• تەنھالىق - [شىئرلار]

    خەتكۈچ:

    تاسىلداپ ئەمەس

     

    ياكى باشقىچە

     

    جىمجىت يىتىپ كىلەر تەنھالىق

     

     

    تەنھا ئىدىم

     

    نۇرغۇن يىللار ئېلگىرىمۇ

     

    ھازىرقىدەكلا

     

    قاچاندىن بېرى

     

    تەنھا بولماي قالغان بولغۇيتىم؟

     

     

    تەنھا قالدىم

     

    سەن يوختەكلا

     

    سەن كەلمىگەندەك

     

    سەن دۇنياغا تۆرەلمىگەندەك

     

     

    تەنھالىقىم بۇزۇلماسلىقى

     

    سەن كەلمەسلىگىڭ

     

    ئەسلىمىلەر بولماسلىقى كىرەك ئىدى

     

    يامغۇر ياغدىمۇ؟

     بۇسورالمايدىغان سۆز ئىدى

     

    يامغۇر ياغدى....

     

    تەنھالىقىمنىڭ نەم ۋاراقلىرىغا

     

    يامغۇر ياغدى

     

    توختاپ-توختاپ

     

    تەنھالىقىمغا...

     

    分享到: