1.خىمىر تۇرۇچ-تەركىبى قىسمىدا.ئاقسىل.كاربون سۇبىرىكمىلىرى ۋە ۋىتامىنلار مول،مەزكۇر خۇرۇچتا مايلىق-مايسىز نان،يۈتازا،مانتا ۋە ھەرخىل ئۆي تائاملىرى.ۋە ھەرخىل پۇشۇرۇقلارنى تەييارلاشقا بولىدۇ،2.مىۋە قىياملىرى-تورىت.پىچىنە-پىرەنىك.بولكا قاتارلىقلارغا سىلىقلاپ ھەرخىل گۈل چىقىرىشقا ۋە ئۈستىەە سۈكەپ ھەرخىل شەكىلگە كەلتۈرۈشكە ئشلىتىلىدۇ،بۇنى يەنە بىۋاستە ئستىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ،تۇرى كۆپ.ھەرخىل مىۋىلەرنىڭ شىرنىلىرىنى خام ئەشيا قىلىپ ئشلەپ چىقىرىلغان.
3.ھەرخىل يىمەكلىك رەڭلىرى-سۇيۇق ھالەتتىكى ۋە ئۇن ھالەتتىكى دەپ ئىككى تۈرگەبۆلىنىدۇ.يىمەكلىك رىڭى ئارقىلىق ھەرخىل تەملىك رەڭلەرنى.ۋە ھەرخىل رەڭلىك شەكىللەرنى چىقىرىشقا ،يىمەكلىكلەرنىڭ سىرتقى كۆرنىشىنى ھەرخىل رەڭگارەڭ كۆركەم قىلىشقا ئشلىتىلىدۇ،ئاساسلىق تەركىۋى ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەردىن ئايرىۋىلىنغان تەبىھى مەھسۇلات،
4.سىرىق ماي-ئۆسۈملۈك مىيىدا تەييارلانغان يىمەكلىك خام ماتىريال.مەزكۇر مەھسۇلات خۇشپۇراق .مىزلىك بولۇپ تەركىبىدىكى ماي ۋە ئاقسىل ئادەم بەدىنىگە ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ.پۇشۇرۇقلارغا ئشلىتىلدىغان مايلار .سىرىق ماي.سۇسىز سىرىق ماي.ئاق ماي.كات-كات ماي.خۇشپۇراق سىرىق ماي دەپ بىر قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ.مايلارنىڭ ھەرخىل تۈرىگە قاراپ ئىشلىتىلىش رولىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.سىرىق ماي تەركىبىدە تۇز بولغان ۋە تۇز بولمىغان دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ،تەركىبىدە تۇز بولمىغان سىرىق ماينىڭ تەمى ئۆزگىچە تاتلىقراق بولىدۇ.تەركىبىدە تۇز بولغان سىرىق مايلارنى ئشلەتكەندە پۇشۇرۇقلارغا قوشىدىغان تۇز مىقدارىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئازايتىش كىرەك. سۇسىز سىرىق ماينى پۇشۇرۇقلارغا ئىشلەتكەندە پۇشۇرۇقلارنىە تەركىبىدىكى .سۇ ۋە ماي مىقدارىنى مۇۋاپىق ئازايتىش كىرەك، سۇسىز سىرىق ماينى پۇشۇرۇقلارغا ئىشلەتكەندە ئاسان قىتىۋالمايدۇ.يۇمشاق ھالەتتە ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا بولىدۇ ، 5.تاتافىن-ئاق رەڭلىك بولۇپ ئاساسلىقى تورىتلاردىكى تۇخۇم ئىقىنى تۇراقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ .تۇخۇم ئىقىنىڭ ئىشقارلىقى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئۇنىڭ ئىشقارلىقى تىخىمۇ كۈچىيىپ بارىدۇ.شۇڭا تۇخۇم ئىشلەتكەن يىمەكلىكلەرنىڭ ئاسانلام رەڭگى سارغىيىپتەمى ئۆزگۈرۈپ قالىدۇ ،يىمەكلىكلەرگە تاتافىن قوشۇش ئارقىلىق پۇشۇرۇقلارنىڭ ئىشقارلىقىنى تەڭشەش .