايتىدىن مۈمكىنمۇ ياشاش - [شىئرلار]
ھاياتنى قايتىدىن مۈمكىنمۇ ياشاش
ئايقۇت
ئاخىرقى يوپۇرماق دەپ ئويلىدىم سېنى،
تۆكۈلگەن ۋاختىڭدا يەرگە جىممىدە.
باغرىمنى كەچكۈزدەك يايدىم بەكمۇ كەڭ.
جاراھەت لىق لىكىن ئۇنىڭ تېنىدە.
غىڭشىدىم ئۆزۈمچە‹‹ ۋاپاسىز يار››غا،
پەرلىدىم ئازاپلىق كۈنلەرنى بەلكىم.
ئاپتاپقا تاشلىدىم بۇ ھارغىن تەننى،
ياشىدىڭ ئاھىمدا يەنە سەن لىكىن.
يوللاردىن تاراسلاپ ئۆتتۈم نەچچە رەت،
سەھەردەك سۈپ-سۈزۈك خىياللار بىلەن.
ياندىكى بىنادىن ياڭراۋاتقان كۈي،
يۈرەككە تىگەتتى تولىمۇ لىۋەن.
سىمىلداپ-سىمىلداپ تۆكۈلەر يامغۇر،
ھۆل قىلىپ يوللارنىڭ سۇمبۇل چېچىنى.
قولۇمدا قول ياغلىق يۈردۈم ئايلىنىپ،
سۈرتۈش ئۈچۈن كىمنىڭدۇر تۆككەن يېشىنى.
كۆيدۈرۈپ تاشلىدىم شئېىرلىرىمنى،
ئويلىدۇم ئىھتىمال يېزىشنى قايتا.
ھاياتنى قايتىدىن مۈمكىنمۇ ياشاش؟!
ئۆتكەن كۈنلىرىڭىدىن ئۆكۈنگەن چاغدا؟..