پەقەتلا ئۆزۈمدەك ياشىسام دەيمەن
سەن ئۈچۈن بوپ بەردىم ئاكتىپ ئاتارمەن،
بويرۇققا بويسۇندۇم بولۇپ چاپارمەن،
رەنجىمە مېنىڭدىن ئەمدى كېتەيمەن،
پەقەتلا ئۆزۈمدەك ياشىسام دەيمەن.
سەن سىزغان سىزىقتا ماڭالماي قالسام،
توغرا دەپ قارىغان يولدىن قايتمىسام،
رەنجىمە مېنىڭدىن ساڭا ياقمىسام،
پەقەتلا ئۆزۈمدەك ياشىسام دەيمەن.
ھەممىمىز دۇنياغا بەش كۈنلۈك مېھمان،
قەدىرسىز ياشىماق ھەممىدىن يامان،
رەنجىمە مېنىڭدىن بولساممۇ پايخان،
پەقەتلا ئۆزۈمدەك ياشىسام دەيمەن.
جۇرئەتلىك تونىنى كىيىپ قايتىدىن،
تارتقۇم بار ئۆزۈمنى قىڭغىر- لاققىدىن،
رەنجىمە مېنىڭدىن كەتسەم ئارىدىن،
پەقەتلا ئۆزۈمدەك ياشىسام دەيمەن.
سۈرتكۈم يوق ئاق يۇزگە ئەمدى قارىنى،
ئۈزگۈم يوق ياخشىنىڭ قەلب تارىنى،
رەنجىمە مېنىڭدىن،ئالغىن بارىنى،
پەقەتلا ئۆزۈمدەك ياشىسام دەيمەن.
كۈتمىگىن مېنىڭدىن ئەمدى خوشامەت،
سالغۇم يوق ئۆزۈمگە ئەمدى نادامەت،
رەنجىمە مېنىڭدىن قاچسىمۇ ئامەت،
پەقەتلا ئۆزۈمدەك ياشىسام دەيمەن.
ئەمەلگە قۇل بولۇپ بولماي ئەيىبكار،
چىن دىلدىن بولغۇم بار خەلققە" چاكار"،
رەنجىمە مېنىڭدىن بولسام ئىسيانكار،
پەقەتلا ئۆزۈمدەك ياشىسام دەيمەن.
2012.1.28