مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 2ئىنكاس
  • 477كۆرىلىشى

تەكشۈرۈش كېلىدۇ(ئەنگەر) [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: باشقۇرغۇچى
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 746
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 18
ئومۇمىي يازما: 838
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە838دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 11029 دوللار
تۆھپــــــــــە: 75 ھەسسە
توردىكى :703(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2010-07-09
ئاخىرقى: 2013-08-17
شەرەپ مىدالى

يازما   يوللانغان ۋاقتى : 2013-05-22 23:53:33
تەكشۈرۈش كېلىدۇ

(ساتىرا)



ئۇچۇر كەلدى ھېلىلا يۇقىرىدىكى "يېقىندىن"،
كېلىمىشكەن يېقىندا  يېزىمىزغا تەكشۈرۈش.
تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقى ئېغىر ئىكەن ئاڭلىسام،
شۇڭا ھەممىڭ دەرھاللا تەييارلىقنى پۈتتۈرۈش.

ئاتلىنىڭلار  ھازىرلا  ئورگاندىكى  كادىرلار،
يەتكۈزۈڭلار ھەممىگە تەكشۈرۈشنىڭ خەۋرىنى .
تازلىق قىلسۇن  مەكتەپلەر،كەنت ،مەسچىت،ئۆيلەر ھەم،
تازلىۋەتسۇن پاك-پاكىز دوڭلۇكتىكى  قەۋرىنى.

يول بويىدا قالمىسۇن ئەخلەت –چاۋار ،تاشلاندۇق،
سۇنى چېچىپ يوللارغا ،تاملار بولسۇن ئاقلاقلىق.
دەرۋازىلار سىرلىنىپ،كۆركەم نەقىش ئۇيۇلسۇن،
"ھاللىق"دىگەن تاختىمۇ تۇرسۇن ئاڭا چاپلاقلىق.

چېلىقمىسۇن كۆزلەرگە ئەسكى قورا،كېسەك تام،
دويجاڭ سەندە ھوقۇق بارئۇنداق ئۆينى چېقىۋەت.
يول بويىغا خىش بىلەن قورشاۋ تاملار سېلىنسۇن،
قارشى چىقسا بىرەرسى "سوجاڭ"ئۇنى سولىۋەت.

ئۆي-ئۆيلەرگە كىرىڭلار ،كىگىز –كۆرپە تەكشۈرۈپ،
تۈگىتىڭلار ئىز قويماي كونىلارنى كۆيدۈرۈپ.
كونا كىگىز ئورنىغا يېڭى گىلەم سېلىنسۇن،
ئورۇن كورپە سىرتىغا ئېسىل قاپلار كەيدۈرۈپ.

تۇرسۇن دېھقان ئۆيىدە،تېلېۋىزور ۋە ئۇنئالغا،
كام بولمىسۇن ھەرگىزمۇ سىنئالغۇ ھەم كىرئالغۇ،
ھۆيلىسىدا كۆرۈنسۇن تراكتور ۋە كومبايىن،
ئۆي تۆرىگە ئېسىلسۇن ئاز دىگەندە ئۈچ چالغۇ.

يول بويىغا تىزىلسۇن پىكاپلاردىن نەچچىسى،
-كىمنىڭ ؟دىسە ناۋادا  دېھقان بولسۇن ئىگىسى.
-باشلىقىمىز بەك ئېسىل ،دىسۇن يەنە سۆز قوشۇپ،
-باشلىق بولغاچ مانا بىز بولدۇق بېيىش ئۈلگىسى.

ياڭراپ تۇرسۇن كانايدىن"پارتىيىگە مەدھىيە"،
مول مەزمونلۇق پائالىيەت قىززىپ كەتسۇن مەيداندا.
قىز-چوكانلار ياسىنىپ ،چۈشسۇن بەزمە ئۇسولغا،
كالا-قويلار مەرىشىپ تۇرسۇن ھەتتا قوتاندا.

