• سەن قەلبىمدىكى خارابىدە - [شىئرلار]

    خەتكۈچ:

     

    ئۇنتۇپ قېلىش جىنايەت ئەمەس

     

    ئۇنتالماسلىق جىنايەت

     

    ئۇنتالىغىنىڭىغا مۇبارەك بولسۇن!...

     

    قەلبىمگە ئازاپتەك چوڭقۇر پېتىپ كەتكىنىڭ نىمىسى

     

    مەيلى

     

    ئەلەملەر قاتمۇ قات كەلسىمۇ

     

    ھىجران مېنى ئەزسىمۇ.

     

    مەن شادىمان كىشىلەرگە ھەۋەس قىلمايمەن

     

    ئۇلار راس خۇشالمىدۇر!؟

     

    لىكىن مېنىڭ ئازابىم راس

     

    ىمىشقا مۇڭلىنىسەن؟

     

    ئەكەل ئازاپلارنى ماڭا بېرىۋەت

     

    كۈلكەم سەن بىلەن كەتسۇن

     

    گۈللەرنى ئال

     

    تىكەن مەن بىلەن قالسۇن

     

    كۈلكە سەن بىلەن كەتسۇن

     

    كۆزۈڭدىكى ياشنى ماڭا بەر

     

    بۇلار سۆيگۈمنىڭ خارابىلىرى

     

    تىكەندىن يۈرەكلىرىم تىتىلغاندا

     

    گۈللىرىڭنى ئەسلەيمەن

     

    كۆزلىرىم ياشلانغاندا

     

    سەن ئاتا قىلغان ئاپتاپتەك تەبەسسۈمنى ئەسلەيمەن

     

    چۈنكى مەن  ئۇنتالمىغۇچى

     

    مەن سۆيگۈڭنىڭ ئولجىسى

     

    سەن شەھەرنى ئىلىپ بولغاندىن كىيىن

     

    ۋەتىنىگە قايتقان جەڭچى

     

    خارابىلەردە سېنى ئەسلەيمەن

     

    ئۇنتۇش سېنىڭ گۇناھىڭ ئەمەس

     

    ئۇنتالماسلىق مېنىڭ گۇناھىم

     

    分享到:

    历史上的今天:

    زېرىكىش 2009-01-18