ماتېريالى : ياش قاپاق بىر دانە ، قوي گۆشى 300 گ ، غولپىياز ، زەنجىۋىل ، ئاشكۆكى چانالمىسى . تۇز ، ياغ ، تېتىتقۇ .
تەييارلاش ئۇسۇلى
1. قاپاقنى يېرىپ پوستى بىلەن ئۇرىقىنى ئېلىۋېتىپ پاكىز يۇيۇپ ، قىرغۇچ بىلەن ئىنچىكە قىرىسىز . ئۇنىڭغا مۇۋاپىق تۇز سېلىپ 20 مىنۇت قويۇپ ، چاناپ ، سىقىپ سۈيىنى چىقىرۋېتىسىز .
2. گۆشنى چاناپ قاپاق ، غولپىياز ، زەنجىۋىل ، ئاشكۆكى تېتىتقۇ ، ياغ ، تۇز قوشۇپ تەمىنى تەڭشەپ قىيما قىلىسىز .
3. خېمىرنى تەكشى ئۈزۈپ ، ئېچىپ ئىچىگە مۇۋاپىق مىقداردا قىيما سېلىپ تۈگۈرە تۈگىسىز .
4. قازاندىكى سۇ قاينىغاندىن كېيىن تۈگۈرىنى سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۇپ ، مەن ئۆتكەندە يوللىغان ياغمۇچقا ئاچچىقسۇنى قۇيۇپ تەڭشەپ تۈگۈرىنى تەككۈزۈپ يەيسىز .
ئالاھىدىلىكى : تەمى سۇس ، كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ ، دىئابىت كېسىىگە شىپا قىلىدۇ .