بەلكىم كىلەر مۇخبىرلار،چوڭ تەكشۈرۈش بولغاچقا،
ئەقىل كېرەك  ئۇلارنى  يالغان سۆزدە گوللاشقا.
قانداق جاۋاپ بېرىشنى ئۆگىتىڭلار دېھقانغا،
تەييار تۇرسۇن بىزنى ھەم يېزىمىزنى داڭلاشقا.

گەپنى ئېنىق قىلىڭلار،دىققەت قىلسۇن سۆزىگە،
قالايمىقان سۆز قىلىپ ،ئىش تاپمىسۇن ئۆزىگە.
تەكشۈرۈشمۇ تۈگەيدۇ،ئۇلار كېتىپ بىز قالمىز،
مانا مۇشۇ قۇلۇمنى تىقىپ سالماي كۆزىگە.

كۈنىڭ قانداق دەپ قالسا،بەختىيارمەن ،شوق دىسۇن،
ئاچ بولسىمۇ شۇ كۈنى ،گوش يىگەنمەن توق دىسۇن،
ئۆسىمىنى خەچلەيمەن بانكىدىكى پۇلۇمنىڭ،
پارتىيىگە ئارتۇقچە تەكلىپ-پىكىر يوق دىسۇن.

ئەپ كېلىڭلار بىرقانچە يىغلاڭغۇنى،ئارتىسنى،
ياشلار ئېلىپ كۆزىگە سۆزلەپ بەرسۇن ئوبداننى.
شۇنى ئېنىق ئېيتىڭلار مۇكاپات بار ئىشىغا،
مۇكاپاتقا ئالىدۇ تەلەڭگە ۋە چايداننى.

كاتىپ چوكان سەنمۇ ھەم ماھارەتنى چىقارغىن،
دوكىلاتنى تەييارلا  ھەرگىز قۇلۇڭ تالمىسۇن.
ئىككى قاتلا ھوسولنى،سان سېفىرنى كەلتۈرۈپ،
جەدۋەللەشتۈر ئۇلارنى يالغانلىقى چانمىسۇن.

كاسسىر ئۇكام بارمۇ سەن؟! دىڭ تۇتتۇڭمۇ قۇلاقنى،
تەكشۈرۈشكە كەلگەنلەر توقلاپ كەلماس قوساقنى.
رېستۇرانغا كۆچۈپ بار ،تەييارلىقنى باشلىۋەت،
ئېسىل قورما،ئېسىل مەي ،مەيلى سويساڭ توپاقنى.

"شوجاڭ" خېنىم بۇ نۆۋەت ۋەزىپىڭىز بەك ئېغىر،
قېنى ئېيتىڭ  مەكتەپتىن چىقماس ھەرگىز كاشىلا.
بالىلارنى باشقۇرۇڭ،فورما كەيسۇن ئۇچىغا،
چىقىپ قالماس بېشىغا ياغلىق ياكى دۇپپىلا؟!

بۇلا ئەمەس ۋەزىپە ئەڭ موھىمى كەينىدە،
مۇئەللىمە خانىملار بولسۇن كەچلىك خىزمەتتە.
ناخشا ئېيتىڭ ئۆزىڭىز ،رەھبەر چۈشسە تاڭسىغا،
بىزمۇ ئويناپ كۈلەيلى،تۇرۇپ قالماي ئۆچرەتتە.

كەنىتلەردە بار ئېنىق،جاندىن تويغان نوچىلا،
ھە دىسىلا ئەرز قىپ ،ھولىمىزنى كوچىلا.
كەتكۇزۇڭلار ئۇلارنى ئىككى ئايلىق ھاشارغا،
شۇنداق بولسا ئۇلارنىڭ زۇۋانىمۇ تۇتىلا.

ساقچىخانا رولىنى جارىي قىلسۇن تېخىمۇ،
كېپ كەتكەننى تىزىملاپ،سوراپ تۇرسۇن سەن كىمۇ؟
ساقال –بۇرۇت قويغاننى تىزىملىسۇن بىرمۇ- بىر،
مۇقىملىقنى قوغداشچۇن كىرسۇن ھەتتا ئوتقىمۇ!

باشقۇرۇڭلار كوچىدا مەس-ئەلەس بوپ يۇرگەننى،
كۈلۈپ يۈرمەي ئۆزىچە بىزگە قاپاق تۈرگەننى.
"تۈۋەن تۇرمۇش پۇلى"نى تارقاتماڭلار ھېچكىمگە،
ياخشىلىقنى بىلەلمەي ،ئەيىبلەرنى كۆرگەننى.

خۇي پەيلىمنى بىلىشسەن ،تۇكۈم باردۇر يۈزۈمدە،
كەسكىنلىكىم بىلىنەر قىلغان ھەربىر سۆزۈمدە.
گەر قىرىشساڭ مەن بىلەن بىلىندۈرمەي جايلايمەن،
تاپشۈرغاننى قىلىشساڭ ،كۈلكە چاقنار كۆزۈمدە.

يىغىن تامام، ۋەسسالام ئاتلىڭلار ھەركەتكە،
تەكشۈرۈشتىن ئوتسەكلا،ئىشلار تولار بەركەتكە.
"ياخشى "دىسە باشلىقلار ماڭا ساڭا ئامەتتۇر،
مەيلى دەڭلار "ئامەت"چۇن قالساقمۇ گەر نەپرەتكە.

*********************************************
كۆردىڭلارمۇ خالايىق يىغىن شۇنداق ئېچىلدى،
خوشامەتچى،تەخسىكەش بۇ سەپكە ھەم قېتىلدى.
مەنپەت ئۈچۈن ۋىژداننى سېتىپ سامان نەرخىدە،
يۇقىرى بىلەن تۈۋەنگە زىدىيەتلەر چېچىلدى.

خاتالاشتىڭ ئەي رەھبەر سېنىڭ كۈنىڭ ساناقلىق،
كۇنىڭ ئۆتەر ئاقىۋەت پۇت قۇلۇڭمۇ باغلاقلىق.
"ئەل سۆيمەسنى ،ئەل سۆيمەس"دەيدۇ شۇڭا دانالار،
ئەل ئىشقىدا كۆيمىسەڭ،بېرىلمەيدۇ پاناھلىق.

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

ھەيران

تەسرلىك

خوشال

رەنجىش

ئالامەت

ياخشى

رەھمەت
 
باشقىلاردىن خوشاللىققا ئېرىشىمەن دەيدىكەنسەن،ئاۋال ئۆزۈڭ باشقىلارغا خوشاللىق ئاتا قىلىشىڭ كېرەك.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 2254
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1037
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1037دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 9991 دوللار
تۆھپــــــــــە: 22 ھەسسە
توردىكى :782(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-02-09
ئاخىرقى: 2013-09-10
شەرەپ مىدالى

چاققان   يوللانغان ۋاقتى : 2013-05-24 11:51:14
شەكىلۋازلىققا تۇلغان جۇڭگوچىلىق.
رەخمەت مۇئەللىم تېمىڭىزغا

 
دەرىجە: ئوت يۈرەك
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 10479
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 107
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە107دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 1002 دوللار
تۆھپــــــــــە: 53 ھەسسە
گۇرۇپپا:
توردىكى :115(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2013-06-04
ئاخىرقى: 2013-09-13
ئەگەشكۇچى   يوللانغان ۋاقتى : 2013-06-07 15:10:34
ئەمەلىيەتنى يۇشۇرۇپ رىئاللىققا زىت قىلمىشلاربىلەن ئۆزى ئوتتۇرىدىن پايدائېلىپ،كىچىككىنە ئەمىلىگە تايىنىپ خەلىقنى ئىزىيدىغان ،دىلى بىلەن تىلى بىردەك بولمايدىغان ئاشۇنداق يوغون قۇرساق،خەلىقنىڭ دىلكىشى بۇلالمايدىغان،يۇقۇرغا خۇشامەت قىلىپ،تۈۋەننى ئانى تاپىدىغان  سوك-سوك ئەلدارلارغا. بۇ شىئېر قامچا بۇلۇپ تەگسە ئىكەن دەيمەن.بەك ياخشى يېزىپسىز

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك250 بايت
ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى