[attachment=1004]

ماتېرياللىرى : قوينىڭ قوۋۇرغىسى 500 گ ، كۆكباش 2 دانە ، كۆككاۋا 500 گ ، تۇز ، ئاقمۇچلار مۇۋاپىق مىقداردا
تەييارلاش جەريانى :
1. قوۋۇرغىنى ژىرىپ ، 5 سانتا ئۇزۇنلۇقتا توغراپ ، قايناقسۇغا بېسىپ قېنىنى قاچۇرۇپ ئېلىۋالىسىز. كۆكباشنى چوڭ - چوڭ پارچىلايسىز ، كۆككاۋىنى ئاقلاپ ، ئۇرىقىنى ئېلىۋېتىپ يۇيۇپ ، پارچە توغرايسىز .
2. بىر ھىجىر قاچىغا ( قازانغا ) قوۋۇرغىنى سېلىپ چىلاشقۇدەك سۇ قۇيۇپ ، قاينىتىپ ئوتنى پەسەيتىپ داۋاملىق قاينىتىسىز ، قوۋۇرغا چالا پىشقاندا كۆكباش بىلەن كۆككاۋىنى سېلىپ ، تۇۋاقنى يېپىپ 20 مىنۇت قاينىتىپ ، تۇز بىلەن ئاقمۇچنى سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ ، چىنىگە ئۇسۇيسىز .
ئالاھىدىلىكى : تەييارلاش ئاددى ، گۆشى يۇمشاق ، ئوزۇقلۇقى يۇقۇرى ، تەمى مەززىلىك ، شورپىسى تېتىملىق بولىدۇ .