كىرەكلىك ماتىرياللار: ئالاھىدە ئۇن 300گىرام ، سۈزۈك سۇ يېغى 100 گىرام ، تۇخۇم ئېقى 20 گىرام ،
تۇز 3 گىرام ، شىكەر 60 گىرام ، سىيادان 40 گىرام ، ئىلىمان سۇ 1 ئىستاكان
ئىشلەش ئۇسۇلى : 1- ئۇنى بىر قاچىغا سېلىپ قاسقاندا 20 مىنۇت دۈملەپ ئېلىپ سوۋىغاندا ئەمبەلگە تۆكۈپ پوزىدا ئىزىپ يۇمشىتىمىز،
2- بىر قاچىغا شىكەر ، ماي ، تۇخۇم ئېقى، تۇز قاتارلىقلارنى سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ كۆپتۈرىمىز،
3- كۆپتۈرىۋالغان ئارلاشمىمىزغا دۈملىۋالغان ئۇننى سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ سىياداننى سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ ، ئىھتىياجغا قاراپ ئىلىمان سۇ قۇيۇپ
مۇۋاپىق چىڭلىقتا خېمىر تەييارلايمىز،

4- خېمىرنى 15 مىنۇت ئەتىراپىدا تىندۇرۇپ ، چوڭلىغىنى 25- 30 گىرامدىن قىلىپ زۇۋلا قىلىمىزدە
دۇخۇپكا لىسىنى مايلاپ زۇۋىلىلارنى بېسىپ يالپاقلاپ تەكشى تىزىمىزدە ھەر بىرىنىڭ ئۈستىگە ياڭاق مېغىزىدىن بىرتالدىن پاتۇرۇپ
ئۈستىگە تۇخۇم سېرىقى سۈرۈپ دۇخۇپكىغا سالىمىز.

پىشۇرۇش : دۇخۇپكا گىرادۇسىنى ئاستى - ئۈستى ئوخشاش 175 گىرادۇس بولىدۇ. پىشىش ۋاقتىنى ئۆزىڭىز مۆلچەرلەپ پىشۇرسىڭىز بولىدۇ .

مانا پىشىپ چىقتى ، ئېغىز تىگەيلى !!!!!!!!
ئەسكەرتىش: ئەگەر سىيادان يىمەيدىغانلار قارا كۈنجۈت قىلساق بولىدۇ
ئۈستىگە پاتۇرغان مېغىزنىمۇ ئېھتىياجىمىزغا ئاساسەن تاللىساق بولىدۇ