• كەتكۈچىنىڭ بايانى - [نەسىرلەر]

    خەتكۈچ:

     

    مەن كەتتىم!..

     

     

     ئامالسىز كۆزلىرىڭنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن،بى ئىلاج ئىكەنلىكىڭنى بىلمەسلىك

     

     ئۈچۈن كەتتىم.

     

     دۇنيا بەكمۇ كەڭ ، لىكىن بىز سىغمايمىز، يوللار ئۆمرىمىزدىن ئۇزۇن، بىز بىر 

     

    مەنزىلنى تاپالمايمىز.

     

    مەن كەتتىم ! ھەممىنى قان قىلىپ كەتتىم.

     

    كۆز يىشىمدا جەسىدىڭنى ئىقىتىپ كەتتىم، كۈلكەمگە ئازاپلىرىڭنى يوشۇرۇپ

     

    كەتتىم .

     

    گۈللۈك كۆينىگىمنىڭ پىشىنى كىسىۋىتىپ كەتتىم ، چۈنكى بەخت ئۇنىڭغا

     

     ئىسىلىۋالغان ئىدى.

     

    سۇمبۇل چاچلىرىمنى چۇۋۇۋەتتىم، ئۇنىڭغا ھەسرەت ئۇۋا سالغان ئىدى.

     

    مەن كەتتىم ئۆلۈكسىز گۆردەك قەلبىمنى ئېلىپ.

     

     

    مەن كەتتىم باھارسىز گۈللەردەك سۇنۇپ ئېگىلىپ.

     

    مەن كەتتىم ! بەخت بىزدىن جۇدا بولدى...ئۇ، سەن ھەم مەنسىز مەڭگۈ سەرسان...

     

     

     مەن كەتتىم! سېنى ئەمەس ئازاپنى تاللاپ...ساڭا سۆيگۈ ئەمەس ئازاپنى سۇنۇپ.

     

    سۆيۈش ئېرىشىش ئەمەس... جۇدالىقمۇ ئەمەس...سۆيۈش بىر خىل جاھىل

     

    ئىزتىراپ.

     

     

    مەن كەتتىم!

     

    سېنى سۆيگەنلىكىم ئۈچۈن كەتتىم!

     

    分享到:

    历史上的今天:


    评论

  • [avatar:37]ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھەدە،بۇ نەسىرىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم،قەلىمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن[defFace:0]
    ئايقۇت回复مەلەك说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! كېلىپ تۇرۇڭ سېڭلىم.
    2011-03-25 14:09:38