ماتېريالى :  ياش قاپاق  بىر دانە ،  قوي گۆشى  300 گ ،  غولپىياز ، زەنجىۋىل ، ئاشكۆكى چانالمىسى . تۇز ، ياغ ، تېتىتقۇ .
تەييارلاش ئۇسۇلى 
1.  قاپاقنى يېرىپ  پوستى بىلەن ئۇرىقىنى ئېلىۋېتىپ پاكىز يۇيۇپ  ، قىرغۇچ  بىلەن ئىنچىكە قىرىسىز . ئۇنىڭغا  مۇۋاپىق  تۇز سېلىپ 20 مىنۇت قويۇپ ، چاناپ ، سىقىپ سۈيىنى چىقىرۋېتىسىز .  
 2. گۆشنى چاناپ  قاپاق ، غولپىياز ، زەنجىۋىل ، ئاشكۆكى تېتىتقۇ  ، ياغ ، تۇز قوشۇپ تەمىنى تەڭشەپ قىيما قىلىسىز .  
 3.   خېمىرنى تەكشى ئۈزۈپ ، ئېچىپ  ئىچىگە  مۇۋاپىق مىقداردا قىيما  سېلىپ  تۈگۈرە  تۈگىسىز . 
4.  قازاندىكى  سۇ قاينىغاندىن كېيىن  تۈگۈرىنى سېلىپ  قاينىتىپ پىشۇرۇپ  ،  مەن ئۆتكەندە  يوللىغان  ياغمۇچقا  ئاچچىقسۇنى قۇيۇپ تەڭشەپ  تۈگۈرىنى تەككۈزۈپ يەيسىز . 
 ئالاھىدىلىكى :  تەمى سۇس ، كۆڭۈلگە  تەگمەيدۇ ،  دىئابىت كېسىىگە  شىپا قىلىدۇ .