چۆچۈرە ئېتىش ئۇسۇلى
ماتىرىياللىرى:گۆش(ياغلىق بولسۇن،كالا،قوي گۆشلىرى بولسا بولىۋىرىدۇ)،باش پىياز،تۇز، زىرە، ئاشكۆكى
1.چىڭ قىلىپ خېمىر يۇغىرىمىز، ئۆزىگە كەلگۈچە قىيما قىلىمىز.
2.گۆشنى ، باش پىيازنى ئۇششاق توغراپ قىيما قىلىمىز، ئاندىن تۇز، زىرە سېلىپ ئارىلاشتۇرىمىز.
3.خېمىرنى نۇغۇچ بىلەن ئاشتاختىغا مۇۋاپىق كەلگۈدەك قىلىپ يۇمىلاق قىلىمىز،نېپىز قىلىپ يايىمىز، ئاندىن كۇۋادىرات شەكلىدە كېسىپ جىلتە ئاچىمىز،چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك قىزبالىنىڭ ئالقىنىدەك بولسا بولار( چوڭ-كىچىكلىكىنى ئاسانلا تەڭشىۋالىسىز،مەن ئۆلچەم بىلەن دەي دېسەم ئۇقماي قالدىم).

4.تەييارلانغان قىيمىدىن جىلتىگە مۇۋاپىق مىقداردا سېلىپ قاتلايمىز،قاتلاقنىڭ ئۈستىنى يەنە بىر قاتلاپلا ئىككى بېشىنى ئۇلاشتۇرۇپ قويساق بولىدۇ.
5.شورپىسىنى تەييارلايمىز،سۇ بىلەن قىلساقمۇ، ئۇستىخان بىلەن قاينىتپ تەييارلىساقمۇ بولىدۇ.
6،تۈگۈلۈپ بولۇنغان چۆچۈرىلەرنى سېلىپ پىشۇرىمىز،بەش مىنۇتتىن ئارتۇقراق قاينىسلا پىشىدۇ.
7. ئۇسۇش ئالدىدا ئاشكۆكى سېلىپ بىر قاينىتىپلا ئالىمىز.

دېققەت قىلىدىغان ئىشلار : خېمىرنىڭ ئېزىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن چىڭ يۇغىرىش كېرەك،لېكىن يايالمىغۇدەك چىڭ بوپ كەتسىمۇ بولمايدۇ،تۇزىنى ئوبدان تېتىتىپ سېلىش كېرەك،تۇزى تېتىسىلا خېمىر سۇغا چۈشكەندە ئېزىلىپ كەتمەي تىرىك چىقىدۇ.
بۇنىڭغا ئۆزىڭىز ئايرىم قىزىل مۇچ قىيامى تەييارلىسىڭىز تېخىمۇ تەملىك.
تەييارلاش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى،سوقۇلغان لازا، ئۇششاق توغرالغان سامساق ئۈستىگە تازا چۈچۈتۈلگەن ئىسسىق ياغنى مۇۋاپىق قۇيسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ، ئاندىن ئاچچىقسۇغا سامساق چىلاپ بىردەم تۇرغۇزۇپ تەمى چىققاندا ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.