• چۈشەندىم - [تەرمىلەر]

    خەتكۈچ:

    Anladım

     

    Can Yücel

      

    چۈشەندىم

     

    جان يۈجەل ( تۈركىيە)

     

    ئۇزۇندىن بېرى ماڭا چۈشەندۈرمەكچى بولغىنىڭنى،

    ئۆزۈمنى تاپقان چېغىمدا چۈشەندىم.

     

    ھەر ئادەمنىڭ بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن ئايرىم يولى بار ئىكەن،

    ئۆز يولۇمنى سىزغان چېغىمدا چۈشەندىم...

     

    ھايات دېگەن ئوقۇپ، ئاڭلاپ ئەمەس، ياشاپ ئۆگىنىلىدىكەن،

    بىلگەنلىرىڭنى ماڭا نېمىشقا چۈشەندۈرمىگەنلىكىڭنى چۈشەندىم...

     

    يۈرىكىڭ سۆيگۈسىز ئۆتكەن ھەر بىر كۈن زىيان ئىكەن،

    سۆيگۈنىڭ كەينىدىن نېمىشقا يالىڭاياق چاپقانلىقىڭنى چۈشەندىم...

     

    ئازاپ تازا پەللىگە چىققاندا كۆزلەردىن ياش تۆكۈلمەيدىكەن،

    نېمىشقا پەقەت يىغلىمايدىغانلىقىڭنى چۈشەندىم...

     

    يىغلىغاننى كۈلدۈرەلىمەك، يىغلىشىپ بەرگەندىن قىممەتلىككەن،

    يىغامنى كۈلكىگە ئايلاندۇرغان چېغىڭدا چۈشەندىم...

     

    بىرسىنى خالىغان يەنە بىرسى خاپا قىلالايدىكەن،

    لېكىن ئەڭ ياخشى كۆرگەن بىرىلا ئازاپلىيالايدىكەن،

    مېنى بەك ئازاپلىغان چېغىڭدا چۈشەندىم...

     

    سۆيۈلگەنگە ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆكۈلگەن ھەر تامچە ياشمۇ ئەرزىيدىكەن،

    كۆز-يېشى بىلەن بىرلىكتە خۇشھاللىق تاشلاپ كەتكىنىڭدە چۈشەندىم...

     

    يالغان سۆزلىمەسلىك ئەمەس، راستنى يوشۇرماسلىق ئىكەن ئۇستىلىق،

    يۈرىگىڭنى قولۇمغا قويغىنىڭدا چۈشەندىم...

     

    « ساڭا مۇھتاجمەن» دېيەلىمەككەن كۈچلۈكلۈك دېگەن،

    ساڭا « كەت» دېگىنىمدە چۈشەندىم...

     

    بىرى ساڭا « كەت» دېگەندە، « قالغۇم بار» دېيەلىمەككەن سۆيۈش دېگەن،

    « كەت» دېگىنىڭدە كەتكىنىمدە چۈشەندىم...

     

    ساڭا بولغان سۆيگۈم ئەركە بىر بالىغا ئوخشايدىكەن، يىقىلسىلا يىغلايدىغان،

    چوڭ بولۇپ مېنى چىڭ قۇچاقلىغىنىڭدا چۈشەندىم...

     

    كەچۈرۈم سوراش ئەمەس بەلكى « ئەپۇ قىل مېنى»

    دەپ ۋارقىرىغۇسى كەلمەك ئىكەن پۇشايمان قىلىش  دېگەن،

    راستىنلا پۇشايمان قىلغىنىمدا چۈشەندىم...

     

    كىبىر- مەغلۇپ بولغانلارنىڭ ۋە ئاجىزلارنىڭ ماسكىسى ئىكەن،

    سۆيگۈ تولغان يۈرەكلەرنىڭ كىبىرى بولمايدىكەن،

    يۈرىكىمدە سۆيگۈ تاپقىنىمدا چۈشەندىم...

     

    ئۆلگۈدەك  ئىستىگەنلەر ساقلاپ تۇرمايدىكەن،

    كۈنلەرنىڭ بىرىدە كەچۈرۈلىشىنى ئۈمىت قىلىشىدىكەن،

    مېنى ئەپۇ قىلىشىڭنى ئۆلگۈدەك ئىستىگىنىمدە چۈشەندىم...

     

    سۆيگۈ- ئەجىر دېمەككەن،

    ئەجىر- ۋاز كېچەلمىگۈدەك دەرىجىدە

    شۇنداقلا ئۆز ئەركىگە قويۇپ بېرەلىگۈدەك دەرىجىدە سۆيمەك ئىكەن،

    چۈشەندىم، چۈشەندىم، بەك كېچىكىپ چۈشەندىم...

     

     

    تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت (ئايپالتا) ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

    分享到: