مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 4ئىنكاس
  • 183كۇرىلىشى

شىركەت قۇرۇشقا قانداق ئىقتىدار كېرەك؟ [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
4303
جىنسى:
ئوغۇل
دەرىجىسى
ئاشپەز ئۇستام
يازما
158
نادىر تىما
14
مۇنبەرپۇلـــى
40
شۆھـرىتـــــى
1830
تۆھپــــــــــە
44
سودا پۇلــــى
427
ياخشـى باھا
292
تەجىربىسى
87%
ھالىتى
ئالاقەQQ
بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
توردا:
  • 152 سائەت
  • تىزىم:
    2011-09-30
    ئاخىرقى:
    2012-10-22
    ئۆز ئالدىغا بىر شىركەت قۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان كىشىلىك سۈپەتلەردىن تۆۋەندىكىلەر بار: ),53(=/hl  
    (1) قاراملىق قىلىش روھى n(.U>_ P  
    شىركەت قۇرۇشنىڭ گېپى بولغاندا، ئامېرىكىدا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان بىر سۆز «قاراملىق قىلىشقا جۈرئەت قىلىش»، ئۇنى ئىنگلىزچىدا «willing to take a risk» دەپ ئاتايدۇ. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، ئۇيغۇرچىدا «قاراملىق قىلىش» دېگەن سۆز كۆپىنچە ھاللاردا سەلبىي مەنىدە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، «قارام ئادەم» دېگەن سۆز ئانچە بىلىملىك ئەمەس، بىر ئىشنى قارىسىغىلا قىلىدىغان كىشىگە قارىتىلىپ ئېيتىلىدۇ. ئىنگلىزچىدىكى «قاراملىق قىلىش» بولسا ئىجابىي مەنىدىمۇ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، مەلۇم بىر ئىشنى بەلگىلىك بىلىم-ئىقتىدار ئاساسىدا «دەتتىكام» دەپ تۇرۇپ قىلىپ بېقىشقا، يەنى ئاشۇنداق بىر تەرىقىدە «قاراملىق قىلىش» قا جۈرئەت قىلىشقا قارىتىلغان. ئامېرىكىلىقلار بالىلىرى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۇلارنى ھەر خىل ئىشلاردا قاراملىق قىلىپ چوڭ بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. خەتىرى بار قاراملىقلارنى قىلىپ، ئېغىر دەرىجىدە يارىلىنىدىغان، بىر يەرلىرىنى سۇندۇرۇۋالىدىغان ياشلار ئاز ئەمەس. شۇنداقلا ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىلا خېلى يۇقىرى تېخنىكىلىق، ناھايىتى مۇرەككەپ بىر نەرسىلەرنى لايىھىلەپ ياساپ چىققانلار، كىچىك تۇرۇپلا شىركەت قۇرۇپ، 20 نەچچە يېشىدا مىليونېر بولۇپ بولغان كىشىلەرمۇ خېلى بار. ياشلارنى مۇشۇنداق تەربىيىلەيدىغان بولغاچقا، ئامېرىكىدا كاتتا ئىشلارنى قىلىپ، مۆجىزە يارىتىدىغانلار كۆپ چىقىدۇ. ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرىقى مەنىدىكى قاراملىق قىلغۇچىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر سىزدە قاراملىق قىلىش غەيرىتى كەم بولسا، سىز بىر ئىشنى قىلىدىغاندا مەغلۇپ بولۇشتىن قورقۇپ، چوڭ ئىشنى باشلىيالمايسىز. شىركەت قۇرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن، كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۇ شىركەتنىڭ تەقدىرى قانداق بولىدىغانلىقىنى ئالدىن توغرا مۆلچەرلىيەلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا شىركەت قۇرۇش بىر قاراملىق قىلىش جەريانى بولۇپ، ئۇ سىزدىن قاراملىق قىلىش روھىنى تەلەپ قىلىدۇ. U5!T-o;3}  
    (2) بەدەل تۆلەش روھى s+RSAyU  
    سىز ئۆز ئالدىڭىزغا شىركەت قۇرسىڭىز، سىز ئەڭ ئاخىرىدا پۇلغا ئېرىشىسىز. يەنى، پۇلنى تەقسىم قىلىشتا سىزگە پۇل بېرىپ تۇرغان بانكا، سىزنى خام ئەشيا ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىگەن شىركەتلەر ۋە سىزنىڭ خىزمەتچىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا تۇرىدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي كىرىمگە ئېرىشىدۇ. سىز بۇرۇن ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغان ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىنىمۇ شىركەت ئۈچۈن قۇربان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇرۇنقىدەك كۈنىگە 8 سائەت ئىشلەيدىغان، شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى دەم ئالىدىغان، ھەمدە يازدا بىر قانچە ھەپتە دەم ئېلىپ، ساياھەت قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى تۈگەيدۇ. بولۇپمۇ شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئاشۇنداق بولىدۇ. شۇڭا شىركەت قۇرماقچى بولغانلاردا ناھايىتى كۈچلۈك بەدەل تۆلەش روھى، ئوڭۇشسىزلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئىرادىسى، ھەمدە ئوڭۇشسىزلىقتىن كېيىن روھىي جەھەتتىن تېز ئەسلىگە كېلەلەيدىغان ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك. قاراملىق قىلىشتىن كېلىپ چىققان بەدەل تۆلەشنىڭ دەرىجىسىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئامېرىكىدا بۇرۇن قىلىۋاتقان خىزمىتىنى توختاتماي، شىركەت قۇرۇش ئىشىنى دەسلەپتە قوشۇمچە ئېلىپ بېرىپ، بۇ ئىش خېلى بىر ئىشەنچلىك باسقۇچقا يەتكەندە ئاندىن بۇرۇنقى خىزمىتىنى تاشلايدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى كوپ. ئۆزۈممۇ ھازىرغىچە قۇرماقچى بولغان 4 شىركەتلەرنىڭ ئىشىنى قىلىش جەريانىدا ئۆزۈمنىڭ ئەسلى خىزمىتىنى تاشلىمىغان ئىدىم. يېڭى شىركەت ئوڭۇشلۇق بولمىغان ئىدى، بۇرۇنقى خىزمىتىمنى قىلىۋەردىم. لېكىن شۇ جەرياندا نۇرغۇن دەم ئېلىش كۈنلىرىمنى، نۇرغۇن ئاخشاملارنى، ۋە بەلگىلىك قىممەتتىكى پۇلۇمنى قۇربان قىلدىم. f 3t&Bcw$  
    (3) كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى قىلالايدىغان ماھارەت J=@D]I*3  
    سىز بىر شىركەتنىڭ ئىگىسى بولسىڭىز، جەمئىيەتتىكى ھەر خىل ئادەملەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، سىز شىركەتنى ھام ئەشيا بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتنىڭ ئادەملىرى، خېرىدارلار، ئۆز شىركىتىڭىزنىڭ خىزمەتچىلىرى، ئادۋۇكاتلار، بوغالتىرلار، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ۋە يۇقىرىقىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەر خىل كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىسىز. شۇڭا سىز ھەر خىل مىجەزلىك كىشىلەر بىلەن ئىش بېجىرەلەيدىغان بولۇشىڭىز، ئۆز خېرىدارلىرىڭىزدىن ئۇلارنىڭ نېمىنى ئىستەيدىغانلىقىنى، نېمىنى ئىستىمەيدىغانلىقىنى بايقىيالايدىغان بولۇشىڭىز كېرەك. 8n`O{8:fi  
    (4) كۈچلۈك لېدىرلىق ماھارىتى {iRXK   
    ئۆزلىرى كۆزلىگەن نىشانغا يېتىشتە، باشقىلارنىڭ ھەممىسى شىركەتنىڭ ئىگىسىگە يۆلىنىدۇ. شىركەت ئىگىسىنىڭ يول باشلىشىنى ئىستەيدۇ. شىركەت باشلىغىنىڭ ھەر خىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىشىگە قارايدۇ. شۇڭا شىركەت باشلىقى يۇقىرىقىدەك مەسئۇلىيەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆددىسىدىن ئوڭۇشلۇق چىقىش ئۈچۈن، چوقۇم كۈچلۈك لېدىرلىق ماھارىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. #eKg!]4-R  
    (5) كۈچلۈك تەشكىللەش ماھارىتى ` 0}z ;&:  
    شىركەت ئىگىسى ئۆز شىركىتىدە بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشى، مۇھىم ئىشلار تەرتىپىنى بېكىتىپ تۇرۇشى، ھەمدە ھەر بىر مۇھىم ئىشلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇنداق قىلىش ئۈچۈن كۈچلۈك تەشكىللەش ماھارىتى بولمىسا بولمايدۇ. :,]*~Nl  
    (6) زېرەكلىك F-SD4a  
    «زېرەكلىك» بولۇش دېگىنىمىز ھەر خىل ئىمتىھانلاردا يۇقىرى نومۇر ئالالايدىغان بولۇش، دېگەنلىك ئەمەس، «كوچىلاردىكى ئەقىل ئىگىسى بولۇش» دېگەنلىك. يەنى، قولىدىن ئىش كېلىدىغان، ئىشنىڭ ئېپىنى تاپالايدىغان بولۇش دېگەنلىك. ئەقىللىق شىركەت ئىگىلىرى بىر ئىش يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئۇنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ھەمدە كرىزىس يۈز بەرگەندە ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىدۇ. +#Q\;; FNP  
    (7) باشقۇرۇش ئىقتىدارى <{xU.zp'  
    كىچىك شىركەتلەرنىڭ ئىگىلىرى قىلىدىغان ئاساسلىق ئىش ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت. يەنى ئۇلار خېرىدارلار، خىزمەتچىلەر، ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر، بوغالتىر، ئادۋۇكاتلار، بانكا، ئائىلىدىكىلەر ۋە ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. بۇ ئەھۋال ھەر بىر شىركەت ئىگىسىدىن كۈچلۈك باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. -YD+x PD  
    (8) شىركەت تەجرىبىسى ay-M.J  
    بۇ نۇقتىنى كۆپ سۆزلىمىسەكمۇ، ئۇ ھەممەيلەنگە ئايان. شىركەت تەجرىبىسى بولۇش، ئۆزى بىر شىركەت قۇرۇشتا ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ بۇنداق تەجرىبىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئۇلار ئوقۇش جەريانىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ شىركىتىگە ياردەملىشىپ بېرىپ، شۇ جەرياندا ئۆگەنسىمۇ بولىدۇ. ياكى بولمىسا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بىرەر شىركەتتە بىر-ئىككى يىل ئىشلەپ، تەجرىبە توپلىسىمۇ بولىدۇ. ۋە ياكى شىركەت تەجرىبىسى بار كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ شىركەت قۇرسىمۇ بولىدۇ. ئامېرىكىدا بۇنداق ئىشلار ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتكەن. ئەگەر شىركەت تەجرىبىسى پەقەتلا بولمىسا، شىركەت قۇرماقچى بولغان كىشى دەسلەپتە چوقۇم قىينىلىدۇ. لېكىن، نۇرغۇن ئىشلارنى شىركەت قۇرۇش جەريانىدا ئۆگىنىپ، شۇ ئارقىلىق تەجرىبىلىك بولغىلىمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدا ئاشۇنداق قىلىۋاتقانلار ھازىر خېلى كوپ بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا شىركەت تەجرىبىسىنى بولمىسا قەتئىي بولمايدىغان بىر نەرسە، دەپمۇ قاراپ كەتمەسلىك كېرەك. 8a}et8df:  
    (9) ئۈمىدۋارلىق @ UgZZ  
    شىركەت قۇرۇيدىغانلار ئۈچۈن ھەممە ئىشلارغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايدىغان مىجەز-خاراكتېرمۇ ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، شىركەت ئىشلىرى داۋاملىق سىز ئويلىغاندەك ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بىر ئىشتىن ئاسانلا ئۈمىدسىزلىنىدىغان كىشىلەر نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، قىلىۋاتقان ئىشىدىن بىر دەمدىلا ۋاز كېچىشى مۇمكىن. لېكىن، ئۈمىدۋار كىشىلەر ئۇنداق قىلمايدۇ. بەزىبىر ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ چوقۇم يۈز بېرىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئۇنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماڭغان يولدىن قايتماي، ئەڭ ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. 7>sNjOt@M  
    يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلىك سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن بىر شىركەت قۇرماقچى بولغان بىر كىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن، ھازىرغىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك شىركەت قۇرۇپ باققان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىدە يۇقىرىقى كىشىلىك سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تەڭلا ھازىرلاپ باققان ئەمەس. يەنى، سىزدە يۇقىرىقى كىشىلىك سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق بولمىسىمۇ، سىز بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك شىركەت قۇرالىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا سىز ھەرگىزمۇ «مەندە يۇقىرىقى 9 سۈپەتنىڭ ھەممىسى تەل ئەمەسكەن»، دەپ بېلىڭىزنى قويۇۋەتمەڭ. %D9,Femt  
    مەن ھازىرغىچە تىلغا ئالمىغان، شىركەت قۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان يەنە بىر نەرسە بار. ئۇ بولسىمۇ پۇل. ئامېرىكىدا يېڭى شىركەت قۇرىدىغانلارنىڭ بەزىلىرى ھۆكۈمەتتىن ياكى بانكىدىن پۇل قەرز ئالىدۇ. بەزىلىرى مەبلەغ سېلىش بانكىسى، مەبلەغ سېلىش شىركىتى، ياكى مەبلەغ سېلىش خۇسۇسىي كاپىتالىستلىرىدىن پۇل ھەل قىلىدۇ. يەنە بەزىلىرى بولسا ئۆز پۇلى بىلەن شىركەت باشلايدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىرغىچە بۇ ئىشلار قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى مەن تەپسىلىي بىلمەيمەن. ئۆزۈمنىڭ پەرىزىچە ھازىرغىچە شىركەت قۇرغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆز پۇلى بىلەن ئىش باشلىغان بولۇشى مۇمكىن. ھازىر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياشلار ئۈچۈن پۇل مەسىلىسى ئۈستىدە باش قاتۇرۇش سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ. شۇڭا مەكتەپ ھاياتىدا ياشلار زېھنىنى ئۆزىدە يۇقىرىقى 9 كىشىلىك سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرگىنى ياخشى. سىزدە ئىقتىدار بولسا پۇل ھەل بولغاندا شىركەت قۇرالايسىز. ئەگەر سىزدە ئىقتىدار بولمىسا بىرسى سىزگە پۇل بەرسىمۇ بىر شىركەت قۇرالىشىڭىز ھەمدە ئۇنى قاملاشتۇرۇپ ئېلىپ ماڭالىشىڭىز ناتايىن. شۇڭا ھەرگىزمۇ ياشلىق ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ ئۆتكۈزۈۋەتمەڭ. WVa#nU^  
    يۇقىرىقى سۈپەتلەردىن باشقا، تۆۋەندىكى نەرسىلەرمۇ بىر شىركەت قۇرۇشتا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىيالايدۇ: LFHzd@Y7"  
    (1) باشقىلاردا يوق ياخشى ئىدىيە. ئەگەر سىزدە مەلۇم بىر نەرسە توغرىسىدا باشقىلاردا يوق ياكى باشقىلارنىڭكىدىن ياخشىراق بىر لايىھە بولسا، شۇ نەرسىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتتىن بىرنى قۇرسىڭىز، سىز چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالايسىز. a"6AZT"8  
    (2) ئەگەر سىزدە بىر خىل ئالاھىدە تالانت بولسا، ئۇ تالانت سىزنىڭ بەزى ئاجىزلىقلىرىڭىزنى تولۇقلاپ كەتىپ، سىز بىر شىركەتنى يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلالايسىز. :e|[gEA  
    (3) دۇنيادا بىر ئالاھىدە تەلەينىڭ كېلىشى بىلەن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك شىركەت قۇرۇپ چىققانلارمۇ ئىنتايىن كۆپ. شۇڭا سىزگە بىر ياخشى تەلەي كېلىپ قالسا، ئۇنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭ. l%^VBv> 2  
    مەن يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ بىرسى مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش مىللەتنىڭ بارلىق ئەزالىرىدىن ئۇزۇن مۇددەت بوشاشماي تىرىشىشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش. بۇ يەردىكى «ئۇزۇن مۇددەت» دېگىنىمىز 50 يىلدىن 100 يىلغىچە بولغان ۋاقىت بولۇشى مۇمكىن. مەن يېقىندىن بۇيان تەييارلاپ ئىنتېرنېتقا چىقىرىۋاتقان «كىشىلىك تەرەققىيات» قا ئائىت يازمىلا يالغۇز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى بىر قىسىم ئىشلىرىغا ياردىمى بولسۇن ئۇچۇنىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقىدەك ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقىمۇ پايدىسى بولۇشىنى كۆزدە تۇتقان. مەن يۇقىرىدا تىزىپ چىققان 9 كىشىلىك سۈپەت يالغۇز شىركەت قۇرغۇچىلار ئۇچۇن كېرەكلىك بولۇپ قالماستىن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ھاياتى ئۇچۇن چوڭ-چوڭ ئىشلارنى كۆزلەۋاتقان ھەر بىر ياش ئۇچۇن ئىنتايىن زۆرۈردۇر. شۇڭا مەن ھەر بىر يۇقىرى ئىرادىلىك ياشنىڭ بۇ كىشىلىك سۈپەتلەرنى ھەر دائىم ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، پۇرسەت بولسىلا ئۆزىدە ئاشۇنداق سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە مۇستەھكەملەپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. S]#xG+$<  
    2. شىركەت قۇرۇشتىكى مەقسەت npD`9ff  
    ئادەمنىڭ ئېھتىياجى ئۇنىڭ مەقسىتى بىلەن قارارىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەمنىڭ مەقسىتى بىلەن قارارى بولسا، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان مەقسەت ۋە ئوخشاش بولمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرۇش قارارىغا كېلىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ شىركەت قۇرۇشتىكى مەقسىتى پۇل تېپىپ باي بولۇشتىن ئىبارەت. لېكىن، ھەممە ئادەم پۇل تېپىش ئۈچۈنلا شىركەت قۇرمايدۇ. مەسىلەن، مەن ئوقۇغان بىر ماتېرىيالدا ئېيتىلىشىچە، تۆۋەندىكىسى كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ شىركەت قۇرۇشتىكى مۇددىئاسىدىن ئىبارەت: _/(7:  
    پۇل تېپىپ باي بولۇش pA|Z%aL  
    كەسىپتە يۇقىرى پەللىگە چىقىش AXmW7/Sj"  
    كەسىپ بىلەن تېخنولوگىيىدە يېڭىلىق يارىتىش vy&< O  
    ئۆزى ياخشى كۆرگەن جايدا ياشاش 9PZY](/  
    ئۆز تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىلىش dd=' ;%?  
    ئەگەر سىز ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بىر شىركەت قۇرۇش قارارىغا كەلگەن بولسىڭىز، نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلماقچى بولۇپ قالدىڭىز؟ ياكى سىز نېمە مەقسەت ئۈچۈن شىركەت قۇرىسىز؟ ئەگەر خالىسىڭىز، سىز يۇقىرىقى 5 مەقسەتنىڭ ئۆزىڭىزگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى مۇھىملىق تەرتىپى بويىچە تىزىپ بېقىڭ. بىرىنچىسى ئەڭ مۇھىمى بولسۇن. ئاندىن سىز تاللىغان ھەر بىر مەقسەتنىڭ ئاستىغا سىزنىڭ ئاشۇ مەقسەتكە بولغان چۈشەنچىڭىزنى يېزىپ بېقىڭ. d@u)'AY%/  
    مەسىلەن، مەسىلەن، ئامېرىكىدا «كىچىك تىپلىق ئىگىلىك مەكتىپى» نى قۇرۇپ، ئوز ئالدىغا كىچىك تىپلىق شىركەت قۇرۇيدىغانلارغا مەسلىھەت بېرىش جەھەتتە داڭ چىقارغان «Hattie Bryant» ئىسىملىك بىر خانىم ئۆزىنىڭ «پۇل» توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى مۇنداق يازغان: «پۇل دېگەن تۆھپىگە بېرىلگەن مۇكاپاتنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭ تۆھپەم قانچە چوڭ بولسا، مەن شۇنچە كۆپ پۇلغا ئېرىشىشىم كېرەك. ئەگەر مەن باشقىلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن بىر مۇھىم ھەسسە قوشۇۋاتقان بولسام، ئاشۇ جەمئىيەتنىڭ سىستېمىسى ماڭا تۆھپەمگە چۇشلۇق مائاش بېرىشى كېرەك. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، شىركەت قۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئۈچۈن، بىر خىل ئېھتىياجنى بايقاپ، ئاشۇ ئېھتىياجنى قاندۇرۇش كېرەك. ئەگەر مەن خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالىسام، ئاخىرىدا ماڭا بېرىلىدىغان پۇل مېنى ساقلاپ تۇرغان بولۇشى كېرەك. پۇل تۇرمۇش ئادىتىدەك مۇھىم ئەمەس. مەن پەقەت قاتتىق ئىشلىگەنلەر شۇنىڭغا چۇشلۇق ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن.» JxlU=7cF  
    بۇ مەشىق سىزنىڭ ئۆز ئالدىڭىزغا شىركەت قۇرۇشتا قانچىلىك دەرىجىدە رېئاللىققا ئۇيغۇن ئىش كۆرىدىغانلىقىڭىزنى سىنايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر «پۇل» نى 1-مەقسەت قىلىپ تاللايدۇ. ئۇيغۇر ياشلىرى تېخىمۇ شۇنداق قىلىشى مۇمكىن. لېكىن، شىركەت قۇرغانلارنىڭ ھەممىسى پۇلنى مەقسەت قىلغان بولمايدۇ. ئامېرىكا كىچىك شىركەتلەر ئىگىسى بىرلەشمىسى ئېلىپ بارغان بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئاشۇ بىرلەشمىگە تەۋە شىركەتلەرنىڭ ئىچىدىكى 20 پىرسەنتتىن ئاز قىسمىلا ئۆز شىركىتىنى پۇل ئۈچۈن قۇرغان ئىكەن. يەنى، ئامېرىكىدا پۇل ئۈچۈن شىركەت قۇرىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىكەن. ھازىرقى شارائىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى پۇل ئۈچۈن شىركەت قۇرىدۇ. مېنىڭچە ئۇنىڭ ھېچ بىر خاتالىقى يوق. ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ باي بولۇپ، ئامېرىكىغا ئوخشاش قورساقتىن غەم قىلمايدىغان بولغاندا، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى باشقا مەقسەت ئۈچۈن شىركەت قۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ نىسبىتىمۇ كۆپىيىپ ماڭىدۇ. مېنىڭ ئۇشبۇ قىسىمنى بۇ يازمىغا كىرگۈزۈشىمدىكى مەقسىتىم، ئۇيغۇر ياشلىرىغا شىركەت قۇرۇش پەقەت پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيىسىنىڭ ئۈسۈشىگە ئەگىشىپ، شىركەت قۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مەقسىتىمۇ ئۆزگىرىپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گايتىسنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئۇنىڭ 2008-يىلىدىكى پۇل بايلىقىنىڭ قىممىتى 58 مىليارد دوللار ئىكەن. ئۇ 1955-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرقى يېشى 53 ياش ئىكەن. ئەگەر بىز ئۇنى 90 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرىدۇ، دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ يەنە 47 يىل ياشايدۇ. ئەگەر ئۇ ھازىردىن باشلاپ قەتئىي ئىشلىمەي، ئۆلۈپ كەتىشتىن بۇرۇن ھازىرقى پۇل بايلىقىنىڭ ھەممىسىنى ھەجلەپ بولماقچى بولسا، ئۇ ھەر كۈنى 3.3 مىليون دوللار پۇل خەجلىشى كېرەك. لېكىن، بىل گايتىس ياش ۋاقتىدا قانداق تىرىشقان بولسا، ھازىرمۇ شۇنداق تىرىشىپ ئىشلەۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ناھايىتى كۆپ. بۇ كىشىلەر پەقەت پۇل تېپىپ باي بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆز ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە نامايان قىلىپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پۇلدىن باشقا مەقسەتلەرگىمۇ يېتىش ئۈچۈن ئۆمۈر بۇيى قاتتىق ئىشلەيدۇ. g~#HiBgWq[  
    3. ئامېرىكىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلىشى WhU-^`[*  
    ئامېرىكىدا كىچىك تىپتىكى خۇسۇسىي شىركەتلەر ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇنداق شىركەتلەرنىڭ سانى بارلىق كارخانا ئىگىلىكى ئىچىدە خېلى چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. گېزىت، رادىئو ۋە تېلېۋىزور قاتارلىقلاردا بېرىلىدىغان خەۋەر-دوكلاتلاردىمۇ كىچىك تىپتىكى شەخسىي شىركەتنىڭ گېپى ناھايىتى كۆپ چىقىپ تۇرىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ شەخسىي شىركەت مۇھىتى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىمۇ ناھايىتى كۆپ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، كەلگۈسىدىكى كارخانا ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەمدە ياش-ئۆسمۈرلەرنى كەلگۈسىدىكى كارخانا ئىگىلىكىنىڭ لېدىرلىرىدىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان مەخسۇس تەربىيىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر سىز ئىنگلىزچىنى بىلسىڭىز، ھەمدە بۇ جەھەتتىكى تەپسىلىي ئۇچۇرغا قىزىقسىڭىز، تۆۋەندىكى تور بېتىنى كۆرۈپ بېقىڭ: (Z{&[h  
    www.bizkids.biz XC NM  
    بىر مىسال سۈپىتىدە، مەن «ۋاشىنگتون ئىگىلىك ھەپتىلىك ژۇرنىلى» ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پروگراممىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئۇلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان بىر ھەپتىلىك مەخسۇس تەلىم-تەربىيىسى بار بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىشنى قىلغىلى ھازىر 30 يىل بولغان. ئۇلارنىڭ بۇ بىر ھەپتىلىك پروگراممىسىدا، ئوقۇغۇچىلارنى بىر «خىيالىي شىركەت» قۇرۇپ چىقارغۇزۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ ھەر خىل فۇنكسىيىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدىكەن. بۇ فۇنكسىيىلەر خېرىدارلار مۇلازىمىتى، مەھسۇلات تەشۋىقاتى، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر، تەتقىقات ۋە تەرەققىيات، ئىستراتېگىيە، لېدىرلىق، زىددىيەتنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھازىرقى ئىگىلىك دۇنياسىدا بولمىسا بولمايدىغان مۇرەككەپ ماھارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مۇشۇنداق مەخسۇس تەلىم-تەربىيە جەريانىدا دەرس سۆزلەيدىغانلار ئامېرىكىدىكى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ چوڭ باشلىقلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى جەمئىيەتتىكى بىر ئاددىي خىزمەتچى بولۇشتىن ئىش باشلاپ، كېيىن ئۆز ئالدىغا بىر شىركەت قۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز شىركىتىنى ئامېرىكىدىكى داڭلىق شىركەتلەر قاتارىغا قوشقان كىشىلەردۇر. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلار ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئۆز بەشىدىن ئۆتكۈزگەن بىۋاسىتە سەرگۈزەشتلىرىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنى مېڭىسىدە بىر ئۆمۈر ساقلىنىدىغان قىممەتلىك بىلىملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇرۇن چوڭ بولغاندا نېمە قىلىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ يۈرگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ تەلىم-تەربىيىنى ئالغاندىن كېيىن ئۆزلىرى كەلگۈسىدە قىلىدىغان ئىش توغرىسىدا بىر ناھايىتى ئېنىق قارارغا كېلەلەيدۇ. مۇشۇنداق تەربىيىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۆز تەقدىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەن كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەسكەن. شۇڭلاشقا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان بۇ بىر ھەپتىلىك مەخسۇس تەلىم-تەربىيە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق بايقاپ، شۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلىپ جەمئىيەتكە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلاردىن بولۇپ چىقىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا. AR}q<k6E  
    بۇنداق ئىشنى ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئاسانلا قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن ئۇنداق ئىشنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پۈتۈن مائارىپ ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىش – بېرىلماسلىقى ھۆكۈمەتكە باغلىق بىر ئىش بولغاچقا، مەن بۇ يەردە شەخسىيلەر ئۆز ئالدىغا قىلالايدىغان ئىشلار ئۈستىدە قىسقىغىنا توختىلىپ ئۆتەي. مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئەتكەندەك، ئامېرىكىدا مەخسۇس ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرماقچى بولغان كىشىلەرگە ياردەم قىلىدىغان مۇلازىمەت شىركەتلىرى ناھايىتى كۆپ. بۇنداق مۇلازىمەت شىركىتىنى قۇرغانلار ئاساسەن ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرۇش ئىشلىرىدا يېتەرلىك تەجرىبە توپلىغان كىشىلەردىن ئىبارەتتۇر. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئاشۇنداق ئادەملەر بار. لېكىن بەك كۆپ ئەمەس. مېنىڭچە بولغاندا بۇ ئىشنى ئالدى بىلەن ئارمان شىركىتىگە ئوخشاش چوڭ شىركەتلەر باشلىسا بولىدۇ. يەنى ئۇلار بىر يىلدا بىر قانچە قېتىم ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرماقچى بولغانلارنى تەربىيىلەش پۇللۇق سېمىنارى ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. ياش ئەۋلادلارنى كەلگۈسىگە ماسلاشتۇرۇپ تەربىيىلەيدىغان بۇ ياخشى ئىشنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى ئويلىسا، تەلەپ قىلغان مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىپ، مەكتەپلەردىن پۇل ئالماي، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر كۈن ياكى بىر ھەپتىلىك تەلىم-تەربىيە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى. مېنىڭچە يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى ئاسانلا قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەمەلىيەتنىڭ قانداق بولۇشى ھازىرقى ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ تونۇشى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى، غەيرىتى ۋە ئالىيجانابلىق دەرىجىسىگە باغلىق. f:)%+)U 
    مەن ئالدىنقى بىر يازمامدا ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي ئۆگىنىش ئۇسۇلىدىن تۆۋەندىكى 3 تۈرلۈكنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم: %8N=4vTJ  
    1) بالىنىڭ ئاتا-ئانىدىن، ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىدىن، ۋە يېڭى باشلىغانلارنىڭ بىلىملىكلەردىن ئۆگىنىش ئۇسۇلى. بۇ ھازىر ئەڭ كەڭ قوللىنىلىۋاتقان، ئەنئەنىۋى ئۆگىنىش ئۇسۇلىدۇر. [ S_8;j  
    2) ئىلغار شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى. 4IEF{"c_8  
    3) ئۆز-ئۆزىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ۋە ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇپ تۇرۇپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى. ?~g X7{>  
    ئۇيغۇر شىركەتلىرىگە يۇقىرىقىدەك تەكلىپ بېرىشتە، مەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۈلگە ئارقىلىق يېتەكلەش ئۇسۇلىنى كۆزدە تۇتقان. يېقىندا ئەكرەم ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىز بىلىك كۇلۇبىغا «بىزگە زادى نېمە كېرەك؟» دېگەن بىر تېمىنى يوللاپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۈلگە ئارقىلىق يېتەكلەشنىڭ ھازىر ناھايىتى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپتۇ. قىزىققۇچىلار بۇ يازمىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈپ باقسا بولىدۇ: @j vF[wi;  
    http://www.bilik.biz/bbs/viewthread.php?tid=16080&extra=page%3D1 QL{{GQ_dn  
    يۇقىرىقىدەك مەخسۇس تەربىيىدىن باشقا، ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە «لېدىرلىق كۇلۇبى» دەپ ئاتىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەشكىللىنىپ قۇرۇپ چىققان كۇلۇبلارمۇ بار. بۇ كۇلۇبقا ئەزا بولۇپ كىرگەنلەر مەكتەپنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، لېدىرلىققا ئائىت ھەر خىل بىلىم ۋە ماھارەتنى ئۆگىنىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «لېدىرلىق كۇلۇبى» نى يولغا قويۇش ئىمكانىيىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. لېكىن، كەلگۈسىدە شىركەت قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئوقۇغۇچى ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۆز-ئۆزىنى تەربىيىلەش پۇرسەتلىرىدىن بىر قىسىملىرى بار. مەسىلەن، ئەگەر سىز باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە سىنىپنىڭ ئۆگىنىش باشلىقى، سىنىپ باشلىقى ياكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كادىرى بولۇپ ئىشلىسىڭىز، ئاشۇنداق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى قىلىش جەريانىدا ئۆزىڭىزدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماھارەت ۋە ئىقتىداردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېتىلدۈرەلەيسىز: (3) كىشىلىك مۇناسىۋەت ماھارىتى؛ (4) لېدىرلىق ماھارىتى؛ (5) تەشكىللەش ماھارىتى؛ ۋە (7) باشقۇرۇش ئىقتىدارى. شۇڭا ئەگەر سىز كەلگۈسىدە چوڭراق ئىشلارنى كۆزلەپ ياشىماقچى بولسىڭىز، ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدىكى يۇقىرىقىدەك پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويماڭ. 3$E\B=7/U  
    مەنبە:http://blog.ilqut.com

    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    8698
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئوت يۈرەك
    يازما
    248
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    120
    شۆھـرىتـــــى
    1310
    تۆھپــــــــــە
    22
    سودا پۇلــــى
    1310
    ياخشـى باھا
    267
    تەجىربىسى
    46%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 230 سائەت
  • تىزىم:
    2012-08-03
    ئاخىرقى:
    2012-10-22
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 4 ئېلان قىلىنغان: 09-19
    بىز ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىپ جاپا چەككىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    2247
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    ئاشپەز ئۇستام
    يازما
    145
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    1010
    شۆھـرىتـــــى
    910
    تۆھپــــــــــە
    32
    سودا پۇلــــى
    910
    ياخشـى باھا
    182
    تەجىربىسى
    31%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 30 سائەت
  • تىزىم:
    2011-02-09
    ئاخىرقى:
    2012-10-21
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 3 ئېلان قىلىنغان: 09-13
    تېمىڭىزىغا كوپ رەخىمەت ،

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    3034
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    باشقۇرغۇچى
    يازما
    1124
    نادىر تىما
    6
    مۇنبەرپۇلـــى
    3612
    شۆھـرىتـــــى
    10016
    تۆھپــــــــــە
    22
    سودا پۇلــــى
    9965
    ياخشـى باھا
    1240
    تەجىربىسى
    29%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 279 سائەت
  • تىزىم:
    2011-05-08
    ئاخىرقى:
    2012-10-22
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 09-13
    بارىكاللا..خۇشتار ئۇستام``

    مېنڭ ئسمېم مەمەتجان كەسپېم مىللى تاماق ئاشپزې
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    5341
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    چولپان ئەزا
    يازما
    1042
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    9638
    شۆھـرىتـــــى
    9638
    تۆھپــــــــــە
    2
    سودا پۇلــــى
    9605
    ياخشـى باھا
    1125
    تەجىربىسى
    29%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 257 سائەت
  • تىزىم:
    2011-12-18
    ئاخىرقى:
    2012-10-17
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 09-12
    سىزنىڭ بىزگە كۆپ بىلىملەرنى يوللاپ بەرگىنڭىزگە رەخمەت (D5 dN\  
    "NR`{1f:O  
    ياخشى بىلىۋىلىشقا تېگىشلىك بىلىملەركەن

    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى