بەختنى قوچاقلاپ كېلىدۇ ئەتەم
كۆرۈشۈش بىزلەر گە بولمىدى نىسىپ،
ھەمرادۇر سۆرىتىڭ پەقەت ۋە پەقەت.
ھىجرانلىق كۈنلەرگە تەسەللىي ئىزلەپ،
تويماستىن قارايمەن سۆرەتكە رەت-رەت.
تەبەسسۇم پارلايدۇ گۈلگۈن چېھرىڭدىن،
يۈزلىرىڭ نۇرانە ،چاچلىرىڭ تال-تال.
ئىشەنچكە تويۇنغان قارچۇقلىرىڭدىن،
ساداقەت نۇرلىرى چاقنايدۇ يال-يال.
ھاياتىم مەناسى سۆرەتتىكى قىز،
سۆزلەيمەن ساڭىلا تىلەكلىرىمنى.
ئۈمۈدلىك ياشاشنى قالدىم ئۆگۈنۈپ،
تارتقاچسەن غەپلەتتىن بىلەكلىرىمنى.
ئىشەنگىن سەن ھامان قەلب تۆرۈمدە،
ئارمانىم چىچەكلەر سېنى بىر سۆيسەم .
ۋىسالنىڭ كۆيىنى ياڭرىتىپ چوقۇم،
بەختنى قوچاقلاپ كېلىدۇ ئەتەم.