( 八宝饭 )
ئاساسى ماتىريال: ئۇزۇنچاق گۈرۈچ < 耨米 > 150 گىرام ،
قوشۇمچە خۇرۇچلار: ئۈرۈك قېقى، ئۈزۈم قېقى، بادام مېغىزى، چىلان، ئانار دانىسى
قارا ئۈرۈك قېقى، ئالقات، قوغۇن قېقى قەلەمچىسى، شىكەر ، سۇ يېغى ئىھتىياجغا قاراپ
ئىشلەش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن سەككىز خىل يىمىشنى ئىھتىياج بويىچە تەييارلاپ ئىلىمان
سۇغا چىلاپ قويىمىز ، ئاندىن گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇپ قويۇپ ، چىلاپ قويغان يىمىچلەرنى
سۇسىزلاندۇرۇپ يايپاڭراق چىنە ئىچىگە چىرايلىق شەكىل چىقىرىپ تىزىمىز، ئاندىن گۈرۈچنى
تىزىلغان يىمىچلەرنىڭ ئۈستىگە ئاۋايلاپ سېلىپ ئۈستىگە شىكەر سىپىپ،
ئازراق سۇيېغى تېمىتىپ ئۆز مۆلچەرىمىزدە
ئىھتىياجغا لايىق سۇ قۇيۇپ قاسقانغا سېلىپ 25 مىنۇت ئەتىراپىدا دۈملەپ ئېلىپ ئۈستىگە
تەخسىنى يېپىپ تۇرۇپ ئاۋايلاپ ئۆرۈپ تەخسىگە چۈشىرىۋالىمىز،
كەينىدىن ئىستىمال ئىھتىياجىمىزغا قاراپ ھەر خىل مىۋە شەربەتلىرىدە شىرنە تەييارلاپ
ئۈستىگە قۇيۇپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ ،
قېنى مەرھەممەت!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئەسكەرتىش : سۇ يېغى تېمىتىشتا مەخسەت ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئۆزەڭلا جاۋاپ بىرىپ بېقىڭلار!!!!!!!!!!!!!!!!