خام ماتىريالى:ئۇن ،گۆش ،سۇ يېغى،يېسۋېلىك، كۆك-قىزىلمۇچ، سامساق،غولپىياز،
پەمىدۇر، يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ (پەمىدۇر قىيامى)
تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،كاۋاۋىچىن،ئاچچىقسۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى:دەرىسلىكتە ئېيتقىنىمىزدەك،پەسىلگە قاراپ ئۇنغاتۇز ۋەسۇ قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ،
پورەك چىققىچە ئىشلەپ،15مىنۇتتىندۇرغاندىن مۇۋاپىق چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ،زوۋۇلنىياغلاپ
تۇرۇپ بىگىز قولدەك توملۇقتا ئۇزۇنچاق پىلتەقىلىمىز.پىلتىلەرنى دەستىلەپ تىزغاندا،ھەر قەۋىتىنىڭئۈستىنى ياغلاپ تۇرۇش كېرەك.پىلتىلەرنى تەييار بولغاندايەنە15-10مىنۇت تىندۇرىمىز.

گۆش ۋە كۆكتاتلارنى قوناق چوڭلىقىدا دان-دان قىلىپ بىر خىل شەكىلدە توغراپ تەييارلىۋالىمىز.
قوررۇش ئۇسۇلى:قازانغا ئازراق ياغ قۇيۇپ گوشنى سېلىپ ئاندىن غولپىياز يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ سېلىپ قورۇپ ئازراق تۇز سالىمىز.ئاندىن پېسۋېلەك(چۇكا پۇرچاق،سامساق غولى،بەرەنگە،پېدىگەن)سېلىپ قورۇپ ئاندىن كۆك-قىزىلمۇچ،پەمىدۇر سېلىپ قورۇپ ئازراق كاۋاۋىچىن ئۇنى سېلىپ مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ ،تۇز،تەمىنى تېتىپ ،ئاچچقسۇ سامساق سېلىپ بىر قاچىغا ئېلۋالىمىز.
پىلتىنى پىشۇرۇش:قازانغا چوپ لايلەپ بىشقىدەك سۇ قۇيۇپ قاينىشىغا ئولگۇرتۇپ .تىنغان پىلتىنى بىر-بىرىدىن ئېلىپ ئاشتاختىدا ئىككى ئالىقان بىلەن دومىلىتىپ تەكشىلىۋىلىپ،ئاندىن ئىككىبىشىدىن تۇتۇپ سوزۇپ ئاشتاختا ئۈستىگەقاتار-قاتارتىزىلىدۇ.ئاندىن ئىككى ئۇچىدىن تۇتۇپ ئىككى بىلىكىمىزنى كېرىپ ئاستا ۋە دادىللىق بىلەن سوزۇپ،ئوتتۇرىسىنى ئاشتاختىغابوش-بوش ئۇرۇپ،بىر غۇلاچ بولغاندا قاتلاپ يەنە سوزىلىدۇ.ئىنچىكە سوزۇلغاندا،بىر ئالقىنىمىزغا يىغىلغان پىلتە
بېشىنى ئۈزىۋېتىپ،ئىنچىكە سوزۇلغان خېمىرنى قازانغا تاشلاپ بەش مىنۇت قاينىتىلىدۇ.ئاش پىشقاندىن كىيىن سوزۇپ ئېلىپ،سوغوق سۇدا چايقاپ،ئاندىن يا ئىسسىتىپ ياكى شۇ
پېتىچە چىنىلەرگە ئېلىپ ئۈستىگە تەييارلانغان قورىمىسىنىسېلىپ ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ.



ئالاھىدىلىكى:ئىنتايىن يىيىشلىك بۇلۇپ كۆكتات ئىلغايدىغانلارغا بەكمۇ ماس كىلىدۇ .
بۇ تاماق غۇلجا خەلقى دائىملىق ئىستىمال قىلدىغان لەڭمەنلەرنىڭ بىر تۇرى.
تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەقىياتى ئۇچۇن ئېلان چىكىشنى ئۇنۇتماڭ!!