رەڭگىنى ئاقارتىش رولىنى ئوينايدۇ. 6.قوش كۆپتۈرۈش ئۇنى (پودافىن)-يىمەكلىكلەرنى تىز سۈرەتتە كۆپتۈرۈش رولىغا ئىگە.بۇ خۇرۇچ ئارقىلىق تىز سۈرەتتە بولدۇرماقچى بولغان يىمەكلىكلەرگە ۋە پۇشۇرۇقلارغا.ئۇن تائاملىرىغا.كۆپتۈرگۈچ.بولدۇرغۇچ رولىنى ئوينايدۇ.ئادەتتە كۆچتۈرۈش سۈرىتى تىز كۇچ ۋە ۋاقىتنى تىجەيدۇ.ئىشلەپ چىقارغان يىمەكلىكلەرنى تەبىھى يۇمشاق قىلىپ ئۆزگىچە تەم كىرگۈزۈش رولىغا ئىگە.7.جىشىفىن- سۇس سىرىق.ئاق.رەڭدە بولۇپ.قويۇق سۈت پۇرۇقى ۋە مىۋە پۇرىقىغا .ئىگە.غەرىپچە تائاملارنى ۋە ھەرخىل تۈردىكى پۇشۇرۇقلارنى تەييارلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.تەييارلانغان يىمەكلىكلەرنىڭ پۇرۇقىنى.رەڭگىنى.ئىلاستىكىلىقىنى. ئاشۇردىغان يىمەكلىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.ئۇنىڭ يەنە يۇقىرى تىمپىراتۇرۈغا بەرداشلىق بىرىش خۇسۇسىيتىمۇ بار،8.قوناق ئۇنى كىراخمالى-بۇنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسيتى بولسا .بۇنىڭ ئالاھىدە ئىشلىتىلىشىنى بەلگىلىگەن.بۇنى ئپۇشۇرۇقلارغا ئىشلەتكەندە يىپىشقاقلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.پۇشۇرۇقلار سوۋۇپ قالغاندىن كىيىنمۇ قىتىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،9.ھەسەل-بۇ بولسا ساپ تەبىھى.ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان ماتىريال.ئاساسلىق تەركىۋى بولسا گىلىكوزا.گۈل-گىياھ.ۋە مىۋىلەرنىڭ شىكىرى.بولغان ئاددىي بولغان مەھسۇلات.تەركىبىدە ھەتتاكى باشقا بەدەنگە پايدىلىق بولغان ئالاھىدە تەركىبلەر مۇجەسسەملەشكەن.كىلىش مەنبەسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن .رەڭگى .تەمى .ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.بۇنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئوزۇقلۇق قىممىتى بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپىنچە مەھسۇلاتلارغا ئىشلىتىلىدۇ، 10.ئۇن- ئۇنلار ئادەتتە بولكا ئۇنى.تورىت ئۇنى.1-دەرجىلىك ئۇن.2-دەرجىلىك ئۇن.ئارپا ئۇنى.سىرىق ۋە ئاق قوناق ئۇنى. دەپ بىرقانچىە خىلغا بۆلىنىدۇ،بولكا ئۇنى كۆپ ھاللاردا بولكا ئىشلەپ چىقىرىشتا ئىشلىتىلىدۇ.قول بىلەن ئۇنى تۇتۇپ قويۋەتكەندە دەرھاللام ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىپ تارقىلىدۇ.ئادەتتە تەييار بولغان خىمىرنىڭ قولغا چاپلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە، 1-دەرجىلىك ئۇن بۇ ئادەتتە ھەرخىل ئۇن تائاملىرى پۇشۇرۇق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ،بۇ ئۇن ئادەتتە ئۇننىڭ جەۋھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ،2-دەرجىلىك ئۇن ئىلاستىكىلىقى تۆۋەن تورت.