ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
ھازىر تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم ئارىمىزدا كۆپ قىسىملىرىمىز ئاڭلاپ باققان پىززا قاتلىمىسى. بەلكىم بۇنىڭغا قىزىقىدىغانلار چىقىپ قالار دەپ ئويلايمەن.

ئىككى يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە قايتقان ۋاقتىمدا بىر دوستۇم بىلەن يەنئەن يولىدىكى بىر ئارامگاھقا كىردۇق، قارىسام تاماق تىزىملىكىدە پىززا دەپ يېزىقلىقكەن، شۇنىڭ بىلەن قانداقتۇر، دەپ قىزىقىپ بۇيرىتىپ باقسام، ئۇ نەدىمۇ پىززا بولسۇن، ئىشقىلىپ قوينىڭ مېيىنى ئۈستىگە بولۇشىغا توغراپلا ئەتكەندەك بىر تاماقكەن، بىر چىشلەم يەپلا كۆڭلۈمگە تېگىپ قالغىنىنى يېيەلمەيلا قالدىم. شۇنىڭ بىلەن دۇكان ئىگىسىنى چاقىرىپ پىززا دېگەن بۇنداق بولمايتتى، دەپ چۈشەندۈرسەم، ئايالىمغا بىر چەت ئەللىك مۇشۇنداق ئۆگىتىپ قويۇپتىكەن، دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. بىر تاماقنى ئۆگەنگەندە كىمنىڭ ئۆگەتكىنىگە ئەمەس، تاماقنىڭ زادى ئەسلى رېتسىپىغا سادىق ياكى ئەمەسلىكىگە قارىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئۆتكەندە بىر ئاشپەزلىك مۇسابىقىسىدە ئىتالىيىلىك بىر يىگىت ھەممە تاماق تۈرىدە يېڭىپ چىقىپ ئىتالىيە چۆپىنى تەييارلاشتا ئامېرىكىلىققا ئۇتتۇرۇپ قويدى، شۇنداقلا بىر ئىش.
ئەمدى بۈگۈن پىززىنى ئۆزىڭىز ئۆيدە تەييارلاڭ. ئەگەر بۇرۇن يەپ باققان، قانداق ئېتىدىغان بولغىيتى دەپ قىزىقىپ قالغان بولسىڭىز، بۇ يازما سىزگە ياردەمدە بولغۇسى.
لازىملىق خۇرۇچلار: ئۇن بىر پىيالە، شوخلا قىيامى--ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز قاينىتىڭ، تەييارلاش ئۇسۇلىنى سەل تۇتۇپ تونۇشتۇرىمەن، پىياز، كۆك-قىزىلمۇچلاردىن ئازراقتىن، ئاناناس (بولو)، زەيتۇن، موگۇ....ئىشقىلىپ ئۆزىڭىز تاپالىغان، ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسىنى. ئەگەر تاماقتىن ئېشىپ قالغان كۆشلەر بولسا ئۇنىمۇ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ ياقتۇرۇشىڭىزغا يارىشا ئىرىمچىك.
دىققەت: بۇ يەردە دەۋاتقىنىمىز قازاقلار يەيدىغان ئىرىمچىك ئەمەس، ئادەتتە كەررېفور دېگەندەك تاللا بازارلىرىغا كىرسىڭىز چوقۇم بار.
ئاۋۋال پىززىنىڭ خېمىرىنى تەييار قىلايلى: بىر بال قوشۇق خېمىرتۇرۇچنى بىر بال قوشۇق شېكەر بىلەن قوشۇپ قىزىقراق سۇ قۇيۇپ قويۇپ قويىمىز. تەخمىنەن 15 مىنۇت ۋاقىتقىچە بۇ خېمىرتۇرۇچىمىز كۆپۈپ پىيالىنىڭ تېشىغا چىقىپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ، شۇ چاغدا بۇنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.
تەييار قىلغان خېمىر تۇرۇچنى ئۇنغا قۇيۇپ، مانتىنىڭ خېمىرىدەك بوش خېمىر يۇغۇرىمىز. ئاندىن ئۇنى ئىسسىق جايغا قويۇپ، ئۈستىگە ھۆل لاتا يېپىپ 30 مىنۇت ئەتراپىدا بولدۇرىمىز.
خېمىر تەييار بولغۇچە كۆكتاتلارنى لەغمەنگە توغرىغاندەك چوڭلۇقتا قىلىپ توغرىۋالىمىز.
بولغان خېمىرىمىز ئېلىپ، لېسنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئۈستىدىن بېسىپ، تارتىپ دېگەندەك لېسنىڭ ئۈستىگە دەل كېلىدىغان ھالەتكە ئەكىلىمىز. ئۈستىگە شوخلا قىيامىدىن بىر نەچچە قوشۇق قۇيۇپ، خېمىرنىڭ ئۈستىگە ھېچ يېرىنى ئالا قويماي تەكشى يېيىتىپ چىقىمىز. ئاندىن كۆك-قىزىل مۇچلارنى، پىيازنى (پىياز بەك ئاز بولسۇن، سەللا خام بوپ قالسا تەمىنى بەك بۇزىدۇ)، موگۇنى، ئاناناسنى....ئىشقىلىپ نېمە بولسا شۇنى تەكشى يېيىتىپ سالىمىز. ئەڭ ئۈستىگە ئىرىمچىك سالىمىز.
ئىرىمچىكنى سالغاندا، سەۋزە دېگەندەك كۆكتاتلىرىمىزنى قىرىدىغان قىرغۇچ بارغۇ، شۇنىڭغا قىرىپ سالساق بولىدۇ. مەن پىززا قىلسام ئۈستىنى ھېچ يېرى كۆرۈنمىگۈدەك قىلىپ ئىرىمچىك بىلەن توشقۇزىمەن. ئۈستىگە ئەگەر تاپالىسىڭىز بىر نەچچە تېمىم زەيتۇن مېيى تېمىتىۋېتىڭ.
تەييار بولغان پىززىنى ئالدىن قىزىتىلغان دوخۇپكىدا 350-375 گرادۇسقىچە ئاستىدىن قىزىتىپ پىشۇرىمىز. دىققەت: ئۈستىدىن قىزىتسىڭىز ئىرىمچىك بەك ئاسانلا كۆيۈپ كېتىدۇ.
ئىرىمچىك پۈتۈنلەي ئېرىپ، خېمىرنىڭ چۆرىسى قىزارغاندا پىشىپ دەپ ئېلىپ يېسىڭىز بولىدۇ.
تونۇشتۇرۇش:
ئىرىمچىك: غەربتە ئەڭ كۆپ يېيىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى. بەلكىم بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزمۇ يېگەن بولۇشى كېرەك. چۈنكى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ئىرىمچىكنىڭ تارىخى 8000 يىلغا قەدەر سوزۇلىدىغان بولۇپ، تۈركىي قەبىلىلەر ئەڭ بۇرۇن ئىستېمال قىلغان ئىكەن. ھازىر بۇ نەرسە كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئايرىلالمايدىغان مۇھىم يېمەكلىككە ئايلاندى. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك يىلغا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىرىمچىك بايرىمىنىڭ بولغانلىقىغا قاراپمۇ ئىرىمچىكنىڭ نەقەدەر قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ يېنىدىلا بىر ئىرىمچىك دۇكىنى بار. ناھايىتى چوڭ دۇكاندا پەقەت ئىرىمچىك ساتىدۇ. بىرەر يۈز خىل ئىرىمچىك بارمىكىن دەيمەن. كىشىلەر نە-نەلەردىن كېلىپ ئېلىپ كېتىشىدۇ.
ئىنگلىزچىسى: cheese, خەنزۇچىسى : 干酪