رەھبەر بولسام بوپتىكەن
( ساترىك مۇسەددەس)
كۆرۈپ كۈندە خوشامەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن،
يۈرۈشلىرىم كارامەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن،
تېپىپ تاغدەك ئىناۋەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن،
سۈرۈپ ھۆزۇر ھالاۋەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن،
ئاشسا كۈندە تاپاۋەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن،
جىڭ گېپىم بۇ جامائەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن.
ئويلاپ قالدىم ئۆسۈشنى مەندە باشقا تاما يوق،
بۇ كېسەلگە ئەزەلدىن بىرەر ياخشى داۋا يوق،
ئارمانىم كۆپ مۇشۇنداق ئارمانلاردا ئادا يوق،
تەييارلاندىم مەن لېكىن يۇقىرىدىن سادا يوق،
كۆپلەپ قىلدىم تىلاۋەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن،
قىلسا چوڭام ساخاۋەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن.
نىمە ھەۋەس دەپ قالماڭ ئويلاپ قالسام ئۆسۈشنى،
ئويلىماڭلار ھەرگىزمۇ بۇ نىيتىمدىن توسۇشنى،
چىقىمچىلىق قىلماڭ ھەم كۆرسىتىمەن ئۈسۈشنى،
تۈگە قۇشكەن دەپ قالماڭ مەن بىلىمەن ئۇچۇشنى،
تىلەك بولۇپ ئىجاۋەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن،
قىلىڭلارچۇ ئىجازەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن.
چۈشۈپ ئېسىل پىكاپقا شەمۇ شەدە يۈرگۈم بار،
رەڭلىك سورۇن پەيزىنى مېنىڭ شۇنچە سۈرگۈم بار،
خۇش پۇراقلىق گۈللەرنى مېنىڭ يالغۇز ئۈزگۈم بار،
يۇۋاشلارغا ھۆرپۈيۈپ،ھەم قاپاقنى تۈرگۈم بار،
قىلساممۇ گەر خىيانەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن،
ئۆتكۈزسەممۇ جىنايەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن.
بۇرۇنقى شۇ رەھبەرلەر نىمانچىلا ئەخمەقتۇ،
چاكار بولۇپ ئاۋامغا ئىشلەشلىرى بەك مەتۇ،
سۈرمەي ھايات پەيزىنى كەتكەنلەرمۇ بەك كۆپتۇ،
"يامانلارغا ئۈلۈم يوق"بەكمۇ توغرا نەق گەپتۇ،
تۇتۇپ مەنمۇ ئاداۋەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن،
ئىشىتسەممۇ مالامەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن.
كېرىلەتتىم ،كۈلەتتىم رەھبەر بولغان شۇ كۈنى،
ھىلە –مىكىر ،ساختىدا ئۇستاز تۇتۇپ تۈلكىنى،
بېشىنىلا چاپاتتىم ئەكەل دىسە بۆكۈنى،
ئارتار ئىدىم خەلققە نامراتلىقنىڭ يۈكىنى،
ماڭا خەلقىم نەھاجەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن،
بولدۇم راسلا بىتاقەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن.
باشقۇرغۇم بار مېنىڭمۇ رەھبەر بولۇپ ھەممىنى،
مەستخۇشلانغۇم بار يەنە تېتىپ ھوقۇق تەمىنى،
تېتىتقۇم بار رەھبەر بوپ ئايىقىمنىڭ چەمىنى،
سوكۈلدىسام ئۆيمۇ-ئۆي قىلىپ ئۆسۈش پەمىنى،
بولماي ھەرگىز خىجالەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن،
كۆرۈنۈشتە بەك ھەيۋەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن.
شىپاڭشىتىپ قويرۇقنى يۇقىردىكى باشلىققا،
تولدىرىمەن ئاسترىتتىن قازنىقىمنى ئاشلىققا،
تۇنۇشتۇرۇپ ئۇلارنى لىۋەن سۈمبۇل چاچلىققا،
قايتۇرىمەن ئېنىقلا ئون سەككىزدەك ياشلىققا،
شۇنداق قىلىپ خوشامەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن،
ماڭا كەلسۇن شۇ ئامەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن.
ئۆسۈپ كەتتى باشقىلار مەن نىمىشقا ئۆسمەيمەن،
تەڭشەلمىگەن جاھاننى مەن نىمىشقا سۆكمەيمەن،
توشۇپ كەتتى دەرتلىرىم مەن نىمىشقا تۆكمەيمەن،
ئۆچۈپ كەتتى باشقىلار مەن نىمىشقا ئۆچمەيمەن،
چەكمەي ئەمدى رىيازەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن،
ياغدۇرماڭلار ئاھانەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن.
ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك دەپ ياقمامدۇ –يا قىلىقىم،
نەپرىتىنى قوزغامدۇ كۆپلەپ سالغان سېلىقىم،
ئاۋام بەرسە سۆيىنى ياشامدىكىن بېلىقىم،
ئۇلار بەرگەن سۈت بىلەن ئۇيامدىكىن قېتىقىم،
ياغدۈرالسام شاپادەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن،
بېرەلىسەم سائادەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن.
مەن دىگەندەك ئەمەسكەن رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى،
كۆزلىرىمنى قىزارتقان ساناقلىقلا نەچچىسى،
تەييار ئىكەن ئۈنداققا ھۆكۈمەتنىڭ دەككىسى،
چۈشەر ئىكەن سولاققا رەھبەرلەرنىڭ ئەسكىسى،
بولسا مەندە ساداقەت رەھبەر بولسام بوپتىكەن،
دىمەي ئەمدى تائەبەت"رەھبەر بولسام بوپتىكەن"