پۇتى پۇرايدىغانلار ، بىر كۈندە كىيگەن ئاياغ ۋە پايپىقى يەنىلا ئوخشاش شۇنداق سېسىق، باشقىلاربىلەن ئالاقە قىلغاندا بەكمۇ ئوڭايسىزلىنىدۇ، ئەمىليەتتە، پۇت پۇراش كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، يەنە بەزى ئادەملەر ئۆزىگە يۈك قىلۋالىدۇ، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى يوقىتىدۇ، ئۇنداقتا پۇت پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئامال بارمۇ.؟
سېرىق پۇرچاق پۇت پۇراشنى يوقىتىدۇ.150 گىرام سېرىق پۇرچاقنى سۇدا سېلىپ ، ئوتتا 20 مىنۇت قاينىتىمىز، سۇ تەخمىنەن 1 كىلوگىرام ئەتراپىدا، سۇنى ئازراق سوۋۇتقاندىن كىيىن پۇتنى چىلايمىز، بۇنىڭ پۇت پۇراشنى داۋالاشتا ئۈنۈنى بەك ياخشى، پۇت تېرە تاشلىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇت تېرىسى بەكمۇ سىلىق بۇلىدۇ، ئادەتتە ئارقا- ئارقىدىن 3-4 يۇيسىلا ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز.
شاپاق پۇت پۇراشنى يوقىتىدۇ.تەكيە كاۋا ئىسىقنى باسىدۇ، تالنى قۇۋەتلەيدۇ، نەملىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنە بۆرەك، ئۆپكە ، يۈرەك ، سۇلۇق ئىششىق، قورساق كۆپۈش ، كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە پايدىلىق. يەنە تەكيە كاۋىنىڭ شاپىقىنى قاينىتىپ سۈيىدە پۇتنى يۇيۇپ بەرسە ئۈنۈمى بەك ياخشى.
بانان پوستى پۇت پۇراشقا پايدىلىق.بانان پوستى تەركىبىدە يەنە ھەرخىل ۋىروس ۋە باكتىرىيەلەرنى يوقىتىدىغان ماددا بار، بانان پوستى يەنە ھەرخىل يۇقۇملىنىشتىن كىلىپ چىققان تېرە كېسەلكلىكلىرى ، قىچىشىشى، ياللۇغنى قايتۇرۇپ، ئاغرىقنى توختىتىدۇ، بانان پوستىنى پۇت قولغا سۈرۈپ بەرسە ئۈشۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قۇرۇتۇپ ئېزىپ تالقان قىلىپ يۈزگە ئىشلەتسە ئەڭ ياخشى گۈزەللەشتۈرۈش مەھسۇلاتى بۇلالايدۇ،
تۇرۇپ پۇت پۇراشنى يوقىتىدۇ.پۇت پۇرايدىغانلار ، يېرىم ئاق تۇرۇپ، نىپپىز توغراپ، قازانغا سېلىپ 3 مىنۇت قىزىق ئوت، 5 مىنۇت كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىمىز، ئازراق سوۋۇغاندىن كىيىن پۇتنى يۇيسىڭىز ئۈنۈمى ياخشى.
جۇسەي پۇت پۇراشنى يوقىتىدۇ.يېڭى جۇسەيدىن 250 گىرامنى پاكىز يۇيۇپ، قازانغا سېلىپ بىر قاينىتىۋەتكەندىن كىيىن سوۋۇتۇپ پۇتنى يۇيۇپ بەرسە پۇت پۇراشنى داۋالايدۇ، بىر ھەپتىدىن كىيىن يەنە بىر قېتىم يۇيۇپ بەرسىڭىز ئۈنۈمى تېخىنۇ ياخشى بۇلىدۇ.
ئۇزاق مۇددەت پۇت تەرلەشنىڭ سەۋەبى؛
ياش؛ئاساسەن ئوتتۇرا ياشلاردا كۆپرەك كۆرىلىدۇ،
جىنسى؛ ئادەتتە ئەرلەرنىڭ كېسەلىككە گىرىپتار بۇلۇش نىسپىتى ئاياللاردىن كۆپرەك. ئەرلەرنىڭ ھەرىكەت قىلىش دائىرىشى كۆپرەك بولغانلىقتىن بولسا كېرەك.
تازلىق؛دائىم شەخسى تازلىق ئادىتىگە دېققەت قىلىش كېرەك، دائىم پۇتنى يۇيۇپ تۇرۇش، ئاممىۋى مۇنچىلارغا ئازراق بېرىش، ئادەتتە يازدا ساپما كەش كىيگەندە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
پۇت پۇراشنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىمىز
پۇتنىڭ پاكىز ھەم قۇرغاق بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، پايپاقنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، بولسا ئاياغدىن ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولسا تېخى ياخشى.
باشقىلارنىڭ ئاياغ، لۈڭگە ،ئاياغ سۈرۈتكۈچ قاتارلىق بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەڭ، ئاممىۋى مۇنچا، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى قاتارلىق جايلاردا خالىغانچە يالاڭ ئاياغ ماڭماڭ.
ئەگەر ئائىلىڭىزدىكىلەردىن بىرەرسى پۇت پۇراش كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالغان بولسا ،ئاياغ ئىشكابىدىن ھاۋا ئۆتۈشمىگەچكە ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ،
سەمىمىي ئەسكەرتىش؛ كۆپىنچە پۇتى پۇرايدىغانلارنىڭ قايتا قوزغىلىشى دورا ئىشلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەڭ ياخشىسى بىر كۈندە بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان دورىنى ئىشلەتكەن ياخشى،
قايتا يوللىنىپ قالغان بولسا ،ياكى كۆرۈپ بۇلۇنغان مەزمۇن بولغان بولسا كەچۈرگەيسىلەر،بۇمۇ مىنىڭ ياخشى كۆڭلۈم ئەلۋەتتە...