پىچىنە-پىرەنىك.قاتارلىقلارنى ياساشتا ئاساس قىلىنىدۇ،قول بىلەن سىقىپ قويۋەتكەندە كاللەك ھاسىل قىلىدۇ.ئاسان چىچىلمايدۇ،11.شىكەر ئۇنى-بۇ ئادەتتە شىكىەرنى خام ماتىريال قىلغان ئۇششاق ئۇن ھالەتتىكى بىرخىل ماتىريال بولۇپ.بۇنۇڭغا 3پىرسەنىت كىراخمال قوشۇپ كاللەكلىشىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.ئادەتتە يۇمشاق بولغان پۇشۇرۇقلارغا ئىشلىتىلىدۇ،12.ئۇششاق شىكەر-ئادەتتىكى شىكەرگە قارىغاندا دانچىسى ئۇششاق كىچىك بولىدۇ.بۇ غەرىپچە پۇشۇرۇقلارنى ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.ئۇن بىلەن ئارلاشتۇرغاندائاسان ئىرىيدۇ.پۇشۇرۇقلاردىكى ماي تەركىۋىنى ئۆزىگە سۈمۈرۋالىدۇ.ئۇنىڭ كوپتۈرۈش ئىقتىدارى ياخشى.12.سىرىق شىكەر-بۇشىكەردە قىنىق بولغان ھەسەلنىڭ رەڭگى پۇرۇقى بار.ئادەتتە پۇراق قىنىق بولغان پۇشۇرۇقلارغا ئىشلىتىلىدۇ،
13.نەملىشىشكە قارشى شىكەر-مۇۋاپىق مىقداردا كىراخمال قوشۇلغان بولۇپ.نەملىشىشكە قارشى تۇرالايدۇ.ئادەتتە پۇشۇرۇقلارنىڭ سىرتقى يۈزىنى بىزەشتە .ئىشلىتىلىدۇ،14.سۈت-بۇ ھەرخىل قىيام ۋە پۇشۇرۇقلارغا قوشۇپ قىنىقلىقىنى ئاشۇرۇشقا تەمىنى كۈچەيتىشكەسۇ تەركىۋىنى تەڭشەشكە تۈزۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
15.قايماق-ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
ئاساسلىقى تورت ياساشتا ،تورت گۈللىرىنى چىقىرىشتا ئىشلىتىلدۇ .بىيۋاستا ئىستىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ .ئېرىس قايماقنىڭ مۇقىملىقى ياخشى ،ئاق ،سىلىق ، خۇشپۇراق ، مىزلىك بولۇپ كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ. ھەرخىل نۇسقىدىكى مۇرەككەپ گۈللەرنى ،قىيىنلىق دەرجىسى يۇقۇرى بولغان قونچاقلارنى ۋە ھايۋانلارنىڭ شەكىلىنى ياساشقا ئىشلىتىلدۇ . قايماقنى ياكى قايماقتىن ياسالغان تورتلارنى سوغۇق ساقلاش ئىشكاۋىغا بىرنەچچەكۈن سىلىپ قويسىمۇ يىرىلىپ كىتىدىغان كۆپۈپ كىتىدىغان ياكى ئولتۇرشىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ . تەمىمۇ يىڭى پېتى ساقلىندۇ . ئېرىس قايماقنى توڭلاتقۇدا تۆۋەن تىمپىراتۇردا تڭلىتىپ ساقلىندۇ
16.سۈت پاراشۇكى-ئاق رەڭدە بولۇپ.كۆپتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.پۇشۇرۇقلارۈا قوشقاندا ئىستىمال قىممىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ،پۇشۇرۇقلارنىڭ تەمىنى.سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ.ھەمدە ئالاھىدە كۆپتۈرۈش رولىغا ئىگە.پۇشۇرۇقلارنىق ئىچكى تۈزۈلۈشىنى ياخشىلاپ.سۇپەت ئۆزگۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،17.تۇخۇم-پۇشۇرۇقلارنى تەييارلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان مەھسۇلات.تۇخۇملارنىڭ تۈرى بىر قانچە خىلغا بۆلىنىدۇ .يەنى توخۇ تۇخۇمى.ئۆردەك تۇخۇمى.غاز تۇخۇمى .كەپتەر تۇخۇمى قاتارلىقلار.بۇ تۇخۇملارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بەدەنگە بولغان پايدىلىق قىممىتى يۇقىرى تۇخۇم ئىقىنى ئادەتتە كۆپرەك تورت ۋە پۇشۇرۇق ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.تۇخۇم سىرىقى بولسا پۇشۇرۇقلارنىق يۇزىنى سىلىقلاشتا كوپرەك ئىشلىتىلىدۇ.توخۇ تۇخۇم ئىقى بولسا ھۆل سوغۇق.تۇخۇم سىرىقى بولسا ئىسسىق،
18.تۇز-تەم تەڭشۈگۈچلەرنىڭ بىرى .خىمىرنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ.19.سۇدا-ئادەتتە دانچىسى كىچىك ئۇن ھالەتتە بولىدۇ.سۇغايولۇققاندا.قىززىتقاندا.كىسلااتا قوشقاندا.كاربون تۆت ئوكسىد ئاجىرتىپ چىقىرىدۇ،ئادەتتە پۇشۇرۇقلارغا ۋە كىسلاتالىقى كۈچلۈك بولغان مەھسۇلاتلارغا ئىشلىتىلىدۇ.بۇنى قوشۇش ئارقىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشقارلىقىنى تەڭشەيدۇ.مەھسۇلاتلارنىڭ رەڭگىنى قىنىقلاشتۇرۇش.رەڭ كىرەۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ،
20.شاكىلات-ئادەتتە ماي .كىكىفىن.شىكەر قاتارلىق ماددىلاردىن تۈزىلىدۇ.باشقا تەم تەڭشۈگۈچىلەرنى قوشقاندا.ئاچچىق-چۈچىمەل.سۈت.قاتارلىقلارنىڭ تەمىنى ئۆزگەرتىدۇ،
21.ئۇششاق رەڭلىك شاكىلات-ئىشلىتىشكە قولايلىق .باشقا ئىش قوشۇش ھەجەتسىز.ھەرخىل پۇشۇرۇقلارنىڭ شەكلىنى كۆركەملەشتۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ.
22.ئاق شاكىلات-ئاق ھالەتتە بولۇپ ئادەتتىكى شاكىلاتقا سۈت.شىكەر.خۇش پۇراق ماتىرياللارنى قوشقاندىن كىيىن ياسىلىدۇ.تەمى بىرئاز تاتلىق بولىدۇ،
23.ئىسسىقلىققا چىداملىق شاكىلات-پۇشۇرۇقلارنىڭ تەركىۋىگە.سىرتقى يۈزىگە قوشۇپ پۇشۇرغاندا ئىرىمەيدۇ.تەمىنى ياخشىلايدۇ.رەڭگىنى كۆركەم چىرايلىق قىلىدۇ،
24.تەم تەڭشىگۈچ شاكىلات-بۇ شاكىلاتقا ياغ. شىكەر.سۈت پاراشۇكى.ۋە رەڭلىك خۇرۇچلار قوشۇلغاندىن كىيىن ھەرخىل تەملەرنى ھاسىل قىلىدۇ.قاتتىق ھالەتتە بولىدۇ.بۇنى ئۇششاق كىسىپ پۇشۇرۇقلارنىڭ يۈشىنى سەنئەتلىك بىزەشتە ئىشلىتىلىدۇ،
25.كىكىفىن- شاكىلاتنىڭ تەركىۋىدىكى ماي مىقدارىنى .ئارىۋىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئۇن.تەركىۋىدە شىكەر مىقدارى يوق.پۇشۇرۇقلارنىڭ تەمىنى تەڭشەشتە.سىرتقى يۈزىنى بىزەشتە. پۇشۇرۇقلارنى ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.
26.سۈت پۇراقلىق ئۇن-、ئاق ۋە سىرىق پاروشۇكسىنان تىتقۇ بولۇپ.ئەڭ ياخشى تەم تەڭشىگۈچ ماتىريالدۇر.يىمەكلىكلەرنىڭ تۇراقلىقىنى ئاشۇرۇپ .يىمەكلىكلەردىكى غەيرىي پۇراقلارنى يوقتۇش ئالاھىدىلىككە ئىگە.يىمەكلىكلەرگە قوشۇش ئارقىلىق سۈت تەملىك قىلغىلى بولىدۇ.ھەرخىل يىمەكلىكلەرگە پۇراق تەم كىرگۈزۈش رولى بار،
27.تورت مىيى-يەككە گىلىستىرىن.سىستارات ئىستىل.سۇربىك ئالىكوھول.پىروپاندىئول.قاتارلىق ماددىلارنى خام ئەشيا قىلىپ يۇقىرى پەن تىخنىكابىلەن ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ.ھەرخىل تورت پىچىنە-پىرەنىكلەرنى.ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ تورتنىڭ كۆپۈشۈنى قىسقارتىدۇ.كۈچنى تىجەيدۈ پۇشۇرۇقلارغا قوشقاندا تىخىمۇ يۇمشاق .ئۆزگىچە تەمگە ئىگە قىلىدۇ.ئەمما ھەممە تۈردىكى پۇشۇرۇقلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.28.خىمىر جەۋھىرى(گەيلىياڭجىي)-كىسلاتا تۇزى سولفات كىسلاتا.قاتارلىقلارنى قوشۇپ ياسىلىدۇ.غەرىپچە.ياۋروپاچە بولكىلارنى ئىشلەپ چىقىرىشتا مۇھىم رولغا ئىگە.ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئۇننىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاپ.خىمىرنىڭ خۇسۇسىيتىنى تەڭشەيدۇ.ئۇننىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش.ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇھەم بولكىلارنىڭ تۇراقلىقىنى ئاشۇرۇش.تەركىبىدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقتىش.ۋاقىتنى ئۇزارتىش.تەم رەڭ كىرگۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ. 29.يىمەكلىك رەڭلىرى-سۇيۇق ھالەتتىكى ۋە ئۇن ھالەتتىكى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.يىمەكلىك رەڭلىرى ئارقىلىق تورت.ۋە ھەرخىل پۇشۇرۇقلارغا ھەرخىل رەڭلەرنى ۋە ھەرخىل رەڭلىك شەكىللەرنى ئىشلەپ چىقىرىشقا.سىرتقى كۆرنىشىنى ھەرخىل رەڭگارەڭ كۆركەم قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.ئاساسلىق تەركىۋى ئۆسۈملۈكلەردىن ئايرىۋىلىنغان
1.لىس- تورت .بولكا ۋە پىچىنە-پىرەنىكلەرنى پۇشۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئەسۋاپ 2.ھەرخىل شەكىللىك قىلىپلار-تورت.پىچىنە-پىرەنىك. قاتارلىقلارنى ھەرخىل كۆركەم شەكىلگە كىرگۈزۈشتەھەم رەڭگارەڭ شەكىل چىقىرىشتا ئىشلىتىلىدۇ.
3.تور شەكىللىك سىم تور-بۇئاساسلىق پۇشۇرۇقلارنى ئىلىشتا.ئۆرۈشتە.سوۋۇتۇشتا.ئىشلىتىلىدۇ. 4. كىچىك تىپتىكى ئارلاشتۇرۇش ماشىنىسى-بۇ ئاساسلىق ئائىلىلەردە.ۋە يىڭى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ۋە ئىلىپ يۈرۈشكە قولايلىق ئەسۋاپ.سۈرئىتى ئاستا.ئۈنۈمى بىرقەدەر تۆۋەن .ئائلىە ئاياللىرى ئىشلىتىشكە ئەق ئەپلىك ۋە قولايلىق بولغان كىچىك تىپتىكى ئارلاشتۇرۇش ماشىنىسى
5.تارازا-بۇ ئاساسلىق خۇرۇچلار نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق توغىرا بولۇشىنى ئۆلچەيدئىغان ئەڭ مۇھىم ئەسۋاپ
6.ئۆلچەم قوشۇقى-شەكلى ھەرخىل.مۇۋاپىق مىقداردا ئۆلچەم بىرلىكىنى ئاساس قىلغان ئاددىي تىپتىكى ئۆلچەش ئەسۋابى
7.خىمىر يايغۇچ-ئادەتتە خىمىرلارنى يىيىشتا.شەكىلگە كەلتۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ.شەكلى ھەرخىل چوڭ-كىچىك تىپتىكىلىرى بار.ئۆز ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.8.قىرىغۇچ-تورت.ۋە پىچىنە-پىرەنىكلەرنىڭ سىرتقى يۈزىنى سىلىقلاشتا.پۇشۇرۇقلارنىڭ ئەسۋاپلىرىنى ئەمبەل.لىس.قاتارلىقلارنى تازلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.9.ھەرخىل شەكىلدىكى پىچاق-بۇ ئاساسلىق تورت.پىچىنە-پىرەنىك.بولكا قاتارلقلارنى كىسىشتە .مىۋە-چىۋىلەرنىى كىسىشتە ئىشلىتىلىدۇ.
10.ئۇن تاسقاش ئەسۋابى(ئەلگەك)-بۇ ئاساسلىق تورت.پىچىنە –پىرەنىك.بولكا قاتارلىقلارنى تەييارلاشتا ھازىرلاشقا تىگىشلىك ئەسۋاپ.بۇ ماتىريال ئارقىلىق ئۇنلارنى پاكىز ھالەتتە ئىشلىتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.11.چاپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان قەغەز-بۇ ئادەتتە يۇقىرى تىمپىراتۇرغا چىداملىق تازلاشقا قولايلىق قايتا-قايتا
ئىشلىتىشكە بولىدىغان ماتىريال.بۇنى يەنە لىسنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ
12.پۇشۇرۇشقا چىداملىق قەغەز- ھەرخىل شەكىلدىكى پۇشۇرۇقلارنى پۇشۇرۇش ئەسۋابى.مەھسۇلاتلارنى قويۇپ پۇشۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.ۋاقىتنى تىجەيدۇ.13.چوڭ-كىچىك تىپتىكى جاۋۇر-بۇنىڭ تۈرلىرى كۆپ بۇ ئاساسلىق پۇشۇرۇقلارنىڭ خۇرۇچىرىنى قول بىلەن تەييارلاشتىكى قولايلىق ئەسۋاپ 14.كوكۇس (يىروڭ)-بۇ ئاساسلىق پۇشۇرۇقلارنى بىزەشتە ھەم ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.
15.چوتكا-بۇ ئاساسلىق پىچىنە-پىرەنىك.بولكا قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە پۇشۇرۇق قىيامى.سۈت.ماي قاتارلىقلارنى سۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ. 16.گۈللۈك ئايلانما پىچاق-بۇ خىمىرلارنى كىسىشتە ھەرخىل شەكىللەرنى چىقىرىشتا ئىشلىتىلىدۇ 17.باۋشيەنمو-مەھسۇلاتلارنى سوغۇق ساقلىغاندا.ئورىغاندا ۋەمەھسۇلاتنىڭ سۇتەركىۋىنىڭ ھورلىنىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.18.تورت خالتىسى ۋە قىلىپلىرى-تورىتلارغا.پىچىنە-پىرەنىكلەرگە ھەرخىل سۇيۇقلۇق ئارقىلىق گۈل چىقىرىشتا،شەكىلگە كەلتۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ،19.ئۈستەل شەكىللىك ئارلاشتۇرۇش ماشىنىسى-بۇ تورت.پىچىنە-پىرەنىك.بولكا قاتارلىق پۇشۇرۇقلارنىڭ خام ماتىرياللىرىنى ئارلاشتۇرۇشتا.خىمىر يۇغۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.بۇ ۋاقىتنى.كۈچنى تىجەيدۇ.ھەم ناھايتى قولايلىق.20.تورت قىلىپى-تورتلارنى ھەرخىل شەكىلگە كەلتۈرۈشتە.ئىشلىتىلىدۇ.ئىشلىتىشكە قولايلىق 21. ھەرخىل شەكەلدىكى قىلىپلار-ھەرخىل رەڭگارەڭ شەكىللەرنى چىقىرىشقا.كۆركەم نۇسقىلارغا كەلتۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ.
22.ھەرخىل مىچە-چىۋە-ھەرخىل سەنئەتلىك شەكىللەرنى چىقىرىشقا تەركىۋى قىسمىغا قوشۇپ ھەرخىل تەملەرگە ئىگە قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.23- ھەرخىل مىۋەتەملىك سۇيۇقلۇق رەڭ -پۇشۇرۇقلارنى ھەرخىل رەڭ ۋە ھەرخىل تەملەرگە ئىگە قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.24-ئائىلىلەردە ئىشلىتىلدىغان دوخۇپكا-تورت.پىچىنە-پىرەنىك.بولكا.قاتارلىقلارنى پۇشۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.قولايلىق ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپچىل.25-ئۆلچەم كەمچىسى-بۇ ئاساسلىق سۇيۇقلارنى بىۋاستە گىرام سانى ئارقىلىق ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدۇ.26-ئىسسىقلىققا چىداملىق پەلەي-ئاسساسلىق دوخۇپكىدا پۇشۇرۇپ تەييار بولغان لىستىكى پۇشۇرۇقلارنى بىۋاستە ئىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.قىززىقلىققا چىداملىق .ھەم ئاسان كۆيمەيدۇ.27-قىسقۇچ-پۇشۇرۇپ تھييار بولغان پۇشۇرۇقلارنى ئىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.ئۆزى يىنىك ئەپچىل
28-پۇشۇرۇق ئەسۋاپلار جازىسى-پۇشۇرۇقلارنى تەييارلاشتا ئىشلەتكەن ئاز بىر قىسىمدىكى ئەسۋاپلارنى قولايلىق.ھەم پاكىزە رەتلىك قويۇشتا ھەم ساقلاشتا قوللىنىلىدۇ.
29-رەڭلىك گىلاس-تورت-پىچىنە –پىرەنىك.قاتارلىقلارغا سەننەتلىك شەكىل چىقىرىشتا ئىشلىتىلىدۇ.ھەم بىۋاستە ئىستىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ،
30-ھەرخىل مىۋە قىيمىسى-تورت-پىچىنە-پىرەنىك.بولكا.قاتارلىقلارغا قوشۇپ تەم كىرگۈزۈشتە.شەكىلگە كەلتۈرۈشتە.بىۋاستە ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.
يۇمشاق شاكىلات سىقمىسى- تورت-پىچىنە-پىرەنىك.بولكا.قاتارلىقلارغا قوشۇپ تەم كىرگۈزۈشتە.شەكىلگە كەلتۈرۈشتە.بىۋاستە ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.
32-مىۋە شىرنىسى- تورت-پىچىنە-پىرەنىك.بولكا.قاتارلىقلارغا قوشۇپ تەم كىرگۈزۈشتە.نان قاتارلىقلارغا سۈركەپ ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.ھەرخىل ماروژنى.ئىسسىق-سوغۇق ئىچىملىك.چاي قاتارلىقلارغا تەم كىرگۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.بۇنى قوشۇپ ئىستىمال قىلغاندا ئۇسۇاتمايدۇ.تەمى ئۆزگىچە.
33-قىتىق-بۇ ئاساسلىق پۇشۇرۇقلارغا تەبىي بولغان تەملەرنى كىرگۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.سوغۇق شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان سالقىن جايدا قويۇپ ساقلىنىدۇ
.بىۋاستە ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ
.ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى .تورت.بولكا.پىچىنە-پىرەنىك قاتارلىقلارغا ياخشى تەم تەڭشىگۈچ بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
پۇشۇرۇق ساھەسىدە تىخنىك خادىمغا ئىھتىياجلىق بولسىڭىز.ياكى پۇشۇرۇق سەھەسىدە ئۇچۇرغان
قىيىن مەسىللەرنى ھەل قىلماقچى بولسئىڭىز پۇشۇرۇق ساھەسىدىن .مەسلىھەت سورىماقچى
ۋە ياكى پىشرۇق ساھەسىدىن باشقۇرۇش.يىڭىلىق يارتىش. كەسىپ ئىگەللەش.يىڭى تۈر
ئۇگۈنۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرگە ئىھتىياجىڭىز بولسا ئاشپەز تور بىكىتىمىز.
بىلەن ئالاقىلىشىڭ!