مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 1ئىنكاس
  • 266كۆرىلىشى

بوۋاقلارنى سۈتتىن ئايرىغاندا دىقەت قىلدىغان [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: ئوت يۈرەك
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 10479
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 107
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە107دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 1002 دوللار
تۆھپــــــــــە: 53 ھەسسە
گۇرۇپپا:
توردىكى :115(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2013-06-04
ئاخىرقى: 2013-09-13
يازما   يوللانغان ۋاقتى : 2013-08-02 12:41:26
بوۋاقلارنى سۈتتىن ئايرىغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟ ئانىنىڭ سۈتى گەرچە ئىنتايىن ياخشى بولسىمۇ، لېكىن بالىنى ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە ئەمگۈزگىنى بولمايدۇ. بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ ئوزۇقلۇققا بولغان تەلەپ ئېھتىياجى نىسپىي ھالدا كۆپىيىدۇ. ئەگەر بالىنى ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە ئېمىتمىسە، بولۇپمۇ ئۆز ۋاقتىدا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بەرمىسە، بالىدا ھەر خىل ئوزۇقلۇقلار يېتىشمەسلىك كېسىلى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.  بالىنىڭ ئىشتىيى تۆۋەنلەپ، بەدىنى ئاجىزلاپ باشقا كېسەللىكلەر بىلەن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ. شۇڭلاشقا بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى مەلۇم مەزگىلگە بارغاندا چوقۇم ئۆز ۋاقتىدا سۈتتىن ئايرىش كېرەك.
بەزى ياش ئانىلارنىڭ بالىنى سۈتتىن ئايرىشتا تەجىربىسى يوق بولۇپ، ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ، ئەمچىكى ئۈستىگە رەڭ سۈرتۈپ ياكى لازا سۈرتۈپ قويۇپ، بالىنى قورقىتىش ئارقىلىق سۈتتىن ئايرىش مەقسىتىگە يېتىدۇ. بەزى بالىنىڭ ئانىسى بىر نەچچە كۈن بالىدىن يىراقراق يەرگە ۋاقتىنچە ئايرىلىپ كېتىپ، بالىنىڭ سۈت ئېمىش ئادىتىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى ئىلمىي ئۇسۇل ئەمەس. بوۋاق تېخى نورمال ئېمىتىش باسقۇچىدا تۇرغاندا تۇيۇقسىز سۈتتىن ئايرىۋېتىپ يېمەكلىككە ئۆزگەرتىپ باقسا، دەرھال ماسلىشىپ كېتەلمەيدۇ. بەزى بالىلاردا ھەزىم قىلىش ياخىشى بولماسلىق ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. ھەتتا ئىچى سۈرۈپ ئاشقازان- ئۈچەي خىزمىتى قالايمىقانلىشىدۇ. بەزى بالىلار تاماق يېيىشكە ئۇنىمايدۇ. بۇنداق چاغدا بالىنىڭ تەن سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ سۈتتىن يەنىلا ئايرىيالمايدۇ. ئادەتتە ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن بالىنى سۈتتىن ئايرىش ئۇسۇلى – تەدرىجىي ھالدا ئايرىشتىن ئىبارەت. ئىككى ئايلىق بولغاندىن باشلاپ بوۋاققا سۈت ئارىلىقىدا گۈرۈچ شىرنىسى قوشۇپ بېرىش، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بوۋاقلارغا ئۈچ ئايلىق بولغاندىن باشلاپ ئېزىلىپ پىشقان شوۋىگۈرۈچ قوشۇپ بېرىش، بەش ئايلىق بولغاندىن باشلاپ تەدرىجىي ھالدا تۇخۇم سېرىقى، كۆكتات شورپىسى قاتارلىق ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىش لازىم. 6 -8 ئايلىق بولغاندىن باشلاپ كۈنىگە بىر قېتىملىق ئېمىتىشنى ئازايتىپ ئورنىغا باشقا يېمەكلىكلەرنى بېرىش، كېيىن تەدرىجىي ھالدا ئېمىتىش قېتىم سانىنى ئازايتىش لازىم. ئەڭ كېچىككەندىمۇ ئىككى ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىپ بېقىشنى پۈتۈنلەي توختىتىش لازىم. ئادەتتە بالىنى سەككىز ئايلىقتىن بىر ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئايرىسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. چۈنكى بالا تۇغۇلۇپ 8 ئايلىققىچە بولغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ناھايىتى تېز بولۇپ، ئۇزۇقلۇققا باي ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ئنتايىن زۆرۈر ۋە مۇھىم. سەككىز ئايلىقتىن كېيىن يالغۇز ئانا سۈتىگىلا تايىنىپ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرغىلى بولمايدۇ. بالىنى ئانا سۈتىدىن ئايرىغاندىن كېيىن، كالا سۈتى ۋە يېمەكلىك بىلەن باقسا بولىدۇ. ئايرىم رايۇنلاردا كالا سۈتى ياكى سۈت ئورۇندىكى باشقا نەرسىلەر كەمچىل بولسا قۇشۇمچە يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىش بىلەن بىللە، كۈنىگە بىر ياكى ئىككى قېتىم ئانا سۈتىنى ئېمىتىشنى بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە چوقۇم سۈتتىن ئايرىش كېرەك. بالىنى سۈتتىن ئايرىشقا ئەتىياز ياكى كۈزدىكى ھاۋانىڭ سالقىن ۋاقتى ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ.




ماقالە مەنبەسى: http://www.eldawa.com | ماقالە ئادرېسى: http://mother-child.eldawa.com/baby/2012/0831/2222.html
[ بۇ تېمامۇتتەقېبۇ يەردىن2013-08-02 19:22قايتا تەھرى ]

تېما تەستىقلىغۇچى: مۇتتەقې
تەستىق ۋاقتى: 2013-08-02, 19:12

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

ھەيران

تەسرلىك

خوشال

رەنجىش

ئالامەت

ياخشى

رەھمەت
 
دەرىجە: قىزىققۇچى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 9062
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 460 دوللار
تۆھپــــــــــە: 5 ھەسسە
توردىكى :57(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-09-06
ئاخىرقى: 2013-09-13
چاققان   يوللانغان ۋاقتى : 2013-08-11 13:30:01
    

 
تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك250 بايت
ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى